ھايات، ئىنسان ۋە ئەركىنلىك ھەققىدە

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-24 08:31:41

ھايات، ئىنسان ۋە ئەركىنلىك ھەققىدە1.ھاياتنىڭ مەنىسىنى يوقۇتۇپ قويغان بولسام، ھاياتىمغا خاتىمە بېرىشىم لازىم.2. ھاياتنىڭ ئۆزىدە، ئۆزىگە خاس بىر غايىسى بولىدۇ. بۇ غايە ھايات ياشلىق، گۈزەللىك، س...

    ھايات، ئىنسان ۋە ئەركىنلىك ھەققىدە


    1.ھاياتنىڭ مەنىسىنى يوقۇتۇپ قويغان بولسام، ھاياتىمغا خاتىمە بېرىشىم لازىم.
    2. ھاياتنىڭ ئۆزىدە، ئۆزىگە خاس بىر غايىسى بولىدۇ. بۇ غايە ھايات ياشلىق، گۈزەللىك، سالامەتلىك ۋە ئەركىنلىك قاتارلىق بارلىق تاشقى مەنىلىرىنى يوقۇتۇپ قويغاندا نامايەن بولىدۇ. دەل بۇ ۋاقىتتا ھاياتنىڭ گۈزللىكىنىڭ بۇ ئارۇ قىلىنغان بىراق ۋاقىتلىق قىممەت – قاراشلاردا ئەمەس، دەل ھاياتنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.
    3. كۆپ ھاللاردا ھەددىن زىيادە مەدىھيىلىنىپ كېلىۋاتقان « ئۆلۈمنى چوڭ بىلمەسلىك ياكى تۆۋەن كۆرۈش» خىسلىتى، ھاياتقا ياكى ئىنسانغا بولغان ھۆرمەت سۇسلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن.
    4. ھېگېل زەڭگىلەر، ھىندىلار ۋە جۇڭگولۇقلارغا ئىنتايىن تۆۋەن باھا بېرىدۇ. مەسىلەن مۇنداق دەيدۇ: زەڭگىلەرنىڭ تەبىئىتىدە ئىنسانى پەزىلەتلەردىن ئەسىرمۇ يوق…. ئىنساننى ھېچ قاتارىدا كۆرىدىغان ئەھۋاللار ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان، مۇستەبىتلىك ئادالەتسىزلىك،دەپ قارالمايدۇ. ئادەم گۆشىنى يىيىش ياكى ئۆز ئارا قىرغىنچلىق قىلىشمۇ يول قويۇلغان ۋە ئادەتتىكى قىلمىشلار قاتارىدا». « جۇڭگولۇقلار شەرەپ تۇيغۇسى بىلەن قەتئىي ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ ياكى ئېتىراپ قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەردە شەرەپ، دەپ بىر نەرسە يوق. ھۆكۈمرانلىق تۇيغۇسى، ئاسانلا پەسكەشلىككە دۇچار قىلىدىغان قۇللۇق تۇيغۇسىدۇر. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆلۈمسىزلىككىنى پەش قىلىشىلىرىمۇ دەل پەسكەشلىك خاراكتېرى بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك. ئۇلار قەيەردە بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئالدامچىلىق قىلىش بىلەن تونۇلغان ياكى « مەشھۇر» بولغان. يېقىن دوستلار بىر- بىرىنى ئالدىشىدۇ، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىردە ئاشكارلىنىپ قالسا بىر – بىرىلىنى ئەيىبلىشىپمۇ قويمايدۇ. قارا نىيەتلىك ۋە ھىيلىگەرلىك ھىندىلارنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىدۇر. ھىندىلار، غالىبلارغا ۋە خوجايىنلىرىغا بويۇن ئىگىپ پەسلىشىدۇ ۋە ئۇلارغا قارا نىيەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر غالىب كەلگەن قەۋىملەرگە ياكى تەسلىم بولغانلارغا ئىنتايىن رەھىمسىزلىك قىلىدۇ» ( ھېگېل، تارىخ پەلسەپىسى). مىنىڭ قارىشىم بولسا، بۇ بايانلاردا ئىرىقچىلىق ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ياۋروپا مەركەزچىلىك ئاساس قىلىنغان. ئەگەر بىر ئەخلاق تۇيغۇسى، يالغۇزلا بەزى مىللەتلەرنىڭ ياكى ئىرقلارنىڭ ئىمتىيازى بولسا ئىدى، رىئالىقتىكى بەزى ھەققىقەتلەر بولمىغان بولاتتى. ئەخلاقسىز بولغان  شەخستۇر، خەلق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئومۇمىي باھا بەرگىلى بولمايدۇ.
    5. ئىككى ھەقىقەت، بىرى شائىرنىڭ يەنە بىرى بىلىم ئىگىسىنىڭ ھەقىقىتى. شائىرغا كۆرە، يۇلتۇزلار يا جىلۋە قىلىشىدۇ يا قايغۇرۇشىدۇ ۋەياكى ئاسماندىن بىزگە قاراپ ئەبەدىلىكتىن سۆز قىلىشىدۇ. ئاي پەلەكنىڭ چىرىقى، ئاشىقلارنىڭ دوستلىرىدۇر. دەريا شىلدىرلايدۇ ۋە بىزگە ھېكايە سۆزلەپ بېرىدۇ. قېرىپ كەتكەن كاۋچۇك دەرىخى سىر ساقلايدۇ. ئاسمان كۈلۈمسىرەيدۇ ياكى غەزەپ بىلەن گۈلدۈرلەيدۇ. تاغ چوقىلىرى پايانسىز ئاسماندا تەپەككۇر قىلىدۇ ۋە تەبىئەتنىڭ ئەبدىيلىكىدىن ۋە بارلىق جانلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىدىن سۆز قىلىشىدۇ. بىلىم ئىگىسى (ئالىم) بولسا مەۋجۇداتلارنى شائىردىن تامامەن پەرقلىق كۆرىدۇ. بىلىم ئىگىسىگە نىسبەتەن تەبىئەت پارچىلانغان ۋە بىر – بىرىدىن ئايرىلىغان بىر نەرسىدۇر. ئالەم قۇپقۇرۇقتۇر، ھەر نەرسە ئۆزىدە غەيرى شەخسى كۈچلەرنىڭ ئويۇنلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئاي بىلىنىۋاتقان ياكى قوبۇل قىلىنىۋاتقان ھەر قانداق بىر غايىگە تايانماستىن ئالەم بوشلۇقىنىڭ قاراڭغۇلىقىدا قانچە مىليون يىلدىن بېرى ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان تۈز ۋە سوغۇق بىر پلانېتتۇر. ئەگەر شائىرنىڭ يالغانلىرىنىڭمۇ ياكى بولمىسا بىلىم ئىگىسىنىڭ ( ئالىم) توغرىلىرىنىڭمۇ بىزگە ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى ۋە ئەڭ كۆپ ھەقىقەت تەقدىم قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈلەلىگەن بولساق ئۆزىمىز ھەققىدە ئىنتايىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلەلىگەن بولاتتۇق. بەلكىدە ماھىيىتىمىز ۋە يىلىتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك جاۋاب، بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى ۋە قەيەردىن كەلگەنلىكىمىزگە دائىر سوئاللارنىڭ جاۋابى بۇ نۇقتىدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان بولۇشى مۇمكىن.
    6. ھاراقكەشلەر ئىچىدە بىرەر نورمال ( ھاراقتىن ئۇزاق ئىنساننى كۆرسىتىدۇ) بولۇشى ھەقىقەتەن كۈلكىلىك بىر ئەھۋالدۇر. چۈنكى ھاراقكەشلەر توپىدا ھاراقكەشلەر كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدۇ ۋە نورماللىقنىڭ ئۆلچىمىنى ئۇلار بەلگىلەيدۇ. مۇشۇنداق بىر توپ ئىچىدە نورمال بىر ئىنسان ئەلۋەتتە بىنورمال كۆرىنىدۇ.
    7. پەقەت سورىغۇچىلا جاۋاب ئالالايدۇ.
    8. ئەركىنلىكنىڭ ئۈستۈنلىكلىرىنىڭ ئەركىنلىك سىرتىدىكى باشقا بىر نەرسە بىلەن ئىسپاتلىنىشقا ئېھتىياجى يوق. ئۇ پەقەت ئۆز ئۆزىنىڭ تەمىنلىگۈچىسىدۇر.
    9. ھايدېگگېر ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈم پەلسەپىسى، تامامەن خىرىستىيان ئىدىيىسى ۋە تۇيغۇ ئالىمىنىڭ بىر قىسىمى خالاس. بۇ خۇددى ماركىسنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۈمىدۋار ھايات پەلسەپىسىنىڭ تەۋراتنىڭ ( ئاھدى- ئاتىك) يەھۇدىي دۇنياسىغا تەۋە بولۇشىغا ئوخشايدۇ. ماركس بىلەن ھايدېگگېرنىڭ ئەھۋالى، مۇسا بىلەن ئەيساغا، ئىنجىل بىلەن تەۋراتقا، يەھۇدىلىق بىلەن خىرىستىيانلىققا ئوخشاشتۇر. ماركسىنىڭ پەلسەپىسى يۈزەكى ۋە ئۈمىدۋادۇر، ھايدېگگېرنىڭ پەلسەپىسى چوڭقۇر ۋە چۈشكۈندۇر. ھەقىقى پەلسەپە يالغۇزلا ئۆلۈم ھادىسىسىنى تۇتقا قىلغان پەلسەپىدۇر. ئەكسىچە بولغاندا، ھەر قانداق بىر گۇمانغىمۇ ئورۇن قويمايدىغان يالغۇز بىر نەرسە بىلەن، يەنى ئۆلۈم ھادىسىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەققىقەتتىن قېچىپ تۇرۇپ قانداقلارچە ھەققىي مەنىدىكى ھايات ھەققىدە سۆز ئېچىشتەك سوئال ھەر دائىم باقى قالغان سوئالدۇر.
    10. ئىككى كىشى پېتىپ كېتىۋاتقان تىتانىك ھەققىدە دو تىكىشىپتۇ، ئۇلاردىن بىر ھېيلە ئىشلىتىپتۇ. ھەققىي ھاياتتىمۇ كۆپلىگەن كىشى بۇ ئىككسىگە ئوخشايدۇ.
    11. تۈرمىدىكى ئىنساننىڭ بىرلا ئارزۇسى بار: ئەركىنلىك. ئەگەر تۈرمىدا كېسەل بولۇپ قالسىڭىز، ئەركىنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايسىز، ئويلايدىغىنىڭىز سالامەتلىكىڭىزدۇر، بۇ سەۋەبتىن سالامەتلىك ئەركىنلىككە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم.
    12. دۆت بىر سەھرالىق توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن. دۆتلۈك، ئاتالمىش زىيالى ئاخماقلارد ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ دۆتلۈكنىڭ ئەڭ بىمەنە ۋە ئەڭ روشەن ئىپادىسىدۇر. «مەلۇماتلىقلار»،دۆتلىكىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈنلا ئاشىكارلىنىپ قالىدۇ. دۆتلۈك « ئۇلاردا » مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ خىلدىكى دۆتلۈكنى مەن سەھرالىقلاردا ئۇچرىتىپ باقمىدىم.
    13. ھەددىن زىيادە كىتاب ئوقۇش بىزنى ئەقىللىق قىلمايدۇ. بەزى ئىنسانلار كىتابنى ئاددىلا قىلىپ « يۇتىۋېتىدۇ». ئۇلار بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغاندا ھەزىم قىلىش، ئوقۇغاننى پىششىقلاپ ئىشلەش، چۈشۈنۈش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان پىكىر قىلىش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمايدۇ. بۇ خىلدىكى كىشلەر سۆزلىگەندە ھېگېل، ماركس ۋە ھايدېگگېر قاتارلىقلاردىن بەزى ئۈزۈندىلەرنى خام ھالدا ئوتتۇرىغا تاشلىشىدۇ. بىر ھەرىنىڭ گۈل چېڭىنى ھەسەلگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە ئۆزىنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارى كېرەكلىك بولغىنىغا ئوخشاش ئوقۇشمۇ شەخسى تىرىشچانلىقنى تەقەززار قىلىدۇ.
    14. نىيوتون، دارۋىن ۋە فرېئۇد قاتارلىقلار تەتىقىق قىلغان ھەر مەسىلىلەردە قارارچىلىق (دېتېرمىنزىم)نى چىقىش قىلىشتى يەنى ئاساس قىلىشتى. نىيوتۇن ئالەمگە، دارۋىن جانلىقلار دۇنياسىغا ۋە فرېئۇد رۇھقا خىتاب قىلدى. بۇ ئۈچ قارارچىلىق تۈرى كېينچە قايتىدىن بەس – مۇنازىرە قىلىندى. بەس – مۇنازىرە ئېينىشتىنىڭ نىيوتۇننىڭ نەزىرىيىسىنى رەت قىلىشى بىلەن باشلاندى.
    15. كائىنتاتتىكى مەۋجۇداتلار بىر – بىرلىرى بىلەن سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىدىن بەكرەك ئۆز – ئارا بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى ئىچىدە. مەۋجۇداتلارنى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئىچىدە كۈزىتىشتىن بەكرەك بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى ئىچىدە كۈزىتىشىمىز لازىم.
