چېرچىل بىلەن سىتالىننىڭ سۆھبىتى

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-05 20:08:08

چېرچىل بىلەن سىتالىننىڭ سۆھبىتى1942 – يىلى 5- ئاي، ئەنگىلىيە – ئامېركا ئىككى دۆلەت مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئىككىنچى ئۇرۇش سېپىنى ئېچىپ، سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ بېسىمىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئۇرۇشنى ...



     

    چېرچىل بىلەن سىتالىننىڭ سۆھبىتى

     

      1942  – يىلى 5- ئاي، ئەنگىلىيە – ئامېركا ئىككى دۆلەت مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئىككىنچى ئۇرۇش سېپىنى ئېچىپ، سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ بېسىمىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئۇرۇشنى ئىمكانقەدەر تېزرەك ئاياغلاشتۇرماقچى بولىدۇ، بۇ سوۋېت ئارمىيىسىگە پايدىلىق ئىدى. ئارقىدىنلا چېرچىل دەسلەپكى قارارىغا پۇشايمان قىلىپ قالىدۇ، ئۇ ئامېركا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شىمالىي ئافرىقىدائىككىنچى ئۇرۇش سېپىنى ئاچماقچى بولىدۇ. سىتالىننىڭ بۇ پىلانغا قوشۇلماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالغان چېرچىل سىتالىن بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ئۈچۈن، ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ موسكىۋاغا بارىدۇ.

      1942 - يىلى 8-ئاينىڭ 12- كۈنى كەچ، چېرچىل بىلەن سىتالىننىڭ تۇنجى سۆھبىتى باشلىنىدۇ.

      سۆھبەت باشلىنىش بىلەنلا، چېرچىل ئىككىنچى ئۇرۇش سېپىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن پىلانىنى سىتالىنغا ئۇقتۇرىدۇ، يىغىن كەيپىياتى ئىنتايىن سۈرلۈك تۈس ئالىدۇ.سىتالىن:

      - سىلەر ئىككىنچى ئۇرۇش سېپىنى ئىچىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان ئەسكىرى كۈچنى ئىشقا سالمىدىڭلار، ھەتتا ئالتە دىۋىزىيىنى ئىشقا سېلىپ قۇرۇقلۇققا چىقىشنىمۇ خالىمىدىڭلار،- دەيدۇ.

      - ئالتا دېۋىزىيە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ دىۋىزىيىنى ئىشقا سېلىپ قۇرۇقلۇققا چىقىش قولىمىزدىن كېلىدۇ،- دەيدۇ چېرچىل دەرھال سىتالىننىڭ گىپىنى چۈشىنىپ،- لېكىن بۇنداق قۇرۇقلۇققا چىقىشنىنىڭ زىيىنى باركى، پايدىسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كېلەر يىللىق ئۇرۇش پىلانىغا دەخلىسى بولىدۇ. ئۇرۇش ئۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى قان تۆكۈلىدىغان مەيدان.

      - ئۇرۇش بولغانىكەن، چوقۇم قان تۆكۈلىدۇ، تەۋەككۇل قىلمىغاندا، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ،- دەيدۇ سىتالىن تەنە قىلىپ.  

      ئىككەيلەننىڭ سۆھبىتى شۇيەرگە كەلگەندە، يىغىن زالىنى كىشىنىڭ دېمىنى سىققۇدەك جىمجىتلىق باسىدۇ. سىتالىن قاتتىق يەلەپپۇزدا:

      - مۇبادا سىلەر بۇ يىل فرانسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقمىساڭلار، مېنىڭمۇ سىلەرنى قىستاپ تۇرۇۋېلىش ھوقۇقۇم يوق. لېكىن شۇنى ئېيتىپ قويۇشۇم كېرەككى، سوۋېت ئىتىپاقى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرىنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلمايدۇ.،- دەيدۇ.

