20 نەچچە يېشىڭىزدا ھەممىگە ئېرىشىش بىھاجەت

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-21 19:25:58

مەن ئۇنداق قىلىشىم كېرەك، مۇنداق بولۇشۇم كېرەك دېگەندەك قېلىپلارنى تاشلىۋېتىپ، يۈكىڭىزنى يېنىكلىتىپ، تۇرمۇشقا يېڭى باشتىن قەدەم قويۇڭ.


    20 نەچچە يېشىڭىزدا ھەممىگە ئېرىشىش بىھاجەت

    ۋېي گەيلى

     
    مېچىل بوستورىنو يېڭى جېرسىي ئىشتاتىنىڭ ۋۇدلەند باغچىسى ئەتراپىدا ئولتۇرىدۇ. ئۇ 24 ياشلىق ئىشخانا خادىمى. ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان پىلانلىرى-كۆڭلىگە ياققۇدەك بىر لايىق تېپىش، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتنى قىلىش، يەنە ھەپتە ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇشلار. ئۇ تۇرمۇشقا نىسبەتەن قىزغىن-ئۈمىدۋار، ئەمما ئەتراپىدىكى دوستلىرىغا قاراپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى يەنىلا كۆڭلىدىكىدەك ئەمەس دەپ ئويلايدۇ. ئۇ: «مەن ھازىر ئىنتايىن خۇشال، بىراق ئەتراپىمدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاغداشلىرىمدىن بەزىلىرى تويغا پۈتۈشتى، بەزىلىرىنىڭ مەرتىۋىسى ئۆستى. مېنىڭچە، مەندە ئىقتىساد ۋە تۇرمۇشقا ياكى باشقا جەھەتلەرگە نىسبەتەن پۇختا تەييارلىق بولۇشى كېرەك» دەيدۇ.
    راجېر كاننېر 21 ياش، چىكاگودا ئولتۇرۇشلۇق ئايال ئارتىس، ئۇمۇ مايكېلغا ئوخشاشلا بېسىم ھېس قىلىدۇ، ئۇ: «مەن ئىجادچانلىق ئۇرغۇپ تۇرغان مۇھىتتا ئىشلىسەم دەيمەن، بىراق مەن بەزىلەرنىڭ تۋىتتىر ۋە فېيسبۇك بىلوگلىرىدا مەلۇم بىرىنىڭ بىر كېچىدىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرگىنىمدە سەل جىددىيلىشىپ قالىمەن، خۇددى چوقۇم بىر ئىش قىلىدىغان ۋاقتىم كەلگەندەكلا خاتىرجەمسىزلىنىمەن» دەيدۇ.
    بىر قىز بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئەتراپىڭىزدىكى شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر توپ قىز دوستىڭىزنىڭ بولۇشى سىزگە زور بېسىم بولامدۇ؟ يەنى باشقىلارنىڭ ئىلگىرىلىشى سىزنىڭمۇ ئالغا بېسىشىڭىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ،قانداق؟
    بىز توختىماستىن ئۆزىمىزنى دوستلىرىمىز بىلەن سېلىشتۇرىمىز. مەسىلەن، سىز يېڭىدىن ئىشتىن بوشىتىلدىڭىز ياكى كۆڭۈلدىكىدەك يىگىتىڭىزنى تاپالمىدىڭىز، شۇنىڭ بىلەن كەيپىياتىڭىز ناچارلىشىدۇ. بىراق، نۇرغۇن مېچىل ۋە راجېرغا ئوخشاش كۆڭۈلدىكىدەك خىزمىتى بار ۋە باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان قىزلار بولسا يىگىرمە نەچچە ياشتا دۈچ كېلىدىغان ئەندىشىنى بېشىدىن كەچۈرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى گەرچە ئىنتايىن گۈزەل بولسىمۇ، بىراق يەنىلا كۈتكەن يېرىدىن چىقمىغاندەك ھېس قىلىدۇ.
    «دوستلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى ئاندىرىيا بوھىن نەيىل: «بىز ئىستىخىيەلىك ھالدا ئەتراپىمىزدىكىلەرگە قاراپ ئۆزىمىزنىڭ سالاھىيىتىمىزنى بېكىتىمىز. شۇڭا، سىز دوستىڭىزنىڭ سىز يەتمەكچى بولغان نىشانغا يەتكىنىنى كۆرگەندە، ئۆزىڭىزنى بىر ئىزدا توختاپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز...ئەمەلىيەتتە سىز ئالغا ئىلگىرىلىدىڭىز» دەيدۇ.
    يىگىرمە نەچچە ياشتىكىلەرنىڭ ئەندىشىسى كۆپىنچە ھاللاردا لايىق تېپىشتىن كېلىدۇ. مەچ تورىدىن كەلگەن لايىق تېپىش ئۇچۇرلىرى سىزگە يوپۇرۇلۇپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا سەل قارىماي تۇرالمايسىز. «سىز ئۈچ دوستىڭىزنىڭ 28 ياشتا توي قىلغىنىنى كۆرۈپ، بۇنى ئەڭ يېڭى ئۆلچەم بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز» دەيدۇ بوھىن نەيىل. مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سىز توي قىلالماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرەپ، خۇشال بىر قىزدىن بىردىنلا پەرىشان بىر قىزغا ئايلىنىپ قالدىڭىز. توي سۈرەتلىرى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سۈرەتلىرى بولسا بۇنىڭدىكى سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر: «سىز تىۋىتتېر بىلوگىدا ئۆزىڭىز بارمىغان ئولتۇرۇشلار ۋە ساياھەت رەسىملىرىنى كۆرگىنىڭىزدە ئەمدى بېرىشقا پۇرسەت قالماسلىقىدىن ئەنسىرەيسىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزدە ۋاقتىڭىز قالمىغاندەك تەسىر بېرىپ ئەندىشىڭىزنى كۈچەيتىۋېتىدۇ» دەيدۇ.
    قىزىقارلىق تېمىلار تورى-سىز ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن تولغان تور بېتىگە قادىلىۋېلىش بېسىمىڭىزنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ماھىيەت جەھەتتە ئېلىپ ئېيتقاندا، سىزنىڭ خاتىرىڭىزغا تىزىۋالغانلىرىڭىز ئەمەلىيەتتە سىز ياقتۇرىدىغان، ئەمما سىز ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەر. بۇنداق سۈرەتلەرنى كۆرگىنىمىزدە بىز تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى قوغلىشىشىمىز كېرەكتەك ھېس قىلىمىز. ھەر دائىم: «تۇرمۇشۇم تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كەم-كۇتىسىز بولىشى كېرەك» دەپ ئويلايمىز.
    كىچىككىنە ئەندىشىمۇ سىزنى نىشانىڭىزغا يېتىش يولىدا توختىتىپ قويۇپ، سىزنى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىن چەتنىتىپ، تەقدىرگە تەن بېرىشكە مەجبۇرلىشى مۇمكىن. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىر قېتىملىق شەيئىلەرگە قايتىدىن باھا بېرىشنىڭ پۇرسىتى بولۇپلا قالماي، يەنە سىزنىڭ كەلگۈسىدە نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دوستلىرىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، ھاياجانلىنىپ قوغلىشىشتىن ئاۋۋال كەلگۈسىڭىزنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز كېرەك. ئوي-پىكىرىڭىزنى روشەنلەشتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ، مەسىلەن، بىرەر ھەپتە ئاخىرىنى يالغۇز ئۆتكۈزۈپ، قېلىپلىشىپ قالغان تەپەككۇرىڭىزنى ئەركىن قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ خۇشال ياكى خۇشال ئەمەسلىكىڭىزگە يېڭىۋاشتىن باھا بېرىڭ.
    بوھىن نەيىل: «ئازراق ئارام ئېلىڭ، كۈندىلىك تۇرمىشىڭىزدا سىز ئەزەلدىن نەزەر سالمىغان ئوي-خىياللىرىڭىزغا قۇلاق سېلىڭ، ئەندىشىڭىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقامدۇ، يوق، ئويلىنىپ بېقىڭ. ئەگەر يوقالمىسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئويلىرىڭىز ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ سىزگە ھەتتا دوستلىرىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىدىنمۇ بەكرەك يامان تەسىر بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ» دەيدۇ.
    مەن ئۇنداق قىلىشىم كېرەك، مۇنداق بولۇشۇم كېرەك دېگەندەك قېلىپلارنى تاشلىۋېتىپ، يۈكىڭىزنى يېنىكلىتىپ، تۇرمۇشقا يېڭى باشتىن قەدەم قويۇڭ. سىز توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولسىڭىزمۇ ياكى مەلۇم بىر كەسىپكە كىرىشسىڭىزمۇ، ھەتتا ھايات يولىدا داۋاملىق ئىزدەنسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر خالىسىڭىز 50 ياشتا پەرزەنتلىك بولسىڭىز، 40 ياشتا كەسىپ ئالماشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. شۇڭا، مەلۇم دەۋر ئاياللىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپلا ئەندىشىگە چۈشۈپ قالماڭ. 29  ياشتىن ئاۋۋال ھەممىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-ساندىن ئېلىندى
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.