    16. دۇنيا راستىنلا ياخشى ۋە يامان، دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەنمىدۇ؟ بۇ سەۋەبتىن ئىنسانمۇ مۇشۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈنۈپ كەتتىمۇ؟ مەنچە بىر « رومانتىك » بىلەن « رىئالىست» ئوتتۇرىسىدىكى پەرق دەل مۇشۇ نۇقتىدا. رومانتىكلار دۇنيانى ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ مەيدانى سۈپتىدە كۆرۈشىدۇ. بۇ ئىنسانلاردىن بىر قىسمى ياخشى، يەنە بىر قىسمى ئەسكى. رىئالىستلارمۇ ئوخشاش ئۇرۇشنى كۆرۈشىدۇ. بىراق ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئۇرۇشنى. مەنچە رىئالىستلار ھەقىقەتكە بەكرەك يېقىن.
    17. مۇستەھكەم بىر بىناغا نەزەر سالغىن: ئۇنى سمونىتلارنىڭ ياكى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پولاتنىڭ بىر يەردە تۇتۇپ تۇرغانلىقى راست. بىراق توغرا بولغىنى، بىنانى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان نەرسىنىڭ ئۇنىڭ ئاساسلىق تەڭپۇڭلۇقى ۋە نىسبەت ئىچىدىكى پىكىرلەردۇر.
    18. زىددىيەتلىك ئەھۋالار كۆپ، ئەگەر كېچە بولمىغان بولسا يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ كۆركەم مەنزىرلىرىدىن مەھرۇم قالغان بولاتتۇق. كۈن نۇرى بىزنى « كۆرۈشتىن» مەھرۇم قالدۇرغان بولسا، قاراڭغۇلۇق « كۆرۈشىمىزنى» كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
    19. بىر سۆز ھەقىقەتنى نامايەن قىلىپ بېرىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىر ۋاقىتتا شۇ ئوخشاش سۆز ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىشلتىلىشى مۇمكىن.
    20. ئوخشاش بىر نەرسە ھەققىدە مىڭلىغان يالغانلار بار بولۇشى مۇمكىن. بىراق مەزكۇر نەرسە ھەققىدە بىرلا ھەقىقەت بار.
    21. ھايات خەتەرلىك بىر نەرسىدۇر. بىخەتەرلىكنىڭ يوقلىقى ھاياتنىڭ بەدىلى ھېسابلىنىدۇ. پەقەت ئۆلگەنلار بىلەن تۇغۇلمىغانلارلا ھەققى مەنىدىكى بىخەتەرلىك ئىچىدە.
    22. ئاتالغۇلار ۋە ئىسىملارنىڭ مەنىسى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلماستىن بۇرۇن بەس – مۇنازىرە قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئۇزۇن يىللار بۇرۇن بايقىغان كىشى ئەپلاتۇن ئىدى.
    23. ھايدېگگېرنىڭ بىر « مەۋجۇتلۇق پەلسەپىسى» يارىتىش ئۈچۈن يۈكسەك پىداكارلىق، يۇقىرى مەلۇمات ۋە ھەددىن زىيادە قىزىقىش قاتارلىقلارنىڭ تۈرتكىسىدە كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقلىرى- ئۆزى ئېتىراپ قىلىغنىغا ئوخشاش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.
    24. بىر قېتىم ئىۋو ئاندركتىن بىر سوئالغا قىسقا ۋە مېغىزلىق جاۋاب بېرىشى ئۆتۈنۈلدى، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: « ھاراققا بېرىلمە». ئاندرك ئىنسانلار ھاراق ئېچىشنى تاشلىغان بولسا ، نۇرغۇن ئەسكى ئىشتىن ۋاز كىچىدىغانلىقىغا چىن يۈركىدىن ئىشەنگەن. ئادرك بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دەيدۇ: « ئىنسلار ھاراقنىڭ نە قەدەر زىيىنى بارلىقىنى تىلغا ئېلىشقاندا نۇرغۇنلىغان قايىل قىلارلىق مىسال بېرىشىدۇ. بىر دوختور ھاراقنىڭ سالامەتلىككە نە قەدەر زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسە، بىر ئىجتىمائىي خىزمەت مۇتەخەسىسى ھاراقكەشلەرنىڭ ئائىلە مەسىلىرىدىن، ئاجرىشتىن، بەختىسىز بالىلىرىدىن سۆز قىلىدۇ،بىراق ئەڭ مۇھىم بىر ئامىل سەل قارىلىدۇ: ئىنسان ھۆرمىتى. ئىنسانلارغا شۇنى دېمەكچىمەن: ئۆزىڭىزنىڭ يۈز خاتىرىسى ئۈچۈن ئىچمەڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىچمەڭ، ئۆزىڭىزنى خارلىققا دۇچار قىلماڭ»، مىنىڭ قارىشىم بولسا: ھاراقنىڭ چەكلىنىشىنىڭ دىنى بىر چەكلىمە بولۇشىنىڭ سەۋەبى مەنچە مۇشۇنداق، چۈنكى دىن بۇ زىيان ۋە پايدا بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماسلىق مۇمكىن، ئەمما ئىنسان ھۆرمىتىنىڭ سەل قارىلىشىغا ئەسلا يول قويمايدۇ.
