ئەدەبىيات ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى دېمەكتۇر

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-11 00:00:00

ئەدەبىيات ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى دېمەكتۇر بىر نەچچە يىل ئىلگىرى مەن كارخانىچىلارغا لېكسىيە سۆزلىگەن. كارخانىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، بىر قىسىملىرى ئە...

    ئەدەبىيات ئادەمنىڭ  قەدىر-قىممىتى دېمەكتۇر

     

     
        بىر نەچچە يىل ئىلگىرى مەن كارخانىچىلارغا لېكسىيە سۆزلىگەن. كارخانىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، بىر قىسىملىرى ئەمەلدارلارغا تايىنىپ بېيىغان، ئولتۇرغانلار بۇنى مەندىن ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار قانداق ئۇتۇق قازاندى، بۇنىڭ مەندەك ئەدەبىياتچى بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوق. ھەر قايسىلىرى مېنى ئەدەبىيات ھەققىدە ئىككى ئېغىز پاراڭ قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغاچقا مەن ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان نەق گەپنىلا قىلاي.  نۇرغۇن كارخانىچىلار «بىزنىڭ توققۇزىمىز تەل، لېكىن تۇرمۇشىمىز مەنىسىز» دەيدۇ. زادى نېمە كەم؟ بۇنىڭغا بەلكىم ئەدەبىيات جاۋاب بېرەلەيدۇ.

     

    ئالدىنقى ئەسىر 90-يىللارنىڭ بېشىدا جەمئىيەتتە ئەدەبىيات، مەرىپەت روھى ھەققىدە مۇھاكىمىلەر بولدى. شۇ چاغدا ۋاڭ مېڭ ئەپەندى يۇمۇرلۇق قىلىپ: «بىزدە ئەدەبىيات روھى بولۇپ باققانمۇ؟» دېگەنىدى.  دەرۋەقە، ھازىرقى دەۋردە ئەدەبىيات روھى بارغانچە چىرىپ كېتىۋاتىدۇ،  بىر دۆلەت، بىر مىللەت، بىر ئادەمدە ئەدەبىيات روھى بولۇشى كېرەك. شۇغىنىسى ئەدەبىيات روھىغا دەلمۇ دەل ئېنىقلىما بەرگىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنى بىز پەقەت كۆڭۈلدە بىلىمىز.

     

     

    ھازىرقى ئادەملەر ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ياشىيالمايۋاتقاندەك ھېس قىلدۇ. بىز دائىم «ئەركىنلىكىمىز بوغۇلۇپ قالدى، بۇنى جەمئىيەت تۈزۈلمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ ئاغرىنىمىز. ئەمەلىيەتتە ئادەملەرنىڭ مەھكۇملۇقىنى زامانىۋىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، زامانىۋىلىشىشنىڭ ئۆزىلا ئىنسان تەبىئىتىنى چۈشەپ قويىدۇ. زامانىۋىلىق دەۋرىگە كىرگەندىن باشلاپ ئادەملەر ھەر كەسىپ، ھەر ساھەگە بۆلۈنۈپ كەتتى،  ئەگەر ئادەم ئۆزىنىڭ كەسپىنى، قىلىدىغان ئىشىنى تاپالمىسا ئىچى پۇشۇپلا  ئۆتىدۇ.  نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىنسان تەبىئىتى بىلەن ئەڭ يېقىن پەن ئەدەبىياتتۇر. ئەدەبىيات ھاياتقا تېخىمۇ كەڭ ئەركىنلىك بەخش ئېتىدۇ، شۇڭا بىر كىشىدە ئەدەبىيات ساپاسىنىڭ بولۇش-بولماسلىقى تولىمۇ مۇھىم. ئەدەبىيات كىشىلىك ھايات بىلەن بىر گەۋدە، ئەدەبىياتتىكى مەزمۇنلار ئىنسان ھاياتىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ.

