ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-24 13:28:00

ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى- 14-ئەسىردىكى ئىتالىيە نىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە پەيدا بولغان، 16-ئەسىردە ياۋروپادا كەڭ ئومۇملاشقان بىر قېتىملق ئىدىيە-مەدى...

    ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى

        ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى- 14-ئەسىردىكى ئىتالىيە نىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە پەيدا بولغان، 16-ئەسىردە ياۋروپادا كەڭ ئومۇملاشقان بىر قېتىملق ئىدىيە-مەدىنيەت ھەركىتى بۇلۇپ ئۇ بىر قېتىملىق ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت ئىنقىلاب دەۋرىنى ئېلىپ كەلدى، ھازىرقى زامان ياۋروپا تارىخىنىڭ يېڭى پەردىسىنى ئاچتى. قەدىمكى زامان ۋە يېقىنقى زاماننىڭ شۇنداقلا ماركىسىزىم ،فىئودالىزىم ۋە كاپتالىزىم دەۋرىنىڭ دەۋىر بۆلگۈچىسى بۇلۇپ قالدى.
       14-ئەسىردە ئىتالىيەدىكى سودا تەرەققىي قىلغان شەھەرلىرىدە يېڭى گۈللىنۋاتقان بۇرژىئازىيە ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىلغار ئىدىيدىكى زىيالىيلار قەدىمكى گرېتسىيە ، قەدىمكى رىم مەدىنيىتىنى تەتقىق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيەتلىرى بىلەن ئەدەبىي روھىنى تەشۋىق قىلغان.
       ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى 14-ئەسىردە ئىتالىيە دە پەدا بولغان، يۈزە ئېيتقاندا ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ يېقىنقى زامانغىچە بولغان 400 نەچچە يىل ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا قەدىمكى زاماندىكى نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپىقىيەتلەر بۇ نىجات يۇلتۇزىغا ئوخشاش دەۋىر ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تۆھپىلەرنى قوشقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرى بولسا پەنگە بولغان قىزغىنلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. ئوكىسفورد ئۇنۋېرسىتىنىڭ بىرىجى ئىنىستۇتى 1264-يىلى قۇرۇلغان. 1400-يىللارغا كەلگەندە ياۋروپادا 50 دىن ئارتۇق ئۇنۋېرسىت بار بولغان.
       ئىككىنجى تۆھپىسى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ، ئويما بۇيۇم، رەسساملىق، قۇرۇلۇش، مۇزىكا، شېئىر ۋە ئەدىبى ئەسەرلەرنىڭ ئىپادىلەش شەكلى قىزىقارلىق تېمىلارنى نامايەن قىلىپ، ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋىردىن تارتىپ ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن دىنىي تېمىلاردىن ھالقىپ كەتكەن، ئۇلار ئومۇميۈزلۈك كۈندىلىك تۇرمۇشنى، چەۋەنداز ھېكايىلىرىنى ۋە خەتەرلىك ۋەقەلەرنى تەسۋىرلىگەن، ياۋروپا مەدىنيىتى مۇشۇنداق تېمىلار بىلەن تېخىمۇ ئىنسانىي تۇيغۇغا ئىگە قىلىنىپ دىنى تېمىلارمۇ بارغانسېرى ئازلىغان. تېخنىكىنىڭ تەرەقىياتىدىمۇ يېڭىلىنىش يۈز بېرىپ تېىخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان تاۋارلار مەيدانغا كېلىپ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. ياساش، دېھقانچىلىق ۋە سودا قاتارلىقلار تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ چوڭ دائىرىدە قەدىمكى دەۋىردىكى مۇۋەپپىقىيەتلەردىن ھالقىپ كەتكەن.
       1500-يىللارغا كەلگەندە ياۋروپا دۆلەتلىرى نۇرغۇنلىغان مۇھىم بولغان پەن-تېخنىكىلاردا دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا ماڭغان.
    مۇھىم ۋەكىللىرىدىن:ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئۈچ داڭلىق شەخىس- دانتى ، Alighieri Dante پېترىك، بۇكاچچۇلار
    رەسساملىق ساھەسىدىكى داۋىنچى، رافىل، مىكېلانجىلو قاتارلىقلار.   

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق