لايىقىڭىزنى توغرا تاللاڭ

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-11 20:17:31

بىر مۇنچە سۆزلىدۇق، لېكىن مۇھەببەت ئۇچقۇنسىز بولمايدۇ، دېگەن مۇھىم ھەقىقەتنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.

    لايىقىڭىزنى توغرا تاللاڭ
    سۈن كەييۈەن
    زۇمرەت ئەنۋەر تەرجىمىسى

    بەزىدە قىزلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياكى دوستلىرىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈلۈك مۇھەببەتكە ئېرىشتىم، دەپ ماختىنىدۇ. لېكىن، كېيىن ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر پروفېسسورى  تېررى ئوباك:«تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشلار سىزگە يىگىتىڭىز بىلەن گېپىڭلارنىڭ بىر يەردىن چىقىدىغان-چىقمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ياتلىق بولسىڭىز بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دەيدۇ.
       ئۇنىڭ ئۆتمۈشىگە قاراپ كەلگۈسىنى بىلىش
       يىگىتىڭىزنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىن كۆتۈرىۋېتەلمەيدىغان بىرەر كەچۈرمىشى بولغانمۇ، يوق؟ ئەگەر بۇ كەچۈرمىشى قاييتىلانسا، مۇناسىۋىتىڭلارنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئەگەر ئۇ مەلۇم بىر ئالاھىدە شارائىتتا يۈز بەرگەن ئەھۋال بولسا، يەنى ئۇ يېڭىدىن مەكتەپ پۈتتۈرگەنياكى قاتنىشىدىغان پائالىيەتلىرى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ ئۆزىنى بىر مەھەللىك مەيلىگە قويۇۋەتكەنلىكىدىن بولغان ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر، بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا ھېلىھەم بېرىلىپ كەتكەن بولسا، ئېھتىمال بۇ ئادىتى ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
       ئۆز ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش
       سىز «ئۇ»نىڭ داڭلىق تاماق باھالىغۇچى ياكى كىيىم-كېچەك مودېلى بولۇپ قېلىشىنى ياقتۇرامسىز؟ ئەگەر بىر ئەر كىشىنىڭ بۇنداق قىزىقىشى بولسا،  بۇنى ئەيىبلەشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق، لېكىن سىز ئۇنىڭ يەنە بىر ئېچىنىشلىق تەرىپىنىڭ سىزنى بىزار قىلىپ قويىدىغانلىقىدىن، ھەتتا ئۇ ئۆزىدىكى تېخىمۇ مۇھىم بولغان ئەخلاق-پەزىلەتنى ئۇنتۇپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭ، شۇڭا سىز ئۇنىڭ ساپاسى تۆۋەن ياكى تۆۋەن ئەمەسلىكى، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش-تۇرالماسلىقىڭىزنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ. سىز بەلكىم ئۇنىڭ بىر مەسلىھەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر قانچە ئەمەللەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىغا قايىل بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۇ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن داۋاملىق كاماندىروپكىغا چىقسا، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى سىزنىڭ ھەراھىڭىز يوق چاغلاردىكى يالغۇزچىلىق ئازابىڭىزنىڭ ئورنىنى تولدۇرالامدۇ؟
       ئۇنىڭغا ھەقىقىي مۇئامىلە قىلىڭ
      ئەگەر ئۇ تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار قەرز سوممىسىغا تايىنىپ ياشىسا ئۇنىڭ كېيىنچە بىر  CEO بولۇش پىلانى بار بولسا، ئۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟نىكاھ ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، «لايىقنى قانداق قىلغاندا توغرا تاللىغىلى بولىدۇ؟» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى جېننىفېر كورۋىن:« ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىزنىڭ ياتلىق بولماقچى بولغىنىڭىز ھازىرقى ئۇ، ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى، كەلگۈسىدىكى ئۇ ئەمەس. ئۇنىڭ قىزىقىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن سىز مەلۇم يوشۇرۇن كەسىپ ياكى ئىقتىسادىي كىرىمىدىن قايمۇقۇپ قالسىڭىز بولمايدۇ» دېگەنىدى. شۇنداق بىر رېئاللىقنى قۇبۇل قىلىشىڭىز كېرەككى،  سىرتقى دۇنيا ئۇنىڭ تالانتىغا بەلكىم سىزگە ئوخشاش مەپتۇ بولمىغانب ولۇشى مۇمكىن. ئوباك يەنە :«سىزنىڭ خىيالىڭىزدىكى تۇرمۇش بىلەن رېئاللىقنىڭ پەرقى بەك چوڭ بولۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ بەختسىز نىكاھنىڭ بىرىنچى سەۋەبى» دەيدۇ.
       ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى كۆزىتىش
       بەلكىم سىز ھازىر ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن سىز ئۇنىڭ تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالىسىز. شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ ئادەملەر سىزنىڭ توي مەرىكىڭىزگە قاتنىشىپلا قالمايسىزنىڭ كېيىنكى ئارام ئېلىش كۈنلىرىڭىزگىمۇ ئارىلىشىپ ئۆتىدۇ، سىز يەڭگىگەندە ئۇلار سىز ياتقان دوختۇرخانىغا بارىدۇ، كېيىنچە ۋاقتى چىققاندا بەلكىم ئۆيىڭىزگە مېھمان بولۇپ بېرىشىمۇ مۇمكىن.
       كورۋىن :«ئىككىڭلارنىڭ قارشى تەرەپ ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيادە چوڭ كۆرۈپ كېتىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن سىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قانچىلىك مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلىشىڭىز كېرەك» دەيدۇ. ئەگەر ئائىلىڭىزدىكىلەر ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئۆيىڭىزگە مېھمان بولۇپ كېلىۋالسا، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەر بولسا پەقەت يېڭى يىلدا بىرلا قېتىم يىغىلىپ مېھمان بولۇپ كەلسە، ئىككىڭلارنىڭ ئائىلىگە بولغان قارىشىدا بەزىبىر ئوخشىمىغان چۈشەنچە ۋە زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنداق چاغلاردا سىلەر بۇ ئىش توغرىلىق ئەستايىدىل پاراڭلىشىپ، مۇۋاپىق بىر ئامال تېپىپ چىقساڭلار بولىدۇ.
       ئەگەر ئۇنىڭدا مۇھەببەت بولمىسا، ۋاز كەچسىڭىز بولىدۇ
       بىر مۇنچە سۆزلىدۇق، لېكىن مۇھەببەت ئۇچقۇنسىز بولمايدۇ، دېگەن مۇھىم ھەقىقەتنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. كورۋىن:«ئىقتىساد مۇقىم بولمايۋاتقان چاغدا، قىزلار مۇقىم كىرىملىكلەر جەلپ قىلىش كۈچى بارلاردىن تېىىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ، لېكىن سىز قايناق ھېسسىياتقا موھتاج، شۇنداق بولغاندىلا بىر خىل مۇناسىۋەتنى ئوبدان ساقلىغىلى بولىدۇ» دېگەنىدى. ئەگەر سىلەر ئۇزاق يىل مۇھەببەتلەشكەن بولساڭلار، سىز ئۇنىڭ ئۆيىگە يېڭىدىن كىرگەن چېغىڭىزدا قارشى تەرەپتىن چىن كۆڭلىدىن ۋەدە بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئولتۇرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن قايناق ھېسسىيات يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. لونگبوتتوم:«مۇۋەپپەقىيەتلىك نىكاھ سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى دوستلاردىنمۇ ئىناق ئىكەنلىكىڭلاردىن دېرەك بېرىدۇ، مۇھەببەتنىڭ قايناق ھېسسىياتى مەسىلىنى تۈگىتەلمەيدۇ، لېكىن كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىققاندا، ئۇ سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنى قوغدايدىغان قالقان بولىدۇ»دېگەنىدى.
       ئۆزىڭىزنىڭ نىكاھلىنىش يېشىڭىزغا چەك قويماڭ
    كورۋىن مۇنداق دەيدۇ:«قىزلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان ياش چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھامان، ئۇ ئۆزى 〈بولىدىكەن〉دەپ قارىغان بىر يىگىت بىلەن ناھايىتى تېزلا نىكاھلىنىشى مۇمكىن». بەزى قىزلار ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ياشلىق باھارىنى ئىسراپ بولۇپ كېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، ئۆزىنى ئاسانلا ئانچە كۆڭلى يوق بىر يىگىتكە بېغىشلىۋېتىدۇ.
       ياش چەكلىمىسىنىڭ ئالدىراپ بىر قارارغا كېلىشكە مەجبۇر قىلماسلىقىغا ھەقىقىي تۈردە ئىشىنىشىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىزدىن :«ئەگەر ياشراق چېغىڭىزدا ئۇنىڭغا ئۇچرىغان بولسىڭىز، ئوخشاشلا ئۇنىڭغا ياتلىق بولامتىڭىز؟» دېگەن سوئالنى سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ.
    «تەرمىلەر» ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 9-سانىدىن ئېلىندى
    \
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر لايىق نىكاھ