تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى

يوللىغۇچى : nepret يوللىغان ۋاقىت : 2013-10-28 19:48:47

ماقالىدە ئادوۋكاتنىڭ ئاساسىي قاتلامدىن باشلاپ ئىشلەپ، شىركەتنىڭ قانۇنىي مەسلىھەتچىسى بولغانلىقى، ئاندىن كۆرۈنەرلىك كەسپى ئىقتىدارىغا تايىنىپ پارلاق بىر سەھىپە ئاچقانلىقى، ھەتتا ئەڭ قۇسۇرچى ھاۋالە قىلغۇچىنىمۇ ئالدىدا خوش دەپ تۇرىدىغان قىلىۋېتەلەيدىغانلى

    تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى 
    جىن خۇڭچىن 
    قەلبىنۇر ھېسامىدىن تەرجىمىسى
     
     
    بىر كۈنى مەلۇم سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ خادىمى بىر ئادوۋكاتلىق ئورنىغا كىرىپ كېتىپ، يېرىم سائەت بولمايلا ئادوۋكاتنىڭ بىر مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئۆمۈر سۇغۇرتا تالونىنى كۆتۈرگىنىچە قايتىپ چىقتى. ۋاھالەنكى، بۇ ئادوۋكات ئىلگىرى ناھايىتى ئىقتىدارلىق ئالتە ـ يەتتە سۇغۇرتا خادىمىنىمۇ ئىشىك سىرتىدا قالدۇرغانىدى. بۇنى ھەممە بىلەتتى.                                                                                                 
    بىز گېپىنى قىلىۋاتقان بۇ خادىم بۇ سودىنى مۇنداق روياپقا چىقاردى : ئۇ مەخسۇس شۇ ئادوۋكاتنىڭ ئىش ئىزلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بىر پارچە گېزىتنى ئېلىۋالغانىدى. گېزىتنىڭ باش ئىستونىدا توم قارا خەتلىك ‹‹ داڭلىق ئادوۋكات ئۆزى ئۈچۈن مىليون دوللارلىق سۇغۇرتا سېتىۋالدى ›› دېگەن يوغان سەرلەۋھە تۇراتتى.                                       
    ماقالىدە ئادوۋكاتنىڭ ئاساسىي قاتلامدىن باشلاپ ئىشلەپ، شىركەتنىڭ قانۇنىي مەسلىھەتچىسى بولغانلىقى، ئاندىن كۆرۈنەرلىك كەسپى ئىقتىدارىغا تايىنىپ پارلاق بىر سەھىپە ئاچقانلىقى، ھەتتا ئەڭ قۇسۇرچى ھاۋالە قىلغۇچىنىمۇ ئالدىدا خوش دەپ تۇرىدىغان قىلىۋېتەلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغانىدى.                                            
    ماقالە تولىمۇ ياخشى يېزىلغانىدى، تېخى ئادوۋكات ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سۈرەتلىرىمۇ قوشۇمچە قىلىنغانىدى. سۇغۇرتا خادىمى گېزىتنى ئادوۋكاتقا سۇنغاچ مۇنداق دېدى :                                
    ـ ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم، پەقەت زۆرۈر سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتسىڭىزلا، بۇ ماقالىنى يۈز نەچچە پارچە گېزىتكە باستۇرىمەن. سىزدەك مۇنداق ئەقىللىق ئادەمگە ئەسكەرتىپ يۈرمىسەممۇ، بۇ خەۋەرنىڭ سىزگە يېتەرلىك يېڭى خېرىدار ئەكېلىپ بېرەلەيدىغانلىقى ئۆزىڭىزگە بەش قولدەك ئايان، ئۇلاردىن قىلىدىغان تاپاۋىتىڭىز چوقۇم بۇ بىر مىليون دوللاردىن ئېشىپ كېتىدۇ.                 
    ئادوۋكات ئولتۇرۇپ ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، بۇ خادىمدىن ئۆزىگە ئائىت مۇنچە كۆپ ئۇچۇرلارغا قانداق ئېرىشكەنلىكىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى سورىدى.                                                                    
    ـ ھىم، بۇ بەك ئاددىي، ـ دېدى سۇغۇرتا خادىمى، ـ پەقەت گېزىتچىلىك بىرلەشمىسىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، شۇلارنىڭ بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلدىم.                                                                                        
    ئادوۋكات ماقالىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىپ، بىر قانچە جايىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، سۇغۇرتا خادىمىغا سۇنغاچ :             
    ـ ئىلتىماس جەدۋىلىدىن بىرنى بېرىڭ، ـ دېدى.                                      
    شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە مىنۇتتىلا بۇ سودا پۈتتى.                                    
    ئەمما ، سۇغۇرتا خادىمى ئادوۋكات بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ ئالدىدا، توپتوغرا ئۈچ ئاي تەييارلىق قىلغان، ھەر قانداق كىچىك تەپسىلاتلارنىمۇ نەزىرىدىن ساقىت قىلمىغان. ماقالىنى يېزىشتىن ئاۋۋال بۇ ئادوۋكاتقا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى يىغقان، بۇنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قاتارىغا كىرگۈزگەن. شۇنداقلا تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى ياخشى يېزىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئادوۋكاتنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىپ، نام چىقىرىش ئىستىكىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغان.                                                               
    ئۇنىڭ ئادوۋكاتقا تەۋسىيە قىلغىنى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى بولماستىن، بەلكى شۆھرەتپەرەسلىك سۇغۇرتىسى ئىدى. گېزىتنىڭ باش بېتىگە بېسىلغان، كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان سەرلەۋھە ئۇنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلدى. يەنە كېلىپ مول سۇغۇرتا تاپاۋىتىگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە گېزىتچىلىك بىرلەشمىسىدىنمۇ 500 دوللار قەلەم ھەققىگە ئېرىشتى.                                                       
    مانا بۇ تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى.
                   
    تەرمىلەر 2013-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى                                        
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سۇغۇرتا ئادۋوكات