ئوكسفورد ۋە خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتلىرىنىڭ ئېسىل خىسلىتى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-17 04:58:40

ئوكسفورد ۋە خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتلىرىنىڭ ئېسىل خىسلىتىشوتلاندىيەنىڭ شىمالىدا بىر نامرات رايون بار بولۇپ ،بۇ رايوندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ...



    ئوكسفورد ۋە خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتلىرىنىڭ  ئېسىل خىسلىتى

     


    شوتلاندىيەنىڭ شىمالىدا بىر نامرات رايون بار بولۇپ ،بۇ رايوندىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئىلتىماس قىلىش ئۆلچىمىگە توشىدىكەن .بۇ خەۋەر بۇ رايونغا نىسبەتەن يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيانقى چوڭ خەۋەر ئىكەن.شوتلاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپتۇ.لېكىن، كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىرافىسسورى يۈزتۇرانە ئىمتىھاندىن كېيىن «بۇ ئوقۇغۇچى ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتى تەلەپ قىلغان يوشۇرۇن ئىجاتچانلىق قابىليىتىنى ھازىرلىماپتۇ، قوبۇل قىلمايمىز دەپتۇ.»

    «قوبۇل قىلمايمىز؟!» بۇ نامرات رايوندىن 100 يىلدىن بۇيان ئاران چىققان ئەليۇل ئەلا تۇرسا! بۇ خەۋەر شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپتۇ.
    ئەمەلدارلار بۇ ئىشنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش قارارىغا كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دەرىجىمۇ دەرىجە ياردەم تەلەپ قىلىپ مائارىپقا مەسئۇل ۋەزىرنى ئوتتۇرغا چۈشۈپ مەكتەپ تەرەپ بىلەن سۆزلىشىشكە ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ. ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مۇدىرى ۋەزىرگىمۇ پەرۋا قىلماپتۇ. مائارىپقا مەسئۇل ۋەزىر مۇئاۋىن باش ۋەزىرنى مەكتەپ تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشقا دەۋەت قىپتۇ. مۇئاۋىن باش ۋەزىرمۇ بۇ ئىشنى ھەل قىلالماپتۇ. بۇ ئىش ئاخىرى بېرىپ ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بلايىرنىڭ ئالدىغا كەپتۇ، بىلايىر يۈزىنى قېلىن قىلىپ مەكتەپ تەرەپ بىلەن سۆزلەشمەكچى بوپتۇ.
    بىلايىر بارلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ مەكتەپ رەھبەرلىگىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىپتۇ، مائارىپنىڭ ئۈلگىلىك رولىدىن تارتىپ ئۇلۇغ بېرتانىيە رايونىنىڭ ئىتىپاقلىغىغىچە، مەدىنيەتتىن تارتىپ ئىقتىساتقىچە، ئىقتىساددىن تارتىپ سىياسىغىچە، كىچىك دائىرىدىن تارتىپ چوڭ ۋەزىيەتكىچە ھەممىنى سۆزلەپتۇ، لېكىن مەكتەپ تەرەپ يەنىلا ئۆزىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلماسلىق پىكرىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. مەكتەپ رەھبەرلىگى يەنە سۆز تارقىتىپ «ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتى پىروفىسسورىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىش ھوقوقى يوق. ۋەزىر بولسىمۇ بولمايدۇ! » دەپتۇ.


    بۇ ئىش بلايىرنىڭ يۈزىنى تۆككەندەك بوپتۇ ھەم ئىچىدە ئاچچىغى كەپتۇ ھەم ئىچكى قىسىمدا ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىدىكىلەر بەك جاھىل دەپ تەنقىدلەپتۇ. نەتىجىدە بۇ گەپ مەكتەپ تەرەپنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ، غەزەپلەنگەن مەكتەپ رەھبەرلىگى ئەسلىدىكى بىلايىرغا پەخرى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىغىنى دەرھال جاكارلاپتۇ.
    بۇ ئىش باشقا قايسى دۆلەتتە يۈز بەرسۇن ، مەكتەپ رەھبەرلىگى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن، لېكىن ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت بۇ دېمكىراتىك دۆلەتتە باش ۋەزىر بلايىر ئاچچىغىنى ئىچىگە يۇتۇشقا مەجبۇر.


    دۇنياغا مەشھۇر ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتى مانا مۇشۇنداق. بۇ جەھەتتە خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىمۇ ھەرگىز قېلىشمايدۇ.
     

    1986-يىل خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىىنىڭ قۇرۇلغانلىغىغا 350 يىل توشقان بولۇپ مەكتەپ 350 يىللىق خاتىر كۈنىنى ۋە شۇ يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنى بىرگە ئۆتكۈزمەكچى بوپتۇ، ھەم شۇ چاغدىكى پرىزىدېنت رىگاننى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ۋە نوتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىپتۇ. چۈنكى خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى قۇرۇلغانلىغىنىڭ 300 يىللىق خاتىرە كۈنى پرىزىدېنت روزۋېلتمۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئىكەن، ھەم بۇ ئىش مەكتەپنىڭ شۆھرىتىگە شۆھرەت قوشىدىغان ئىش. پرىزىدېنت رېگان تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن پائالىيەتكە قاتنىشىشقا قوشۇلۇپتۇ لېكىن ئاستىرتتىن مەكتەپتەپتىن ئۆزىگە پەخرى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىشنى بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. بۇ ئەسلىدە كىچىككىنە بىر ئىش بولسىمۇ ، مەكتەپ تەرەپ مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن ، پرىزىدېنت ھىچقانداق ئىلمى تەتقىقات بىلەن شوغۇللانمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسىنى بىردىن بىر ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ پروفېسسور تەكلىپ قىلىدىغان ۋە پەخرى ئۇنۋان بېرىدىغان تۈزۈمنى ئورناتقان بولۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ھەيئىتى مەكتەپنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش ئۈچۈن رېگاننىڭ تەلىۋىنى كەسكىن رەت قىپتۇ. مەكتەپتىن دەككە يىگەن پرىزىدېنت رىگان، مەكتەپنىڭ 350 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشماپتۇ.


    خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى پرىزىدېنتنى رەت قىلالاپلا قالماستىن، مەكتەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىدىمۇ ھەرگىز بوشاڭ ئەمەس.


    ھېنرى. كېسىنگىر خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى ھۆكۈمەت فاكولتىتىنىڭ ئەلا ئوقۇغۇچىسى.،1947-يىل «دۆلەتلىك ئۈگەنگۈچىلەر ئوقۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەنلىگى ئۈچۈن بۇ ئۇنۋېرسىتىتقا كىرگەن، تىرىشچانلىغى، ئىنكاسىنىڭ تېزلىگى، ئىزدىنىپ ئۈگىنىدىغانلىغى، ئەلا نەتىجىسى بىلەن ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشكەن.1950-يىلى ئۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ،4 يىلدىن كېيىن دوكتۇرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، مۇنەۋۋەر ياش سىياسىئونغا ئايلانغان. ئۇ ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدا «خارۋارت ئۇنۋېرسىتىتى خەلقارا لېكسىيەسى» گە رىياسەتچىلىك قىلىپ نۇرغۇن پروفېسسور ۋە سىياسىئونلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.1959-يىلى «يادرو قورالى ۋە تاشقى ئىشلار ئىستراتىگىيىسى» دىگەن كىتاپىنى نەشر قىلدۇرۇپ بىراقلا داڭ چىقارغان. 1962-يىل خارۋارتتا پروفېسسور بولغان، 1969-يىل نىكسون ھۆكۈمىتىنىڭ دولەت بىخەتەرلىگى ئىشلىرى ياردەمچىسى، كېيىنچە دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى بولغان.1977-يىل ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ ۋېيتنام ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىگى ئۈچۈن 1972-يىل نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نېكسون بىلەن جوڭگونى زىيارەت قىلىپ، جوڭگو ئامېرىكا تاشقى ئىشلار تارىخىدىكى بۇرۇلۇشنى ۋۇجۇتقا چىقارغان. يەنە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئۆتكۈزىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان........... بۇ بىر قاتار تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق دۇنياغا داڭلىق سىياسىئونغا، تاشقى ئىشلار مۇتەخەسىسىگە ئايلانغان.


    نۇرغۇن شەرەپكە ئىرىشكەن كىسىنگىرنىڭ كۆڭلىدە پەقەت بىرلا ئارزۇسى بار بولۇپ ، ئو بولسىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئانا مەكتىپىگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئىكەن، بۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ نەزىرىدە تاقاشقۇدەك ھىچنەرى يوق ئاددىلا بىر ئىش شۇنداقلا خارۋارتقا نىسبەتەنمۇ تىلەپمۇ تاپقىلى بولمايدىغان ياخشى ئىش، لېكىن بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسى يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىغان. شۇ ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پروفېسسور بوك ھىچقانداق ئىككىلەنمەستىن كېسىنگىرنى رەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دىگەن «كىسىنگىر ئەپەندى خارۋارت ئۇنۋېرسىتىتىدىن چىققان چوڭقۇر بىلىملىك ئادەم، شەخسى مۇناسىۋەتكە كەلسەك مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىممۇ يامان ئەمەس. بىراق ماڭا لازىمى ئوقۇتقۇچى، نوپۇزلۇق ئەرباپ ئەمەس، مەن ھەرگىز پۇل خەجلەپ بىر داڭلىق ئەرباپنى تەكلىپ قىلمايمەن ».


    ئەمىليەتتە دۆلەت ئىشلىرى باش كاتىپى كېسىنگىر داڭلىق خەلقارا مۇناسىۋەت ئىلمى مۇتەخخەسىسى، ئۇنىڭ قابىليىتى خارۋارتتىكى ھەرقانداق بىر پروفېسسوردىن قېلىشمايدۇ، ئۇنى رەت قىلغان ئەمىليەتتە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۇ سۆزىلا ئەمەس، بەلكى «ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى 2 قاراردىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ، مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىيىتى يوق » دىگەن تۈزۈم.


    بەلكى قائىدە تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشتا پولاتتەك چىڭ تۇرۇش، ھىچنىمىگە باش ئەگمەسلىك قاتارلىق خىسلەتلەر ئوكسفۇرد، خارۋارد قاتارلىق دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ ئۆز خاسلىغىنى يوقاتماي، كۆپ ئۆزگىرىشچان دۇنيادا شۆھرىتى ھەريانغا تارىلىپ، نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان قەد كۆرۈرۈپ تۇرغانلىغىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك.

    مەنبەسى:«بىلىم-كۈچ» ژورنىلى 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.