      چېرچىل كەيپىياتنى تەڭشەش ئۈچۈن، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمان قىلىۋاتقانلىق مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ. بۇ مەسىلە ئىككى تەرەپ قىزىقىدىغان مەسىلە بولغاچقا، ئۇلار ناھايىتى تېزلا پىكىردە بىرلىككە كېلىپ كەيپىياتمۇ بارا – بارا قىزغىن بولىدۇ. ئەنگىلىيە مۇناسىپ ھالدا بەزى ئىشلاردا مۇرەسسە قىلىدۇ ۋە يول قويىدۇ.

      چېرچىل پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىمالىي ئافرىقىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشنىڭ «مەشئەل پىلانى» نى سىتالىنغا چۈشەندۈرىدۇ، سىتالىنمۇ ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى قىزىقىپ ئاڭلايدۇ. ئارقىدىنلا، چېرچىل يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن، ئەنگىلىيە – ئامېركا ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى سوۋېت ئىتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ سول قانىتىغا يۆتكەش ئارقىلىق، كاسپى دېڭىزى بىلەن كاۋكاز تاغ تېزمىلىرىنى قوغداشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

      ستالىن بۇنىڭدىن تولىمۇ رازى بولىدۇ. چېرچىل بىلەن سىتالىن كېيىنكى سۆھبەتتە «مەشئەل پىلانى» نىڭ ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن قايتا – قايتا ئەستايىدىل كېڭىشىدۇ، سىتالىن چېرچىلنىڭ «مەشئەل پىلانى» غا ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكىرىنى ئېيتىدۇ ۋە ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ گىرمانىيە ئارمىيىسىدىن ئەنسىرەپ كەتمەسلىكىنى، ئۇرۇشنى تېزرەك ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگىلىيە بوغۇزى (لامانشى بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دىن قۇرۇقلۇققا چىقىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

      ئىككى تەرەپ جىددىي سۆبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر قايسىسى ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن مەقسەت – نىشانىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.

      ئاخىرقى بىر نەچچە قېتىملىق سۆھبەتتە، چېرچىل «مەشئەل پىلانى» نىڭ يولغا قويۇلىشىنى ئىمكانقەدەر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتىپاقىغا لاۋازىمات تەمىناتى جەھەتتە ناھايىتى زور دەرىجىدە ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلىدۇ. چېرچىل يەنە بىر قېتىم يول قويىدۇ، لېكىن مەقسەت – نىشانى يەنىلا «مەشئەل پىلانى»دا بولىدۇ. چېرچىل سۆھبەت كەيپىياتىنىڭ ئىناق بولۇشى ئۈچۈن، گەپ ئارىلىقىدا بىرمۇنچە چاقچاق ۋە ھېكمەتلەرنى سۆزلىگەچكە، كۆپچىلىك ئۆزىنى خېلى ئەركىن ئازادە تۇتىدۇ. چېرچىل سۆھبەت داۋامىدا «ئۈچ چوڭ دۆلەت سەمىيمى ھەمكارلاشسىلا، فاشىسىتلارنى بىتچىت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى» قايتا – قايتا تەكىتلەيدۇ.

      چېرچىلنىڭ ئىتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ئوي - پىكرى ئاخىر سىتالىننىڭ قوللاپ– قۇۋەتلىشىگە ئېرىشىدۇ.

      يولغا چىقىش ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق زىياپەتتە، چېرچىل سىتالىنغا قەدەھ تۇتۇپ:

      - ھەزرەتلىرى نېمى كەچۈرۈۋەتتىڭىزمۇ؟- دەيدۇ.

      سىتالىن تەمكىنلىك بىلەن كۈلۈپ قويۇپ:

      - بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى. ئۆتمۈشتىكى ئىشلار خۇداغا مەنسۈپ،- دەيدۇ.

      چېرچىل دەل ۋاقتىدا يول قويۇپ، پىرىنسىپنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ سىتالىنغا دوستانە بولغاچقا، مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىدۇ.

     

      ئازات ئالماس تەرجىمىسى 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.