ھاياتىمدىكى ئادەملەرگە

يوللىغۇچى : Alma يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-09 18:36:00

ھاياتىمدىكى ئادەملەرگە (مەن ياقتۇرغان قۇرلار ،مەلۇم بىر گېزىتتىن ئېلىندى) ئۇچقاندەك چاپچىپ كېتىۋاتقان ھايات پويىزىمغا كىملەر قەدەم ئېلىپ يەنە كىملەر قايسىدۇر نامەلۇم بېكەتلەردە چۈشۈپ قالدى، ...

     

     ھاياتىمدىكى  ئادەملەرگە

    (مەن ياقتۇرغان قۇرلار ،مەلۇم بىر گېزىتتىن ئېلىندى)

             ئۇچقاندەك چاپچىپ كېتىۋاتقان ھايات پويىزىمغا كىملەر قەدەم ئېلىپ يەنە كىملەر قايسىدۇر نامەلۇم بېكەتلەردە چۈشۈپ قالدى، بىلمىدىم،ئاخىرقى  بېكەتنىڭ كۆلەڭگىسى كۆرۈنىۋاتقان شۇ   دەملەردە  ناۋادا ماڭا قايتىدىن باشلاش نىسىپ بولسا ئىدى...

           ھايات قىسمەتلىرىمنىڭ تۇيۇقسىز ۋە كۈتمىگەن بىر پەيتلىرىدە چىن يۈرۈگۈمدىن سۆيگەن شۇ كىشىنى ئۇچراتسام، ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك ھەمراھ  بولۇشقا ئۇل سالىدىغان ھەر بىر پۇرسەت ۋە ئۇچۇرنى جان تىكىپ  قوغلاشقان ئىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ مەندىن يىراقلىشىۋاتقان ھەر بىر قەدىمى، ۋاقتى ئۆتكەندە مەن ئۈچۈن مەڭگۈ ئورنىنى تولدۇرۇۋالالمايدىغان چوڭ ھاڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

          يەنە شۇنداق بىر پەيتلەردە سادىق بىر دوستقا ئۇچرىسام ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي سىردىشىپ، ھال–مۇڭ بولۇشۇپ، مەڭگۈ تاشلاشماي ئۆتەتتىم، چۈنكى  ھايات سەپىرىدە سېنى بىلىدىغان ھەقىقىي قەدىناس بۇرادەرگە نېسىپ بولۇش بەسى مۈشكۈل ئىش.

          يەنە شۇنداق بىر پەيتلەردە مېنى تۇرمۇشنىڭ دىشۋارچىلىق ھاڭلىرىدىن ھاتەمدەك سېخىيلىق ۋە مەردلىك بىلەن تارتىپ چىقىرىدىغان باشپاناھقا ئۇچراپ قالسام، ئۇنىڭغا ئۆمۈر بويى مىننەتتارلىقىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن بولاتتىم، چۈنكى ئۇ ھايات يولۇمدىكى يولباشچىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

          يەنە بىر پەيتلەردە مەن سۆيگەن ، ئەمما مېنى سۆيمىگەن شۇ كىشىنى ئۇچرىتىپ قالسام ئۇنىڭدىن يەنىلا  مىننەتدار بولاتتىم ، چۈنكى ئازاب سەھراسىدا  سەۋدايى قىلسىمۇ، ھەر ھالدا ماڭا سۆيۈشنىڭ نېمىلىكىنى شۇ كىشى بىلدۈرگەن.

          يەنە بىر پەيتلەردە مەن نەپرەتلەنگەنلەرگە يولۇقۇپ قالسام  ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سالام بەرگەن بولاتتىم ،چۈنكى شۇلارنىڭ بېشىمغا سالغان   ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدە تاۋلىنىپ سەۋر-تاقەتنى، قەيسەرلىكنى، چىدام ۋە كەچۈرۈمنى ئۈگەنگەنمەن.                                                       

          يەنە بىر پەيىتلەردە ماڭا يۈزسىزلىك قىلغان ،ئىشەنچىمنى نومۇسسىزلارچە  سېتىۋەتكەنلەرگە ئۇچراشسام، ئۇلار بىلەن ئىچ قارنىم بوشىغىدەك ھال-مۇڭ بولار ئىدىم،چۈنكى ھايات پەسىللىرىمدە شۇلار بولمىسا مەن ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ساداقەتنى بىلىپ يەتمىگەن بولاتتىم.

       يەنە بىر دەملەدە ماڭا يوشۇرۇن كۆيگەنلارگە ئۇچراشسام ،ئۇلارغا بەخت تىلىگەن بولاتتىم، چۈنكى براۋنى سۆيۈش ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بەختىنى تىلەش بىلەن تەڭ دەرىجىدە بولۇشى لازىم.

               يەنە بىر دەملەدە  ھايات دەپتىرىمدىن  بۇرۇنلا ئۆچۈرۈلگەن بىرلىرىگە  ئۇچرىشىپ قالسام، مېنىڭ ھاياتىمغا‹غوجا كۆردى›قىلىپ بولسىمۇ بىر يولۇقۇپ قويغىنىغا ھەشقاللا ئېيتار ئىدىم، چۈنكى ئۇ ئۇنتۇلماس شېرىن ئەسلىمىلىرىمنىڭ بىردىنبىر گۈۋاھچىسى ئىدى.

          يەنە شۇنداق بىر ھالدا نىزالىشىپ قالغانلارغا ئۇچراشسام، ئۇنىڭغا ئىگىلىپ چاي تۇتۇپ كۆڭۈللەردىكى ئاغرىق -ئاداۋەت داغلىرىنى يۇيۇپ تاشلايتتىم، چۈنكى مۇشۇ پۇرسەت ئۆتۈپ كەتسە بەلكىم ئۇنىڭ بىلەن يارىشىش پۇرسىتىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن.

        يەنە بىر پەيتلەردە ....ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولغان شۇ جۈپتۈمنى يەنە بىر ئۇچرىتىپ قالسام، ئۇنىڭغا باش تەسەددۇق قىلىپ مىڭلارچە رەھمەت –ھەشقاللا بىلەن سۆيۈنۈپ، كۆيۈنۈپ تۇرۇپ تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرگەنن بولاتتىم، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن مەن ھاياتىمدا نېمىنىڭ بەخت ۋە ھەقىقىي سۆيۈش، چىن ئەقىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.


    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 21:08:16]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق