ئەجەللىك ئازدۇرۇش

يوللىغۇچى : malika يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-08 13:59:13

ئەجەللىك ئازدۇرۇشۋاڭيۆياسىنجان ئەزىز تەرجىمىسى ئېسكىموسلارنىڭ بۆرە ئوۋلاش ئۇسۇلى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇسۇل بەكمۇ ئالاھىدە ھەم ناھايىتى ئۈنۈملۈك. قەھرىتان قىش پەسلىد...



    ئەجەللىك ئازدۇرۇش

     ۋاڭيۆ
    ياسىنجان ئەزىز تەرجىمىسى


       ئېسكىموسلارنىڭ بۆرە ئوۋلاش ئۇسۇلى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇسۇل بەكمۇ ئالاھىدە ھەم ناھايىتى ئۈنۈملۈك.
        قەھرىتان قىش پەسلىدە،ئۇلار ئۆتكۈر پىچاقلىرىغا بىر قەۋەت ئىسسىق ھايۋانات قېنىنى سۈركەيدۇ، بۇ قانلار قاتقاندىن كىيىن ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت ئىسسىق قاننى سۈركەيدۇ، بۇ قەۋەت قاتقاندىن كېيىنمۇ يەنە قايتا ئىسسىق قاننى سۈركەيدۇ....مۇشۇنداق قايتا-قايتا سۈركەشتىن كىيىن پىچاق قاتقان قان بىلەن چىڭ ئورىلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە ئېسكىموسلار پىچاقنى يەرگە تەتۈر سانجىيدۇ، دەستىسىنى يەردىكى ئورەككە مۇستەھكەم ئورنىتىپ، پىچاق بىسىنى ئاسمانغا قارىتىپ قويىدۇ. بۆرىلەر قان ھىدىنى پۇراپ بۇنداق پىچاقلارنى تاپقاندا، ئۇلار روھلىنىپ پىچاق ئۈستىدىكى قاتقان قانلارنى يالاشقا باشلايدۇ. ئېرىگەن قانلار باشقىچە پۇراق چىقىرىدۇ، قاننىڭ غىدىغلىشى بىلەن ئۇلار يالىغىنىچە تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كۈچ بىلەن يالايدۇ. بىلىپ-بىلمەي قان پاك-پاكىز يالىنىپ ئۆتكۈر پىچاق بىسى كۆرۈنۈپ چىقىدۇ.
       بىراق، بۇ چاغدا بۆرە ئاللىقاچان قانخورلىشىپ ئەسەبىيلىشىپ كىتىدۇ. سوغۇق نەرسىنى يالاۋەرەەنلىكتىن بۆرىنىڭ تىلى سەزگۈسىنىمۇ يوقىتىپ پەقەت قان تەمىلا بۆرىنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ. ئۇلار قان تەمىنىڭ ئازدۇرشى بىلەن، تىلىنىڭ كىسىلگەندىكى ئاغرىقنىمۇ ھېس قىلماستىن، ئۆيكۈر پىچاق بىسىنى بار كۈچى بىلەن يالايدۇ.
       شىمالىي قۇتۇپنىڭ سوغۇق كېچىسىدە، بۆرە يالاۋاتقىنىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى ئىكەنلىكىنى قەتئىي بىلمەي قالىدۇ. ئەكسىچە تېخىمۇ قانخورلىشىپ ئاچكۆزلىشىپ، تىلىنىڭ ھەركىتى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ. قان توختىماستىن چىقىپ، تاكى ئۇ قانسىراپ قارغا يىقىلغۇچە داۋاملىشىدۇ.
       ئادەمنى ئەقىلدىن ئازدۇرغىنى ــــ سىرتقى دۇنيادىكى ئېزىقتۇرۇش، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئادەمنىڭ بارلىق زېھىن ـ كۈچىنى خورىتىپ تۇگىتىدىغىنى بولسا نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ بىخۇتلىشىشى ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنى مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان يول پەقەت بىرلا - يەنى  ئۇلارنىڭ ئاچ كۆزلىكى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.