قىزىق ئەمەلدار(فېليەتون)

يوللىغۇچى : Arghu يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-20 19:02:00

قىزىق ئەمەلدالار بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، سەھنىگە چىقىۋالسا ئۆزلىرىنى ھېچقانداق پۇل-مال قوبۇل قىلمايدىغان پاك ئەمەلدار دېيىشىدۇ، ئاستىرىتتىن بولسا ھەددى-ھېساپسىز پۇل ماللارنى قوبۇل قىلىۋېرىد...

    قىزىق ئەمەلدالار

        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، سەھنىگە چىقىۋالسا ئۆزلىرىنى ھېچقانداق پۇل-مال قوبۇل قىلمايدىغان پاك ئەمەلدار دېيىشىدۇ، ئاستىرىتتىن بولسا ھەددى-ھېساپسىز پۇل ماللارنى قوبۇل قىلىۋېرىدۇ. بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، كىشىلەر ئالدىدا بىر ئەرگە بىر ئاياللىق تۈزۈمىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ، ئاستىرتتىن بولسا  ئاشنىسىنى بېقىپ يۈرىدۇ.
       بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ۋەتەننى قانداق قىزغىن سۆيىدىغانلىقلىرىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، ساتقىنلىق قىلسا، چىرىكلەشسە ئادەمنى چۆچۈتىدۇ.
       بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، دۆلىتىمىزنىڭ مېلىنى ياخشى كۆرىمەن ،دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا چەتئەلنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرىدۇ، چەتئەلنىڭ تېلېۋىزورىنىلا سېتىۋالىدۇ.
       بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزلىرىنى تۇرمۇشتا شۇنداق ئاددى-ساددا دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا كاتتا رېستۇرانلاردىن چىقالمايدۇ، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرىنىلا كىيىدۇ. بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزىنى ئالامەت دېموكراتىك دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە كىمدە كىم ئۇنىڭ دېگىنىگە قارشى چىقىدىكەن، ئۇنىڭ كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزلىرىنى ئەمەلىيەتچى دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بىر توپ يەپ-ئىچەر، پوچىلار چۆرىدەپلا يۈرۈشكەن.
        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، مائارىپقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش ئالالمىغىنىغا 3ئاي بولغان، بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان ۋەيرانە سىنىپلاردا دەرس ئۆتۈۋاتقان. ئۆزى بولسا ئالىي بېزەلگەن ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ مۇخبىرغا مېنىڭ بەك ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار ئىدى، دەۋاتقان. بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئايالىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن دەيدۇ، ئايالىنىڭ گېپىنى قىلغاندا كۆزلىرىدن ئوت چاقنايدۇ، گەپتە دۇدۇقلاپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئەمەلدارنىڭ سىرتتا رەڭدار ھەمراھلىرى ساماندەك، ئۆيىدە ئايالى بولسا كۈندە يىغلاپ ئولتۇرارمىش.
        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئۆزىنى ئەڭ ۋاپادار پەرزەنت دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋاپادارلىقنى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقنىڭ ئاتا-ئانىسىغا كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى بولغاندا پاي-پېتەك بولۇپ كېتىشىدۇ. بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، ئاممىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن دەيدۇ، تېلېۋىزورغا چىقسا: قىيىنچىلىقتا قالغان خەلق ئاممىسىنى ئويلىساملا كېچىسى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ خەلق ئاممىسىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، يېقىندا ئۇ تەۋەلىكىدىكى دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئىگىلەش ھېسابىغا بىر مەيدان ياساتتى، نۇرغۇن دېھقان شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق، زىيالىلارغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىمەن دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە زىيالىيلار ئۆزلىرىگە پىكىر قىلشىقا، تەپەككۈر قىلىشقا پۇرسەت بېرىشنى سورىغاندا توختىماستىن بېشىنى چايقايدۇ.
        بەزى ئەمەلدارلار قىزىق.... مانا مۇشۇنداق قىزىق ئەمەلدارلار، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىق تاجىنى كىيىپ نۇرغۇن يەرلەرنى ۋە پۇخرالارنى  باشقۇرۇشماقتا.

     «جۇڭخۇا فېليەتون تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-19 9:56:40]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.