دۆلەت ۋە قەدىر-قىممەت !

يوللىغۇچى : Arifbeg يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-26 12:26:10

دۆلەت نېمە ئۈچۈن قەدىر-قىممەتنى يۈكسەك نىشان قىلىدۇ؟ ـــ « دۆلەت ئىقتىدارى ۋە بايلىق» ھەققىدىكى مۇھاكىمىگە ئىنكاس چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى يەن شۆتۇڭ خە...

    دۆلەت نېمە ئۈچۈن قەدىر-قىممەتنى يۈكسەك نىشان قىلىدۇ؟

    ـــ « دۆلەت ئىقتىدارى ۋە بايلىق» ھەققىدىكى مۇھاكىمىگە ئىنكاس

    چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى  يەن شۆتۇڭ

     

    خەلق دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى بېيىشىدىن بەكرەك ئارزۇ قىلىدۇ

    « خەلقنىڭ باياشاد، دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك » بولۇشى خەلقنىڭ قانۇنلۇق تەلىپى. « خەلقنى بېيىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش » جۇڭگولۇقلار بىردەك ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن دۆلەت نىشانى ئىدى. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان « دۆلەتنىڭ بېيىشى » ئىلگىرىكى زامانلاردا ئوردىنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي بايلىققا ئىگە بولۇشىنى كۆرسەتسە، « خەلقنىڭ كۈچىيىشى » ئاۋامنىڭ شەھەرنى قوغداپ چېگرانى مەھكەم ساقلاشتا كۈچلۈك، ساغلام تەن ۋە روھقا ئىگە بولۇشىنى، يەنى ساغلام، كۈچلۈك تەن، تەڭداشسىز ئەلەم ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىنى كۆرسىتەتتى. فېئوداللىق دۆلەتلەردە ھوقۇق ھۆكۈمرانلار جەمەتىنىڭ چاڭگىلىدا بولاتتى، ھۆكۈمەت ۋە ئاۋام ھۆكۈمرانلار جەمەتىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىشىدىكى قورالى ئىدى، شۇڭا « دۆلەتنىڭ باي، خەلقنىڭ قۇدرەتلىك » بولۇشى قانۇنلۇق دۆلەت مەنپەئەتى ئىدى. ۋەھالەنكى، ھازىرقى زاماندىكى مىللىي دۆلەتتە ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ، ھۆكۈمەت بولسا خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان قورال. ھۆكۈمەت بىلەن ئاۋام ئوتتۇرىسىدىكى خوجايىن-چاكارلىق مۇناسىۋەتتە بولغان بۇ ئۆزگىرىش دۆلەتنىڭ خوجايىنى بولغان خەلقنى دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بېيىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن « خەلقنىڭ باياشاد، دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك » بولۇشى خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا ئايلاندى.

    خەلقنىڭ باياشاد بولۇشى پاراۋانلىق تۈزۈمىگە تايانماستىن بەلكى خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكىگە تايىنىدۇ. بايلىقنى خەلق ئۆزلىرى ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىدۇ، ھۆكۈمەت بايلىق ياراتمايدۇ. ياۋروپادىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سەۋىيىسى ناھايىتى يۇقىرى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىمۇ ئەزەلدىن ئۆزلىرىنى خەلققە بايلىق يارىتىپ بەردۇق، دەپ قارىمايدۇ. ئۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى يولغا قويغان پاراۋانلىق تۈزۈمى خەلق ياراتقان بايلىقنى قايتا تەقسىملەپ بېرىدۇ، ھالبۇكى، قايتا تەقسىملەشتە ئومۇمىي خەلقنىڭ بايلىقى كۆپەيمەيدۇ. پاراۋانلىق تۈزۈمىنىڭ ئاجىز كىشىلەر توپىغا ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بولسىمۇ ئەمما بۇ تۈزۈم خەلقنى بېيىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان.

    دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئومۇمىي خەلقنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ باي بولۇشى ئومۇمىي خەلقنى بۇ بايلىقتىن بەھرمان قىلالمايدۇ. دۆلەتنىڭ باي بولۇشى خەلقنىڭمۇ باياشاد بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP نىڭ ئېشىشى پەقەت دۆلەت بايلىقىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنىڭلا ئىپادىسىكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ئاۋام بايلىقىنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ھەرگىزمۇ« 1 مىليونېر+99 تىلەمچى = كىشى بېشى ئوتتۇرىچە GDP 10 مىڭ ≠ 10 مىڭ يۇەنلىك 1 مىليون ئادەم بار » دېگەنلىك ئەمەس ( شەرھلىسەك: 1 مىليونېر بىلەن 99 تىلەمچىگە توغرا كېلىدىغان كىشى بېشى ئوتتۇرىچە GDP 10 مىڭ يۇەن بولسىمۇ ئەمما بۇ 10 مىڭ يۇەنلىك ئادەمدىن 1 مىليونى بار، دېگەنلىك ئەمەس ). ناۋادا، ھۆكۈمەت ياكى ئاز ساندىكى بايلار دۆلەتنىڭ مۇتلەق زور بايلىقىنى بۆلۈشۈۋالسا، يەنىلا ئوخشاشلا دۆلەت باي، خەلق نامرات بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك بولۇشى ئومۇمىي خەلقنى بىخەتەرلىككە ۋە قەدىر-قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىش ئىقتىدارى مۇسابىقىغە چۈشكەن تەنھەرىكەتچىلەرگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈپلا قالماستىن بەلكى شۇ دۆلەت خەلقىغىمۇ شان-شەرەپ ۋە شادلىق ئاتا قىلىدۇ. تارىختىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، دۆلەت ئىقتىدارى قالاق بولغانلىتىن بوزەك بولدى؛ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دۆلەت باي بولسىمۇ ئەمما ئاجىز بولغانلىقتىن ئوخشاشلا بوزەك بولدى؛ سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە خەلق باياشاد بولسىمۇ ئەمما دۆلەت ئاجىز بولغانلىقتىن ئوخشاشلا بوزەك بولدى.

    خەلق دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى بېيىشىدىن بەكرەك ئارزۇ قىلىدۇ. بەزىلەر ياپونىيەلىكلەر شەخسىي بايلىقىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى ئارزۇ قىلىشى دۇنيادىكى ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە، ياپونىيە خەلقىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي چوڭ دۆلەت بولۇش يولىدىكى سىياسىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانىنى ئومۇمىيۈزلۈك قوللاپ كەلددى، ئەمما ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بايلىقىنىڭ كۆپىيىشىگە تەسىر كۆرسىتىشتىن ئەندىشە قىلىپ دۆلەتنىڭ بۇ نىشانىغا قارىشى تۇردى. مۇشۇ ئايدا، ئامېرىكا چاۋشيەن قويۇپ بەرگەن راكېتانى سوقۇپ چۈشۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەندە، ياپونىيە ئاكتىپلىق بىلەن ھەربىي پاراخود ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما ئامېرىكا چاۋشيەنگە ھەرىكەت قوللىنىش قارارىنى ئۆزگەرتكەن چاغدا بولسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئوسال ئەھۋالدا قالدى، چۈنكى مەيلى ھەربىي جەھەتتە بولسۇن ياكى سىياسىي جەھەتتە بولسۇن ياپونىيەنىڭ ئۆزى باش بولۇپ چاۋشيەننىڭ راكېتاسىنى سوقۇپ چۈشۈرۈش-چۈشۈرمەسلىكنى قارار قىلىش ئىقتىدارى يوق. ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ئىشنى مىللەتنىڭ نومۇسى، دەپ قاراپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى قاتتىق سۆكتى.

    دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى خەلق قەدىر-قىممىتىنىڭ ئاساسى

       خەلق باياشاد بولغان بىلەن دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك بولۇپ كېتىشى ناتايىن. دۆلەتنىڭ ئىقتىدارى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك بولىدۇ، بۇ ئىقتىدار سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق تۈرلۈك ئوخشاشمىغان ئەمەلىي كۈچ ئامىلىنىڭ بىرىكىشىدىن تاركىب تاپقان بولىدۇ. خەلقنىڭ باياشادلىقى دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئىقتىدارىنىڭ بىر تەرەپتىكى قۇدرەتلىكنىڭ ئىپادىسى بولسىمۇ ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ باشقا تەرەپتىكى ئەمەلىي كۈچ ئامىلىنىڭمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇنىڭدەك بۇ دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنىڭمۇ ئىپادىسى ئەمەس. بەزىلەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت كۈچلۈك بولسىمۇ خەلقى باياشاد ئەمەسلىكىدەك مىسالنى كەلتۈرۈشۈپ، لىيىختېنىشتىيىن، نورۋېگىيە، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، شۋېدسىيە، شۋېدسارىيە، دانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاۋامنىڭ باياشاد بولسىمۇ ئەمما دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك ئەمەسلىكىدەك مىساللارغا سەل قارىماقتا. ئامېرىكىنىڭ 2007-يىلىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى دۇنيا بويىچە 9 – ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئالدىدىكى باشقا 8 دۆلەت ئىقتىسادىي، سىياسىي، ھەربىي ۋە مەدەنىيەت ئىقتىدارى جەھەتتە ئامېرىكىدىن ناھايىتى كۆپ ئارقىدا. خەلقنىڭ باياشادلىقى پەقەت دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارى ئىچىدىكى بىر خىل ئىقتىداردىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

       بايلىقنى شەرتسىز ھالدا دۆلەت ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ. دۆلەت كۈچى ئامىلى ئايلاندۇرغىلى بولمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر خىل ئىقتىدارنى خاھلىغانچە باشقا ئىقتىدارغا ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ. ئىقتىسادىي بايلىقنى مىسال ئالساق، سەئۇدى ئەرەبىستانى كۆپ يىللاردىن بۇيان دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ نېفىت بايلىقى ۋە زور مىقداردىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاشۇ نېفىت بايلىقى ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىن پايدىلىنىپ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئارمىيە ۋە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى نوپۇزلۇق ئىلىم ئەھلىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلمىدى. مەيلى دۆلەت بايلىقى بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي بايلىق بولسۇن، ئىقتىسادىي بايلىقنى باشقا ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت جەريانى كېتىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، دۆلەت ئىقتىدارىنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىقتىدارىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.

       خەلقنىڭ قەدىر-قىممىتى دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك ئىقتىدارى ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئىچى جەمئىيىتىنىڭ خاراكتېر پەرقى شۇ يەردىكى، ئالدىنقىسى ھۆكۈمەتسىز سىستېما. بۇ سىستېمىدا، دۆلەت بىلەن خەلقنىڭ قەدىر-قىممىتى دۆلەت ياكى جەمئىيەت بايلىقىنى ئاساس قىلماستىن بەلكى دۆلەتنىڭ ئىقتىدارىنى ئاساس قىلىدۇ. روسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى تۆت ئارال ھەققىدىكى تالاش-تارتىشىغا نۇرغۇن يىللار بولدى. ياپونىيەنىڭ GDP سى 1988-يىلىلا شۇ چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېشىپ كەتكەن، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن بۇ پەرق تېخىمۇ چوڭايدى. 2007-يىلى ياپونىيەنىڭ GDP سى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە GDP سى ئايرىم-ئايرىم ھالدا روسىيەنىڭ  3.4 ھەسسىسى ۋە 3.9 ھەسسىسىگە يەتكەن. ھالبۇكى، ياپونىيەنىڭ روسىيەدىن كۆپ كۈچلۈك بولغان بايلىقى ياپونىيەنى شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى قەدىر-قىممىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالمىدى. 1942-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيەنىڭ GDP سى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 274 مىليارد دوللار ۋە 417 مىليارد دوللار ئىدى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ GDP سى گېرمانىيەنىڭ GDP سىدىن % 34.3 يۇقىرى بولسىمۇ ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز ئارمىيىسىنىڭ قاتتىق سوغۇق شارائىتتا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە گېرمانىيە ئارمىيىسىدىن كۈچلۈك بولۇش ئۈستۈنلىكىگە تايىنىپ ستالىنگرادنى ساقلاپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش يارىتىپ مىللەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قوغدىغان.

       ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى مىللىي قەدىر-قىممەتنىڭ ئاساسى. فورمۇلالاشتۇرۇپ شەرھلىسەك : ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى = مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە ئەمەلىي كۈچ ( سىياسىي ئەمەلىي كۈچ ) × بايلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەلىي كۈچ ( ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئەمەلىي كۈچ ) بولىدۇ. نوقۇل ئەمەلىي كۈچ ئامىلىنىڭ ئۆزگىرىشىنىلا كۆزەتكەن بىلەن ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچ ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن ئالايلى، مۇشۇ ئەسىردە كىچىك بۇش ( جورجى ۋالكېر بۇش ) ھاكىمىيە يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچى ئاشقان بولسىمۇ ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ئەمەلىي كۈچى  تۆۋەنلەپ كەتتى، نەتىجىدە ئامېرىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىمۇ ئاجىزلىدى. 1978-يىلىدىن ئېتىبارەن دۆلىتىمىز ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىقتىدارى سىجىل ئېشىش ھالىتىدە تۇرۇپ، ئىقتىسادتا مەنپىي ئېشىش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى، ئەمما بۇ 30 يىل مابەينىدە ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىدە N شەكىللىك دولقۇنسىمان ھالەت كۆرۈلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى شۇنى چۈشەندۈردىكى، بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى، يەنى مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە ئەمەلىي كۈچى  0( نۆل ) گە چۈشۈپ قالغاندا، شۇ دۆلەتنىڭ مەيلى قانچىلىك بايلىق خاراكتېرلىك ئەمەلىي كۈچى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى   0( نۆل ) گە باراۋەر بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنى ئاشۇرۇش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ دۆلەتنىڭ باشقا كۈچ ئامىلىنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەل قارىغاندا، مىللەتنىڭ قەدىر-قىممەت ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىش خەۋپى تۇغۇلىدۇ.

    ئىقتىدارنى نىشان قىلغاندىلا مىللىي گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ

       تەڭپۇڭسىز تەرەققىيات ــــ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تەبىئىي قانۇنىيەت. ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ مەڭگۈ قۇدرەتلىك بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇنى ئەمەلىي كۈچ تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق قانۇنىيىتى بەلگىلىگەن. ۋەھالەنكى، دۆلەت مەڭگۈ قۇدرەتلىك بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ قالالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئاجىز دۆلەت خەلقى ئۆز دۆلىتىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلماي قالمايدۇ. ئىنسانلار تەبىئەت قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئەمما كىشىلەر ھاياتلىقىدا يەنىلا ئۆز دۆلىتىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىش باسقۇچىدا ئەمەس بەلكى ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تېپىپ گۈللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. پەلەسەپە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بارلىق دۆلەتلەر ھامان يوقىلىدۇ، ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ مۇئەييەن تارىخىي باسقۇچتىكى قۇدرەت تېپىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ خۇددى ئادەم ھامان ئۆلسىمۇ ئەمما بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىنىڭ يەنىلا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن ئوخشاش. ئۇنداق بولمىغىنىدا، دۆلەت ۋە خەلق ئۆز مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى يوقىتىدۇ.

       دۆلەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ چېكى بولمايدۇ. ئاۋام دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىپ گۈللىنىشكە يۈزلىنىش باسقۇچىدا ياشاشنى ئارزۇ قىلغاچقا، ئۇلار دۆلەتنىڭ ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تېپىپ گۈللىنىشىنى، شۇنىڭدەك گۈللىنىش مەزگىلىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان دۆلەت خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئارزۇ ئۇلارنى دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىپ گۈللىنىشىنىڭ يېرىم يولدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ توختاپ قېلىشىدىن ياكى قۇدرەت تاپماي تۇرۇپلا زاۋاللىققا يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرىتىدۇ. تارىختا نەچچە قېتىم دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بەرپا قىلغان جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتى ئالدىدا ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە يەنە بىر مۆجىزە يارىتالايمىزمۇ-يوق؟ دەپ ئۆز-ئۆزىمىزگە سوئال قويماي تۇرالمايمىز. ئۆتكەنكى 150 يىل مابەينىدە، ئامېرىكىلىقلار، سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلار، گېرمانىيىلىكلەر، ياپونىيىلىكلەر، ئىتالىيىلىكلەر، فرانسىيىلىكلەر، ئەنگلىيىلىكلەر نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ياكى قۇدرەتلىك دۆلەتلىك ئورنىنى قولغا كەلتۈرگەن ياكى قۇدرەتلىك دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بەك مۇۋەپپەقىيەت قازانغىنى يەنىلا ئامېرىكىلىقلاردۇر. ئىقتىدار ئارقىلىق دۆلەت نىشانىنى قۇرۇپ چىقىش دۆلەتنى كۈلپەتكە دۇچار قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بايلىقنى كۆپەيتىشنى نىشان قىلىش بولسا دۆلەتنى پاراغەتلىك زاۋاللىقىغا ئىتتىرىشى مۇمكىن.

       دۆلەت ئىقتىدارىنى نىشان قىلىش خەلقنى مەڭگۈ بوشاشماسلىققا رىغبەتلەندۈرىدۇ. دۆلەت ئىقتىدارى ــــ مۇرەككەپ بىرىكمە نىشان، ئەمما دۆلەت ياكى جەمئىيەت بايلىقى بولسا نوقۇل يەككە نىشاندۇر. دۆلەت ئىقتىدارى سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەربىر ساھەنىڭ يەنە نۇرغۇن كونكرېت ئىقتىدارى بولىدۇ. نوقۇل ئىقتىساد ساھەسىدىلا ئىقتىدار يەنە كۆپ خىللىققا ئىگە. مەسىلەن ئالايلى، پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارى بىلەن سودا ئىقتىدارى ئوخشاشمايدىغان ئىقتىداردۇر. بىزنىڭ ئوڭ پەرقلىق تاشقى سودىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى جۇغلىيالىغان بىلەن دۇنياۋىي پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇپ چىقالمايدۇ. بىزنىڭ بەزى دۆلەت كارخانىلىرىمىز دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرسىمۇ ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان كارخانا باشقۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس. بايلىقنىڭ ئاز-كۆپلىكى پۇل مىقدارى ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ، شۇڭا، ئەگەر بايلىقنى ئاشۇرۇش دۆلەت نىشانى قىلىنىدىغان بولسا، پۇل مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى دۆلەت نىشانى قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. مۇشۇ يەككە نىشاننى باشلامچى قىلغاندا، خۇددى نېفىت دۆلەتلىرىگە ئوخشاش باياشاد ئەمما ئاجىز دۆلەت بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ھالبۇكى، ئەگەر ئىقتىدار نىشان قىلىنىدىغان بولسا، مۇرەككەپ بىركمە نىشان قوغلىشىش داۋامىدا دۆلەتنىڭ قانچىلىك باي بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بىز مەلۇم دۆلەتنىڭ مەلۇم ئىقتىدارىنىڭ بىزنىڭكىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز-دە، ئۆز-ئۆزىمىزگە قامچا سېلىپ توختاۋسىز ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. مەسىلەن ئالايلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكترون تورى ئىقتىدارى قاتارنىڭكىدىن خېلىلا كۈچلۈك، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئېلېكترونلۇق بېجىرىشى بولسا قاتارنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىش ئىشلىرىنى ئېلېكترونلۇق ۋىزا بېجىرىش ئىقتىدارىدىن ئاجىز.

       سىياسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىش ــــ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىدە، نۇرغۇن يولداش ئىجتىمائىي بايلىقنى  تەڭشەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىجتىمائىي بايلىقنى  تەڭشەش ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، تېخىمۇ ماھىيەتلىكى شۇكى، ئىجتىمائىي بايلىقنى  تەڭشەش دۆلەتنىڭ بىر خىل سىياسىي ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئادىللىق بىلەن ھەققانىيەت ئەسلىدىمۇ بايلىقنى ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش رولى بار. ئاپتورنىڭ  قارىشىچە، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئاساسى ـــــ ئىقتىسادىي ئىقتىدار بولماستىن بەلكى سىياسىي ئىقتىداردۇر. ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 1978-يىلىدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ خاتا لۇشيەنىنى تۈزىتىش ئىقتىدارى بولمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى بولمىغان بولاتتى. كلىنتون بىلەن كىچىك بۇش ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكا خەلقىگە ئوخشاشمىغان ئىككى خىل سىياسىي رەھبەر بولۇپ بەردى، ئاقىۋەتتە كلىنتون ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتنىڭ قىزىل رەقىمىنى ئازايتىپ، دۆلەت كۈچىنى ئاشۇردى، كىچىك بۇش ھۆكۈمىتى بولسا ئامېرىكىنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمىنى كۆپەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇردى. ھازىرغا قەدەر، ئالىملار جۇڭگو تارىخىدىكى گۈللىنىش ۋە خارابلىشىشنىڭ جۇڭگونىڭ بايلىقىنىڭ ئاز-كۆپلىكى بىلەن قانداق سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقىمىدى، ئەمما ھەممىسىلا دېگۈدەك بىردەك ھالدا دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋىتى بار، دەپ قاراشماقتا. جۇڭگونىڭ مىللىي گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىقى  ۋە قانچىلىك سۈرئەتتە مىللىي گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى ناھايىتى زور دەرىجىدە دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە باغلىق. كۇڭ زىنىڭ شاگىرتلىرىدىن شۈن زى ئالدىنقى چىن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىگەندە « ئەدەب – ئەخلاقنى ئالىي بىلگەنلەر خان بولۇر، سىياسىينى ئەلا بىلگەنلەر قۇدرەتلىك بولۇر، ئەل كۆڭلىنى ئۇتقانلار ئەمىن تاپۇر، باج-سېلىق، ئولپان كۆپەيتكەنلەر زاۋال تاپۇر » دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقان .

       ( 2009 –يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى « يەرشارى ۋاقىت گېزىتى » دىن تەرجىمە قىلىندى، تەرجىمان : دادخاھ )

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-2-26 17:11:00]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دۆلەت قەدىر-قىممەت