دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى-دۇبەي«مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى» غا «ياق» دىيەلە

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-26 09:46:19

دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانىمۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسىدۇبەي«مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى» غا «ياق» دىيەلەيدۇبۈگۈنكى دۇبەي ئەر...



    دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى
    مۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)
    نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسى





    دۇبەي«مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى» غا «ياق» دىيەلەيدۇ



     


    بۈگۈنكى دۇبەي ئەرەب مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ۋە دۇنياۋى ئالاھىدىلىككە ئىگە ، يىراقلارغا نەزەر سالالايدىغان، ئۆز ئالدىغا ئىددىيىسى بار كارامەت شەھەر بولۇپ قالدى. نەچچە يۈز دۆلەتتىن كەلگەن نۇرغۇن زاتلار دۇبەيگە مۇشۇنداق باھا بەرگەن. ئۇلار دۇبەينى  ئۆزلىرىگە قىلچە يات شەھەردەك  بىلىنمەيدىغان جاي دەپ قارىشىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىك   دىن ئايرىمايدۇ، مىللەت ئايرىمايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىلىك خاراكتىرنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ھەر خىل ئازار- نىزالىرىدىن ھالقىپ ئۆتكەن. كىشىلەر تىنىچ- ئامان ياشايدۇ. دۇنيادىكى ھەممە ئادەم پۇرسەت، ھوقوق، مەجبۇرىيەت باراۋەر بولغان مۇھىتتا ياشاشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش  ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئۇمىت قىلىدۇ ئەمەسمۇ.  تىنىچلىقنى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى، خىلمۇ- خىل بىللە تۇرۇش- دىندا بىللە  تۇرۇش، ئىختىلاپتا بىللە تۇرۇش، قىممەت قارىشىدابىللە تۇرۇش، ئىددىيىدە بىللە تۇرۇشلار تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈۋرۈكى.



    يۈكسەك دەرىجىدىكى كۆپ مەنبەلىشىش- دۇبەينىڭ شۇنچە جەزبىدارلىققا ئىگە بولۇشىنىڭ مەخپى سىرى. بۈگۈن بىز مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا  كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە دىن تىنىچ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان،ھەممە ئادەم بىر- بىرى بىلەن ئىناق ھەمكارلىشالايدىغان، ھەممە جەھەتتىن قالتىس كارامەت يارىتالايدىغان بىر  تىپ ياراتتۇق.



    بۈگۈنكى كۈنلۈكتە يەنە كىم مەدەنىيەتلەر توقونۇشى، ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن غەرىپ مەدەنىيىتى دۈشمەن  دەپ سۆز ئاچالايدۇ. يەنە كىم غەرىپ دۆلەتلىرى ئىسلام ئەللىرى بىلەن تىنىچ بىللە تۇرالمايدۇ دىيەلەيدۇ؟ كىم بىزنى ھاياتلىقنى ئەمەس  ئۆلۈمىنى ئۇلۇغلايدۇ دىيەلەيدۇ؟ بۇنداق دەيدىغانلار چۈقۇم دۇبەيگە كىلىپ باقمىغان، دۇبەينى كۆرۈپ باقمىغانلار ، دۆلىتىمىزنىڭ شانلىق تارىخىدىن  قىلچە خەۋەرسىز كىشىلەر بولۇشى مومكىن. بىزنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمىز  خىلمۇ- خىل  دىنلار بىلەن تىنىچ بىللە تۇرالىغان، بىزمۇ ئۇلار قىلغان ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز. بىز يەنە بىر قىتىم شۇنى ئىسپاتلىماقچىمىزكى، بىزنىڭ  ھاياتىمىز - تىگى- تەكتىدىن ئىلىپ ئېيىتقاندا ئىسلام دىنىنىڭ  تەشەببۇسى بويىچە بولىدۇ، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز پەخىرلىك ھالدا تىنىچ بىللە تۇرۇشتا ئىپادىلىنىدۇ.


     



    دۇبەينىڭ كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن كۈچى قانچىلىك؟

     

     





    ئوتتۇرا شەرىق دۇنياسى يىڭى بىر ئېرانى كۈتۈۋالماقتا

    دۇنيانىڭ غەربى بىلەن شەرقى ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇز نەچچە دۆلەتتىن  تەركىپ تاپقان بىر ئىقتىسادى بىرلەشمە گورۇھ بار، بۇ بىرلەشمە گورۇھ تەرەققىيات قۇرۇلمىسى، ئىقتىسادى ئەندىزە جەھەتتە يۇقارقى ئىككى گورۇھنىڭ ئىچىدىكى ھىچقايسىسىغا تەۋە ئەمەس. ئۇ دېڭىز قولتۇقى بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنى، ھىندى-بىرازىلىيە چوڭ قۇرۇقلۇقلىرى، دېڭىز قولتۇقىنىڭ شىمالى، ئوتتۇرا ئاسىيا، تۈركىيە، شىمالى ئافرىقا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىرلەشمە گورۇھ دەل  ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان- «دۇنيانىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ئىقتىسادى رايۇنى».




     غەرب ۋە شەرق دۇنياسى دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدا تەرەققىيات سەۋىيسى، سىياسى- ئىقتىسادى تۈزۈلمە، جەمىيەت ۋە مىللەت قۇرۇلمىسى جەھەتتە ، ئادەم كۈچى ۋە مالىيە بايلىق مەنبەسى قاتارلىق جەھەتلەردە زور پەرىق مەۋجۇت. دۇنيانىڭ ئوتتۇرا قىسىم دۆلەتلىرىدىمۇ شۇنداق. لېكىن، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا قىسىم دۆلەتلەرنى كۈزىتىش نوقتىسىنىڭ قانچىلىك ئوخشىماسلىقىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى بايقايدۇكى، پۈتۈن دۇنيا نۇپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىغا ئىگە بولغان بۇ ئەمىلى گەۋدىنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى 1.5 تىرلىيون ئامرىكا دوللىرى بولۇپ، ئامرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىىرىش ئومومى قىممىتىنىڭ %12 گە تەڭ، ياپۇنىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتىنىڭ %40 گە تەڭ. رايۇن ئارا سودا سوممىسى 700 مىليارىد ئامرىكا دوللىرىغا يىتىدۇ.



    تارىخنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر  پايدىسى بار، يەنى ئۇ كەلگۈسىدە يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۇنيانىڭ ئوتتۇرا قىسىم دۆلەتلىرى كۆپ خىل دىننىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى، دۇنيادا ھازىرغىچە بىلىپ يىتەلىگەن ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەتلەرنىڭ بۆشۈكى، ئۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر تۈركۈم ئىددىيە مەركىزى، مەدەنىيەت مەركىزى، ئىلىم- پەن مەركىزى، سودا مەركەزلىرىنى ئاپىرىدە قىلدى. تارىخنىڭ ئۇزۇنلۇقى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ يىشى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. بىر- ئىككى يۈز يىل ۋاقىت پەقەت كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچىلىك ۋاقىت بولۇشى مومكىن. سىز كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئاچقىنىڭىزدا ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيىتى بۇرۇنقى كونا ئالتۇن دەۋىردىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورنىغا يىڭىدىن بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى  دەسسەتكەنلىكىنى  كۆرىسىز.



    مىڭ يىل ئىلگىرى بۇ رايۇنلار ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان بولسا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنداق. بۈگۈن ئوتتۇرا قىسىم دۆلەتلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان كشىلەر يەنىلا ئەشۇ كىشلەرنىڭ پۇشتى، ئۇلارنىڭ  نەۋرە- چەۋرىلىرى، ئەۋلادلىرى ئەقىل – پارسەت ۋە ئىجادچانلىق جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ 10 ئەسىر ئىلگىرىكى  ئەجدادلىرىدىن قىلچە قىلىشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن،  مۇبادا  ئوتتۇرا قىسىم دۆلەتلىرى مۇۋاپىق تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تىپىۋالسا ھىچكىم ئۇلارنىڭ  ئىقتىسادى جەھەتتە غەرىپ ۋە شەرىق دۆلەتلىرىدەك تەرەققى قىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. شۇنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى، بۇ رايۇنلار دۇنيانىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم نۇپۇسى بىلەن دۇنيانىڭ ئۈچتىن بىر قسىىم بايلىقىغا ئىگە بولۇپ قەد كۆتۈرگەن چاغدا، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.

    بۇ تەرەققىياتنىڭ ئىسپاتى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن دۇبەي بۇنىڭ رىېئال ئىسپاتى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.