ئالىي مەكتەپتە نېمىگە ئىنتىلىش كېرەك

يوللىغۇچى : qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-19 19:31:57

ئەگەر مەن 10 يىل ياكى 20 يىل كەينىگە قايتالىغان بولسام، ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، غەيرەت-جاسارىتىم بىلەن بىلىم، دوستلۇق ۋە مۇھەببەتكە ئىنتىلەتتىم. چۈنكى بۇ بىز ياشلارنىڭ ھوقۇقى!

    ئالىي مەكتەپتە نېمىگە ئىنتىلىش كېرەك
     
    چىيەن لىچۈن
     
    بىلىم،دوستلۇق،مۇھەببەت
     \
    بىلىم، دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل ئۈچ نەرسە، بىلىم گۈزەلدۇر! دوستلۇق گۈزەلدۇر! مۇھەببەت گۈزەلدۇر!
    ئالىي مەكتەپتىكى 4 يىل بۇ ھاياتتىكى ئەڭ قىممەت ۋاقىتلاردۇر. بىز بۇ ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك؟
    بەزى ساۋاقداشلار ماڭا خەت يېزىپ،ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ زور ئۈمىدلەر بىلەن مەكتەپكە بېرىپ، تۇنجى سائەتلىك دەرسكە چىقىش بىلەنلا مۇئەللىمنىڭ ئۆتكەن دەرسىنىڭ تايىنى يوقلىقىنى، مۇئەللىمدىن رازى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى. مېنىڭچىمۇ ھەر بىر ئالىي مەكتەپتە بىر قىسىم ناچار ئوقۇتقۇچىلار بار. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ شۇنداق! بارلىق دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى بولىشى مۇمكىن ئەمەس. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ياخشى بولمىسا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەسىر يېتىدۇ. لېكىن ئالىي مەكتەپتە ھەل قىلغۇچ ئامىل ئۆزۈڭ. ۋاقىت، ماكان ھەممە نەرسە ساڭا تەۋە، ئۆزەڭنى ئۆزۈڭ باشقۇرىشىڭ، ئۆزلىكىڭدىن ئۆگىنىشىڭ كېرەك. ئوتتۇرا مەكتەپتىكىگە ئوخشاش مۇئەللىمگىلا تايىنىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزەڭ ئۈچۈن مۇستەقىل پىلان تۈزۈشىڭ كېرەك.
    ئالىي مەكتەپتە نېمە قىلىش كېرەك؟ ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن قايسى ۋەزىپىنى ئادا قىلىش كېرەك؟ مەن جوۋ زورېننىڭ بىر قارىشىنى ئويلاپ قالدىم:«بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى پۈتۈنلەي تەبىئەتكە ئوخشايدۇ». ئۇنىڭ قارىشىچە ھايات تەبىئەتتىكى 4 پەسىلگە ئوخشايدۇ: باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتنىڭ باھار پەسلى؛ ئالىي مەكتەپ ھاياتنىڭ ياز پەسلى؛ پۈتتۈرگەندىن تارتىپ ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلگىچە بولغان ۋاقىت كۈز پەسلى؛ قېرىلىق ھاياتنىڭ قىش پەسلىدۇر. ھاياتتىكى پەسىللەر بىلەن تەبىئەتتىكى پەسىللەر ئوخشاش بولۇپ، باھاردا باھاردا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىش كېرەك، يازدا ياز پەسلىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىش كېرەك. تەبىئەتتىكى پەسىللەرنى ئالماشتۇرغىلى بولمىغاندك، ھاياتتىكى پەسىللەرنىمۇ ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ. ھازىرقى مەسىلە شۇكى ھاياتتىكى پەسىللەر ئالمىشىپ قالدى. مەن بېيجىڭدا ھەمىشە بوۋاي مومايلارنىڭ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ ناھايىتى تېتىك يۈگەنلىكىنى كۆرىمەن. قېرىلار شوخلىشىپ ياش-ئۆسمۈرلەر قېرىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ بىر چوڭ مەسىلە. شۇڭا مەن دائىم بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا:«سەن ھازىر شوخ تېتىك بولماي قاچان بولماقچى؟» دەيمەن. ھاياتتىكى پەسىللەرنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە بالىلار باشقا ئىشنى قويۇپ غەمسىز ئوينىشى كېرەك. بالىلار دۆلەتنى قۇتقۇزىشى كېرەك دېيىش سەل يالغان بولۇپ قالدۇ. بالىلارنىڭ دۆلەتنى قۇتقۇزىشى بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھوقۇقتىن ھالقىپ كەتكەنلىك. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىشى ئەمەس.
    ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇھىمى نېمە قىلىشى كېرەك؟ بۇ يەنە مېنى 48 يىل ئاۋالقى بىر ئىشنى ئەسلەتتى. مەن بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا يېڭىلا كىرگەندە، جۇڭگو تىلى فاكولىتىېى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋېلىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئەينى چاغدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، كېيىن داڭلىق يازغۇچى بولغان ۋېن شىياۋيۈ ھەدىمىز:«ئالىي مەكتەپكە كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز، ئالىي مەكتەپتە ئۈچ نەرسە ئەڭ مۇھىم: بىلىم، دوستلۇق، مۇھەببەت». مۇھەببەت دېگەن بۇ نەرسىنى قوغلاشمىساڭمۇ بولىدۇ. جېنىڭنىڭ بارىچە قوغلاشساڭ تېخىمۇ بولمايدۇ. ھازىر نۇرغۇن ياشلار مودا قوغلىشىپ، مودا ئۈچۈنلا مۇھەببەتلىشىدۇ، مۇنداق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
    ئەمەلىيەتتە، مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىلا بىر قىزنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرگەن، لېكىن جۈرئەت قىلالمىدىم، يەنە كېلىپ مەن ئۇ چاغدا كىتاب خالىتىسى بولۇپ، ھاماقەتلىكىمدىن بۇنىڭ مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئىدىم. شۇڭا ئالىي مەكتەپتە ھەقىقىي، پاك مۇھەببەتكە ئۇچرىساڭ ھەرگىز ۋاز كەچمە. بىلىم، دوستلۇق، مۇھەببەت ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل ئۈچ نەرسە. ئالىي مەكتەپتە ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى دوستلۇق ئەڭ قىممەتلىك. چۈنكى بۇ دوستلۇققا مەنپەئەت ئارىلاشمىغان، غۇبارسىز دوستلۇق. ساۋاقداشلار ئارىسىدا مەنپەئەت توقۇنىشى بولۇنمايدۇ. ھاياتتىكى مۇنداق دوستلۇقنى ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.
    شۇڭا مەن ئالىي مەكتەپ ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل پەسىل دېدىم. چۈنكى سېنىڭ ئىنتىلگىنىڭ ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل ئۈچ نەرسە: بىلىم،دوستلۇق ۋە مۇھەببەت. يازغۇچى چېن روڭنىڭ «ئون يىل كەينىگە قايتىش» ناملىق رومانى ئېسىمدە بار، ئەگەر مەن 10 يىل ياكى 20 يىل كەينىگە قايتالىغان بولسام، ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، غەيرەت-جاسارىتىم بىلەن بىلىم، دوستلۇق ۋە مۇھەببەتكە ئىنتىلەتتىم. چۈنكى بۇ بىز ياشلارنىڭ ھوقۇقى!
     
    مەنبە:«بىلىم كۆزنىكى»ژۇرنىلىدىن قارلۇق تەرجىمە قىلدى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مەكتەپ