     

     

    كىمكى ئەدەبىيات ساپاسىنى ئۆستۈرسە ئېسىللىكتىن زوقلىنىشنى بىلىدىغان بىلىملىك ئادەم بولالايدۇ.  سىمفونىيەدىن زوقلىنىمەن دېگەن ئادەم شۇ مۇزىكىدىن زوقلىنالايدىغان سەۋىيىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك، ئۇنداقتا  ئەدەبىيات روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

     

    1. تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش كېرەك

     

     

    ئەدەبىيات ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن جاھانغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراپ، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلارنىمۇ قەدىرلەش  كېرەك. بىز تۇرمۇشنى سەنئەتلەشتۈرسەك بولىدۇ، ھەممە نەرسىگە سەنئەتنىڭ كۆزىدە قارىساق بولىدۇ.   ئالايلۇق، مەكتەپ سەيناسىدا بىر تۈپ دەرەخ بار دېسەك،  بىر بوتانىكا ئالىمى كەلسە بۇ دەرەخكە قاراپ، ئۇنىڭ قايسى تۈردىكى دەرەخ، قايسى ماكان، قايسى ئىقلىمغا  تەۋە ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلىدۇ. ئەگەر بىر ياغاچ سودىگىرى كەلسە كۆڭلىدە  بۇ دەرەخنىڭ زادى قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى  باھالايدۇ. بۇ خىياللار پەقەت كەسپىي خىياللار بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق مەنە، زوق ۋە خۇشاللىق بولمايدۇ؛  ئەگەر ئۇ دەرەخكە سەنئەت كۆزىدە باقساق، ئۇنى كۆرگەندىن كېين ئۇنىڭ قانداق دەرەخ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كېتىمىز، ئۇنىڭ قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئويلىمايمىز، بەلكى ئۇنىڭ شەكلى، ھالىتى، رەڭگى ۋە بۇلارنىڭ مۇجەسسەم ھالەتتىكى گۈزەللىكىدىنلا زوقلىنىمىز. بىز نېمىشقا تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن زوقلىنىمىز؟ چۈنكى ئۇنىڭدا  گۈزەل  تاغلار، سۇلار، دەرەخلەر ئاجايىپ چىرايلىق تەسۋىرلەنگەن، ھەرگىز ئۇلارنىڭ  جايلاشقان ئورنى،  تۈرى-جىنسى  ۋاھاكازالار تەھلىل قىلىنمىغان. ھازىرقى ئادەملەر ماقالە يازسا يىپىدىن يىڭنىسىغىچە تەھلىل قىلىپ يېزىۋېتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ھېچ گۈزەللىك يوق.

     

     

    كىشىلەر تاڭ، سۇڭ دەۋرى شېئىرلىرىنى ئوقۇسا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىدۇ، مەن نېمىشقا خائىنلارنى كۆزگە ئىلمايمەن؟   ئۇلارنىڭ سىياسىي مەسىلىسىنى قويۇپ تۇرايلى،  ئۇلار بىلەن نەچچە ئون يىل بىرگە ياشاش جەريانىدا بىرەرسىنىڭمۇ تۇرمۇشىنىڭ مەنىلىك ئۆتكىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ھەممىسىدە «سىنىپ كۈرەش چىرايى» بار، بۇ  گۇيلاردا ئادىمىيلىك يوق، يەپ-ئىچىپ، ساز چېلىپ، شاھمات ئويناپ، ھۆسنخەت يېزىپ رەسىم سىزسىمۇ مەلۇم غەرەز، مەنپەئەت ئۈچۈن قىلىدۇ، يومۇرىستىك تۇيغۇسى يوق، پەقەت ئادەم تىللاشنىلا بىلىدۇ.  

     

     

    سۇڭ دەۋرىدىن كېيىن شېئىرلار زاۋاللىققا يۈزلەندى، كېيىنكى شېئىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەقلىد، دورامچىلىق بولۇپ،  ئىجادىيلىق، يېڭىلىق يوق.  بۇ دەۋرىمىزگە كەلگەندە شېئىرلار تېخىمۇ تۈگەشتى. نېمىشقا؟ چۈنكى بىزنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش دەرىجىمىز قەدىمكىلەرگە زادىلا يەتمەي قالدى. تاڭ دەۋرىدىكى كىشىلەر  قالتىس جۇشقۇن ياشاپتىكەن، لى بەي، دۇ فۇ دېگەنلەر تۇرمۇشنى بەكلا قىزغىن سۆيەتتىكەن. خائىنلارمۇ تۇغۇلۇشىدىن ئەسكى تۇغۇلمىغان، كىچىك ۋاقتىدا ناھايىتى ئوماق بولغىيدى، بىراق ئۇلاردا ئەدەبىيات ساپاسى، تۇرمۇشىدا ھېچقانداق ئارزۇ-ھەۋىسى بولمىغاچقا ياشىغانچە بوغۇلۇپ قالغان، ئاندىن بىر قىسمى خائىن بولۇپ كەتكەن. شۇڭا بىزدە چوقۇم ياخشى بىر ھەۋەس، ئىشتىياق بولۇشى كېرەك، ھەۋەس بولمىسا سەنئەت گۈزەللىكىمۇ بولمايدۇ.

     

     

    2. كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش كېرەك

     

     

    ھازىر  كۆ پىنچە كىشىلەر كىتاب ئوقۇمايدۇ. مەنچە كىتاب ئوقۇش تاماق يېگەنگە ئوخشايدۇ. تاماق يېيىش ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلاردىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ جان ساقلايمىز. كىتاب ئوقۇش بولسا تېخىمۇ ئالىي دەرىجىلىك «غىزالىنىش» بولۇپ، باشقىلارنىڭ روھىنى، ئىدىيىسىنى «يەپ»   ھۇزۇرلىنىمىز.  ئۆزەڭ ياقتۇرمايدىغان كىتاب بولسىمۇ ئەستايىدىل ئوقۇپ باق. خائىنلارنىڭ تۇرمۇشى زېرىكىشلىك بولسا كېرەك يوق، ئۇلار كىتابنىمۇ ياخشىراق ئوقۇمايدۇ، ھېچ بولمىسا مېنىڭكىنى بولسىمۇ ئوقۇپ باقمايدۇ. ئەمەلىيەتتە كىتابلىرىمدا نۇرغۇن نۇقسانلار بار، ئۇستازلىرىم، خىزمەتداشلىرىم بۇنى تەنقىدلىگەن. ئەمما ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، مېنى تىللاپ قارغايدىغان خائىنلاردىن بىرەرسىمۇ كەمچىلىكىمنى بايقىيالمىدى، ئۇلارنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغان يېرى دەل ئۆزەم ھېچقانداق مەسىلە يوق قارىغان يەرلەر. بىرەرسىمۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىسمى بىلەن كىرىپ مېنى تەنقىدلىيەلمەيدۇ.

     

     

    گېگىلنىڭ روھى ناھايىتى تىرەن، ئۇنىڭ كىتابىنى ئوقۇپلا روھىدىن ئوزۇق ئالىمىز. مەن ھېچكىمنى زىيانغا ئۇچراتمىغان ئاساستا ئۇنىڭدىن بىر نەرسىلەرنى ئالىمەن، مانا بۇ كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش. ماۋزېدۇڭ كۆپ كىتاب ئوقۇغان، لىن بياۋمۇ ئوقۇغان، ئەمما ئۇ ئۆزى ئوقۇماي، كاتىبى ئارقىلىق قىسقىچە مەزمۇنىنىلا بىلىۋالغان.

