ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-08 00:14:26

ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى --«خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى»غا تەقلىد جياڭشىنىڭ يىخۇاڭ دېگەن يېرىدە ئۆي چېقىش تۈپەيلىدىن ئۆزىنى كۆيدۈرىۋېلىش ۋەقەسىدە ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان ناھىيىلىك ...



    ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى
     

    --«خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى»غا تەقلىد
     

    جياڭشىنىڭ يىخۇاڭ دېگەن يېرىدە ئۆي چېقىش تۈپەيلىدىن ئۆزىنى كۆيدۈرىۋېلىش ۋەقەسىدە ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى ۋە ھاكىمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر 2-دېكابىردىن باشلاپ تارقالغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سابىق شۇجىنىڭ ئىشقا چۈشكەنلىك خەۋىرىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن، قانداق مەنسەپكە ئولتۇرغانلىقىنى ئېيتمىغان. بۇندىن بۇرۇن شۇجى ۋە ھاكىمنىڭ دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. 2010-يىلى 10-سېنتەبىر ، جياڭشىنىڭ يىخۇاڭ ناھىيىسىدە ئۆي چېقىش سەۋەبىدىن ئۆزىنى كۆيدۈرىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ئېغىر زەخمىلىنىپ، بىر ئادەم قازا قىلغان. («جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»نىڭ 3-دېكابىر خەۋىرى)
    بىزنىڭ بەزى پارتىيە ئەزالىرىمىز ۋە ئەمەلدارلىرىمىز قالتىس ئادەملەردۇر. بۇ قوشۇندىكى بەزى ئادەملەر ھەقىقەتەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلار ئەمەستۇر، ئۈزۈل-كېسىل خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلار ئەمەستۇر. ئۇلار ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر، GDP ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار ھەتتا سىياسىي دەسمايە ۋە خۇسۇسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر. جايلاردىكى ئۆي چېقىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان ئۆي چاققۇچى ئەمەلدارلار بىزنىڭ قوشۇنىمىزدىكى تايانچلىرىمىزدۇر.
    ساختىپەزلىكنىڭ سورىقى بولىدۇ، ئەمەلدارلىقنىڭ خېيىم-خەتىرى بولىدۇ. چاتاق چىققاندا، مەنسىپىدىن ئېلىۋەتكەن بولۇپ، رەسمىيەتچىلىك قىلماي بولمايدۇ. مەنسىپىدىن قېلىشنىڭ ئەھمىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاۋام-پۇقرا ئۈچۈن گەپ قىلىپ، يۇقۇرىنى ۋە يولداشلىرىنى خاپا قىلىپ قويۇپ مەنسەپتىن قالسا، ھاڭگىرىت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز بولىدۇ. ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ئۈچۈن گەپ قىلىپ چاتاق چىقىپ مەنسىپىدىن قالسا، تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك بولىدۇ. ئۆي چاققۇچى ئەمەلدارلار ئومۇملىقنى كۆزلەپ، مۇھىم قائىدىلەرنى بىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، چاتاقچى، قاداق ئائىلىلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلدى. كۈرەش ۋە خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ۋاقتىنچە ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، شامال ئۆتۈپ كەتكەن ھامان ئۇلار قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۆرنەكلىرىمۇ يوق ئەمەس. سەنلۇ ئەمەلدارلىرى قايتا باش كۆتۈرمىدىمۇ؟ پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋە كان پارتلاش ۋەقەسىدىكى ئەمەلدارلارمۇ قايتا باش كۆتۈرمىدىمۇ؟ ئۆي چاققۇچى ئەمەلدارلار جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلاردۇر، جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنۈلۈشىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلاردۇر. جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلق چاكارلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى ئەمەلدارلارنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ئىشتۇر.
    بىز ئۆي چېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلارمىز. شۇڭا بىزدە كەمچىلىك بولىدىكەن، ھەتتا ئۆي چېقىشتا ئادەم ئۆلىدىغان ئىش چىققان تەقدىردىمۇ، باشقىلارنىڭ تەنقىت قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىشىگە ئۇنىمايمىز. قانداق كىشى ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، كىم كۆرسىتىپ بېرىمەن دېسىمۇ بولمايدۇ. سېنىڭ ئېيتقىنىڭ توغرا بولسىمۇ، بىز تۈزەتمەيمىز. سەن ئېيتقان چارە خەلققە پايدىلىق بولسىمۇ، بىز سېنىڭ ئېيتقىنىڭچە ئىش قىلمايمىز.
    بىز بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، خەلقنىڭ گەپ-سۆزىدىن قورقمىساقلا، بىزنىڭ بۇ قوشۇنىمىز چوقۇم گۈللەپ - ياشنايدۇ. يەر-زىمىندىن كېلىدىغان كىرىمگە كاپالەتلىك قىلالىساقلا، بىر قىسىم بۇزۇقلارنى ئالدىن بېيىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

    بىز ھەر يەر - ھەر يەردىن كېلىپ، «ئۆي چېقىش بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايدۇ» دېگەن قەتئىي ئېتىقاد ئۈچۈن توپلاندۇق. بىز يەنە زور كۆپچىلىك خەلققا ۋەكىللىك قىلىپ مۇشۇ يولدا ماڭىمىز. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ كۆپ جايلار ۋە ئەمەلدارلىرىمىز ئۆي چېقىش ۋە يەر سېتىش بىلەن بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولدى. بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس، تېخىمۇ كۆپرەك بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا پۈتكۈل قوشۇننىڭ بەختىنى تاپالايمىز.

    يولداشلىرىمىز قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا ئۇتۇقلارنى كۆرۈشى كېرەك، يورۇقلۇقنى كۆرۈشى كېرەك، غەيرىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
    بىز ھەر بىر يولداشقا غەمخورلۇق قىلىشىمىز لازىم، بىر - بىرىمىزگە غەمخورلۇق قىلىشىمىز، بىر - بىرىمىزگە كۆيۈنۈشىمىز، بىر - بىرىمىزگە ياردەم بېرىشىمىز، ئۆي چېقىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئاخىرىغىچە قىلىشىمىز لازىم.
    بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ قوشۇنىمىزدا مەيلى كىم بولسۇن ئۆي چېقىش سەۋەبىدىن مەنسەپتىن قالغان بولسا، مەيلى رەسمىي بولسۇن ياكى ۋاقتلىق بولسۇن، ئۇ ئۆي چېقىشقا ئاز - تولا پايدىلىق ئىش قىلغانلا بولسا، بىز ئۇنى قايتا باش كۆتۈرگۈزىشىمىز، تەبىرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىمىز لازىم. بۇ بىر تۈزۈم بولۇپ قالسۇن. مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن غايىمىزنى بىلدۈرۈپ، پۈتۈن ئۆي چېقىش قوشۇنىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.



    مەنبە: خەلق تورى
    ئاپتورى: چياۋ جىفېڭ

    تەرجىمىدە: ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان. 

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۆي چېقىش چياۋ جىفېڭ