ئېينىشتىيىننىڭ «بىلىمسىزلىكى»

يوللىغۇچى : halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-30 20:38:00

ئېينىشتىيىننىڭ «بىلىمسىزلىكى»بىر كۈنى تېلېۋىزوردا بىر پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالا توغرىسىدىكى پىروگراممىنى كۆرۈپ قالدىم. 11 ياشلاردىكى بىر بالا نەق مەيداندا «شىنخۇا لۇغىتى»نى يادلاپ بې...

    ئېينىشتىيىننىڭ «بىلىمسىزلىكى»

     

     

    بىر كۈنى تېلېۋىزوردا بىر پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالا توغرىسىدىكى پىروگراممىنى كۆرۈپ قالدىم. 11 ياشلاردىكى بىر بالا نەق مەيداندا «شىنخۇا لۇغىتى»نى يادلاپ بېرىۋاتاتتى. رىياسەتچى بىر نەچچە خەتنى سورىۋېدى، بۇ بالا شۇ ھامان بۇ خەتنىڭ لۇغەتنىڭ قانچىنچى بېتىدە ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى. رىياسەتچى گۇمانلانغان ھالد «شىنخۇا لۇغىتى»نى ئېچىپ سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، «توپتوغرادەپ ۋارقىرىۋەتتى. بىر تاماشىبىن ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىدىن ئۆزىنىڭ ئىسمىدىكى ئۈچ خەتنىڭ لۇغەتنىڭ قانچىنچى بېتىدە ئىكەنلىكىنى سورىدى. بالا بۇ ئۈچ خەتنىڭ لۇغەتتىكى ئورنىنىمۇ قىلچە قىينالماي، توغرا ئېيتىپ بەردى. شۇ چاغدا مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدىبۇ ئالامەتنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام جاھاندا بۇنداق ئەقىللىق بالىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىگەن بولاتتىم.

     

    نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار تاماشىبىنلارغا بالىسىنى قانداق تەربىيەلىگەنلىكىنى تونۇشتۇردى. ئۇلار ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ، ئاپىسى بالىسىنىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويغىنىدىن ئىنتايىن ھاياجانلانغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوغلۇمنىڭ كىچىكىدىنلا تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ئالاھىدە ياخشى ئىدى. شۇڭا ئۇ بەش ياشقا كىرگەندە، بىز ئۇنى لۇغەت يادلاشقا زورلىدۇق، توپتوغرا ئالتە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئۇ ئاخىر مانا مۇشۇنداق سەۋىيەگە يەتتى.

    پىروگراممىنىڭ ئاخىرىدا، رىياسەتچى بالىدىن: چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىش ئويىڭىز بار؟ دەپ سورىغاندا، بالا ساددىلىق بىلەن «ئالىم بولىمەن، خۇددى ئېينىشتىيىندەك ئۇلۇغ ئالىم بولىمەن» دېدى. بۇ ئۇلۇغ غايە ئۈچۈن، يەنە بىر پەس ئالقىش ياڭرىدى. بىراق، تولىمۇ ئەپسۇس، ئېينىشتىيىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىيالمايدۇ. ئەگەر ئۇ بۇنى ئاڭلىغان بولسا ئىدى، چوقۇم ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولار ئىدى.

     

     

    ئەينى يىللىرى ئېينىشتىيىن ناتسېستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئۇ چۈشكەن ئايروپىلان ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەندە، ئايرودۇرۇم ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن چىققان كىشىلەر بىلەن تولغان ئىدى. بۇنداق سورۇنلاردا، ئەلۋەتتە، مۇخبىرلارمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇ چاغدا بىر مۇخبىر گەپ تاپالمىغاندەك، ئېينىشتىيىندىن فىزىكا ئىلمىدىكى بىر ساننى سوراپتۇ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئېينىشتىيىن ئۇنىڭغا: «بۇنى بىلمەيدىكەنمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يېرى، بۇ ناھايىتى ئاددىي بىر ئۇقۇم بولۇپ، شۇ مەيداندىكى باشقا كەسىپتىكىلەرنىڭمۇ كۆپىنچىسى ئۇنى بىلىدىكەن. راستىنى ئېيتقاندا، 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ بۇنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. بەلكىم، بۇ ئادەتتىكى سوئال بولغاچقا، ئۇ ئۆزىنى چۈشۈرگىسى كەلمەي بىلمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغاندۇ؟

    بۇ ئىش بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىر كىشى ئېينىشتىيىندىن بۇ ئىشنى سوراپتىكەن، ئۇ بۇ كىشىگىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن: «مەن ھەقىقەتەن ئۇ ساننى ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇ چاغدا ئېينىشتىيىن قارشى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن ھەيران بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ، مۇنداق دەپتۇ: «بۇنىڭغا قىممەتلىك زېھنىي كۈچۈمنى خورىتىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، لۇغەتنى ۋاراقلاپلا تاپقىلى بولىدىغان سانلارنى مەن ئەزەلدىن ئېسىمدە تۇتۇپ باقمىدىم».

    ھەقىقەتەن، ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى يادلاشتىن كەلمىگەنىدى.

    پىروگراممىنى كۆرۈپ بولۇپ، تۇيۇقسىز قوزغالغان بىر قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە، تورغا چىقىپ مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن يەنە شۇنداق چۆچۈپ كەتتىم. ئېلىمىزدە ھەقىقەتەن پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالىلار كەينى-كەينىدىن مەيدانغا چىقىۋېتىپتۇ. لۇغەت يادلىغاندىن باشقا، چەمبەر تۇراقلىقىدىكى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ كەينىدىكى ساننى 350-خانىسىغىچە يادلىيالايدىغان تۆت ياشلىق قىزچاق، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىرلارنىڭ 1000 پارچە شېئىرىنى يادلىيالايدىغان بەش ياشلىق ئوغۇل بالا، ھەتتا چەمبەر تۇراقلىقىدىكى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ كەينىدىكى سانلارنى تەتۈرىسىگە يادلىيالايدىغانلار...

     

    ئەجەبا، ئادەم بىرەر لۇغەتنى يادلىۋالسا تىلشۇناس بولۇپ كېتەرمۇ؟ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى 1000 پارچە شېئىرنى يادلىۋالغانلار شائىر بولۇپ كېتەرمۇ؟ چەمبەر تۇراقلىقىدىكى سانلارنى يادلىۋالغانلار ماتېماتىك بولۇپ كېتەرمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنداق بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنداق بولسا، بۇنداق پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالىلارنىڭ نېمىگە كېرىكى بار؟

     

    ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەم بۇنداق ئىشلارغا قاتتىق بېرىلىدۇ؟ بۇ، ئېھتىمال بالىلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى بولمىسا كېرەك، بەلكى بۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ ئابرۇيپەرەسلىكىدىن بولۇۋاتقان ئىش. ئۇلار بۇنداق تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىلەن يادلاش ماشىنىلىرىنىلا بارلىققا كەلتۈرۈدىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ قىممەتلىك بالىلىقى ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىنى نابۇت قىلىۋېتىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئىختىساسلىقلارنىڭ يادرولۇق رىقابەتلىشىش كۈچى ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ يادلاش ئارقىلىق بەلگىلەنمەيدۇ.

    قانداقلا بولمىسۇن، بالىلار «ئوكيانۇس»نى يادلىۋالغان، يەنە «ئىنگلىزچە چوڭ لۇغەت»نى يادلىۋالغان تەقدىردىمۇ، يادلاش بىلەن «نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» دەك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ، سىزنىڭچىچۇ؟

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئېينىشتىيىن