ئۇيغۇرلاردىكى تىلەمچىلىك

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-24 16:43:50

ئۇيغۇرلاردىكى تىلەمچىلىك دۇنيادا تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلىۋالغان نۇرغۇن مىللەت بار، يەنە نۇرغۇن مىللەتلەر تىلەمچىلىك كەسپىنى ئەڭ پەس كۆرىدۇ، ھەقىقەتەن ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىدىن قالغان، مېيىپ...

     

                                                    ئۇيغۇرلاردىكى تىلەمچىلىك

     

    دۇنيادا تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلىۋالغان نۇرغۇن مىللەت بار، يەنە نۇرغۇن مىللەتلەر تىلەمچىلىك كەسپىنى ئەڭ پەس كۆرىدۇ، ھەقىقەتەن ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىدىن قالغان، مېيىپ، ئاجىزلارنى، ئامال يوق تىلەمچىلىك قىلىپتۇ، بوپتۇ، ئاللاھ يولىدا ئاتىغىنىمىزنى بېرەيلى دېسەك، ئەمما يەتتە ئەزاسى بېجىرىم ھالەتتە تۇرۇپ، ئۇلۇغ ئاللاھ بەرگەن ئىككى قول ،ئىككى پۇت ، ساق كاللا تۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرۈۋاتقانلارنىچۇ، نېمە دېسەك بولار؟.

    قايسى بىر كۈنى بىر ماتېرىيالدا، تىلەمچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا گۇرۇھلىرى بارلىقى ۋە ئۆز ئىچىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھەر خىل ساختىلىقلارنى ئىشقا سېلىپ ئاقكۆڭۈل خەلق ئاممىسىنىڭ ساددا ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مەزمۇننى كۆرۈپ، كوچىلاردا باش – كۆزلىرى ئورالغان ياكى ئېغىر يارىدار ھالەتتە، ئالدىغا تەسىرلىك مەزمۇندىكى مۇراجىئەتنامىدىن بىرنى قويۇپ، كىشىلەردىن ياردەم تىلەپ ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىلا يالغانچىدەك، ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى مۇراجىئەتنامىلەرنىڭ ھەممىسىلا ساختىدەك، ئاغرىق تىلەمچىلەرمۇ، يالغان ئاغرىقتەك بىلىندى.

    دېمىسىمۇ بۇنداق كىشىلەر ھازىر قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۇچرىتىش بىر خىل ئىنتايىن نورمال ئىش بولۇپ قالدى، يەنە كېلىپ ھەممىسىلا ئوخشاش شەكىلدە باشقىلاردىن ياردەم تىلەۋاتقان، بۇلارنىڭ قايسىسى راست، قايسىسى يالغان ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش ھەقىقەتەن قىيىن.

          نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە تىلەمچىلىك قىلغۇچىلار، شۇ دۆلەتتىكى ئەڭ يارىماس ئادەم، ئەخلەت، داشقال دەپ قارىلىپ، يېتىم قالدۇرۇلۇپ، ئۆزلۈكىدىن ھالال ئەمگەك قىلىش يولىغا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ،ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدىكى بۇ داشقاللارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشى بىر خەتەرلىك سىگىنال. ئاشۇ تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ شۇ تىلەمچىلەرنى باققۇدەك ئىقتىدارى يوقمىدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدىغاندۇ؟..........تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ ئەلۋەتتە بېقىش ئىقتىدارى بار، ئۇلار ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئاقنانچى، يارىماس بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، بۇ ئۇلار ئۈچۈن نومۇستۇر، ئۆز پۇقرالىرىنى غەيرەتلىك، تىرىشچان بولۇشقا ئۈندەيدۇ. 

            بىزچۇ، بىزدە شۇنداق كۆز – قاراش بارمۇ؟ ئازراقلا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئەلىكمۇللا دەپ قىزلار بولسا ئۆز ئىپپىتىنى بۇلغاش يولىغا ماڭىدىغان، ئوغۇللار بولسا ئوغرى- بۇلاڭچىلىق قىلىدىغان، تىلەمچىلىك قىلىدىغان ئادەت ئەجدادلىرىمىزدا كۆرۈلگەنمۇ؟ تىلەمچىلىك ئەڭ ئاخىرقى چىقىش يولىمۇ؟ بىز قانداق ئىدۇق ۋە قانداق بولۇشىمىز كېرەك ئىدى؟ شۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە بۇنىڭدىن باشقا يول يوقمىدۇ؟  مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا قاچانغىچە سۈكۈت قىلىپ، كۆرمەسكە سېلىپ يۈرىۋېرەرمىز؟ بۇ ئەھۋالنى تۈزىتىشكە قارىتا بىرەر ياخشى تەدبىر يوقمىدۇ؟؟؟؟؟؟!!!!!!!

          

     مەنبە: ئۆزۈم

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.