     

     

    كۆپ كىتاب كۆرۈش ئەدەبىيات ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. كونىلار «كاتتىلارنىڭ ئوقۇمايدىغان كىتابى يوق» دەپ ئېيتقان. قەدىمكى كىتابلار ناھايىتى ئاز، ھازىرقى كىتابلار ناھايىتى كۆپ، شۇڭا قەدىمىي كىتابلارنى كۆپ ئوقۇش كېرەك.  بىر قىسىم كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا ئائىت مەخسۇس ئەسەرلەرنى ئوقۇساق چۈشىنىشىمىز تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. كىتاب ئوقۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلە ئۆتۈشمە ھاسىل قىلىش، كىتاب بىلەن كىتاب ئارىسىدا، كىتاب بىلەن كىشىلىك ھايات ئارىسىدا بىر ئۆتۈشمە بولۇشى كېرەك . كۆپلەپ كىتاب ئوقۇشنىڭ سەۋەبى مانا شۇ. پېقىر  كىتابنى ئەڭ كۆپ ئوقۇغان ئادەم ئەمەس، ئەمما بلوگىمغا قاراپ بېقىڭ، پەقەت ئېلان قىلغان نەرسىلىرىمنى كۆرسىڭىزلا بىلىسىزكى، ئانچە يۇقىرى بولمىغان مۇشۇ سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈنمۇ ھەر كۈنى 100 مىڭ خەتتىن ئارتۇق بىر نەرسە ئوقۇشۇم، يەنە كېلىپ  ئەڭ سەر خىل كىتابلارنى ئوقۇشۇم كېرەك.

     

     

    3. زاماندىن زارلىنىپ خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش كېرەك

     

     

    ئەدەبىيات  روھىنى يېتىلدۈرۈشتە قىلىدىغان ئۈچىنچى ئىش زاماندىن زارلىنىپ خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش.  ئادەم ياشىغانىكەن رىقابەتتىن خالىي بولالمايدۇ، رىقابەت جەريانىدا شاللانماي پۇت تىرەت تۇرۇشتا، يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ساغلام كەيپىياتى بىلەن تىرىشچانلىقىمىز كەم بولسا بولمايدۇ، ساغلام كەيپىيات يارىتىشتا ئەدەبىيات روھىغا باي بولۇش ئىنتايىن زۆرۈر، ئەدەبىياتقا ھەقىقىي ئىشتىياق باغلىغۇچىلارغا نىسبەتەن، خەلق غېمىنى يەپ، ئۇلار ئۈچۈن بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپ بېرىش توغرىسىدا ئويلىنىشمۇ بىر خۇشاللىق ئىش. 

     

    خۇلاسە كالام، بىز ئەدەبىيات، مەرىپەت روھىنى يېتىلدۈرۈشىمىز، ئەدەبىيات ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئەدەبىياتنى ئاددىي ھالدىلا  تەبىئەت مەنزىرىسى تەسۋىرى، ئىشق-مۇھەببەت ۋە كەيپ-ساپا تەسۋىرى دەپ چۈشىنىپ قالماڭلار. ئەدەبىيات ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى دېمەكتۇر، ئاددىي چاغلىغان نەرسىنىڭ قىممىتى ئەسلىدە ناھايىتى زور. يەنە كېلىپ ئەدەبىيات يازغۇچىلارنىڭ پاتېنت مەھسۇلاتى  ئەمەس، ئۇ ھەممەيلەن بەھىر ئېلىپ زوقلىنىدىغان، مىجەزىنى تەڭشەپ روھىنى كۆتۈرىدىغان گۈزەل باغچە؛ ئەلۋەتتە، ھەر ئادەمنىڭ بۇ باغچىغا كىرىپ كۆرىدىغىنى ۋە ئېرىشەلەيدىغىنى ئوخشىمايدۇ.  ھاياتىمىزنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا، ئىقتىدارىمىزنىڭ مەلۇم پەللىسىگە يەتسەكلا كۇپايە، ھەممىگە تەڭ يېتىمەن، ھەممىگە تولۇق ئېرىشىمەن دېيىش نىشاندىن ئاداشتۇرۇپ قويىدۇ.

     

    (بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ داڭلىق پروفېسسورى، كۇڭزىنىڭ 73-ئەۋلادى كۇڭ چىڭدۇڭنىڭ كارخانىچىلارغا سۆزلىگەن سۆزىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى) 

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.