    25. قايغۇ بىلەن سەل قاراشنىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە، مەن قايغۇنى تاللايمەن.
    26. ئەگەر ۋاقىتنى مەن ئۆلتۈرمىسەم، ۋاقىت مىنى ئۆلتۈرىدۇ.
    27. يالغۇز ھاياتقىلا ھۆرمەت قىلىش ئەمەس، ئەينى زاماندا ئۆلۈمگىمۇ ھۆرمەت قىلىش لازىم. ئىككىسى بىر – بىرى بىلەن چېتىشلىق. ئۆلۈمگە ھۆرمەتسىزلىك ھاياتقا ھۆرمەتسىزلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر.
    28. ئەڭ ئېغىر شەرەپ مەسىلىسى نىمە؟ ئۇ بولسىمۇ ئۆزۈڭگە ۋە غايەڭگە سادىق بول.
    29. ئۈمىدسىزلىنىش نە قەدەر چوڭ؟ ئۈمىتنىڭ چوڭلىقى قەدەر. زور ئۈمىدلەر ئېغىر ئۈمىدسىزلىنىىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    30. « بىر تەرەپلىمە قاراشنى يوق قىلىش ئاتومنى پارچىلاشتىنمۇ قېيىن بولسا ھازىرىغىچە ياشاپ ئۆتكەن ۋاقتىمىز ھەسرەتلىك ۋە قورقۇنچتۇر» ئېينىشتىن.
    31. مەشھۇر بىر كىنىو رىژوسورى: « بىر ئىنساننىڭ كۆپ كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن يا ئىنتايىن باي بولۇشى ياكى بەك نامرات بولۇشى كېرەك» دېگەن ئىكەن، مەن شۇنى قوشۇپ قويماقچى: ياكى بىر مەھبۇس……..
    32. رىئالىستلار، ئىنسان ھەققىدە ئويلىغانلىرىمىز ياكى ئېيتقانلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتتىن بەكرەك ھەدىدىن زىيادە ئىدىئالىزىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىنسانلاردىن بەكرەك ئارزۇلىرىمىز، ئىنساننىڭ قانداق بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىدىن بەكرەك قانداق بولۇشى لازىملىقى ھەققىدە كۆپرەك بەس – مۇنازىرە قىلىىشمىز مۇمكىن. بۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئىنساننىڭ قانداق بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىگە دائىر گۈزەل چۈش، بىزنى ئىنسان قىلغان نەرسىدۇر. ئەگەر ( ھەق ⁄ توغرا) ياكى ( ھەقىقەت) نامىغا بۇ قاراشنى بىر خاتالىق ياكى ئەخمەقلىق دەپ قاراپ بىر چەتتە قايرىپ قويساق، ھاياتىمىزنى مۇكەممەل قىلىدىغان ھەر نەرسە يوقاپ كېتىدۇ. ئىنسانىيەت مەيىل بولىدىغان ھەر تۈرلۈك ئەسكىلىككە ۋە رەزىللىكە دۇچار بولىمىز. ئەپسۇس،
    33. ھەققىي شائىر، ھەققىي سەنئەتچى ئۆزى خالمىسىمۇ كۈرەشكە ئاتلنىپ بولغان بولىدۇ. ئۇنىڭ سەنئىتى چىن بولسا دائىم يالغانلارغا زىت ھەرىكەت قىلىدۇ.
    34. ئىنسان ھاياتىدا، يالغۇز ئۆلۈم پىكرى بىر ئارزۇنى ئويغىتىدىغان ۋە روھنىڭ بارلىق ھارغىنلىقىدىن قۇتقۇزۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.

    (ئالى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ «ئەركىنلىككە قېچىش» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.