پرېزىدېنت بىلەن بالا

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-10-11 17:22:47

:«سېنىڭ دېگىنىڭ توغرا قەدىرلىك بالام، ئەمما سادام ئەرمەك ئىت ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېررورىزم ئەرمەك ئىتنىڭ كىتابقا سىيىپ قويغىنىغا ئوخشىمايدۇ. ئەگەر مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا بولغان بولسا، ئەرمەك ئىتىمنى دەرھال ئالماشتۇرۇۋەتكەن بولاتتىم».

    پرېزىدېنت بىلەن بالا     
                     
    2003-يىلى ياز. ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، كىچىك بۇ تېلېۋىزوردا ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاش سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:«دۇنيادىكى قىرغىنچىلىقى زور قورالى بار، شۇنداقلا تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ھەم قوللايدىغان دۆلەتكە نىسبەتەن قاتتىق زەربە بېرىشتىن باشقا يول يوق. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ تەڭرىنىڭ جازاسى».
    ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، كىچىك بۇ بىر بالىدىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرۇۋالدى. خەتتە ئۇ بالا ئۆزى ئىلگىرى تەجرىبە ئىشلەپ كۆرگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە جازانىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەنىدى:«ئۆيىمىزدە بىر ئەرمەك ئىت بار ئىدى، بىر كۈنى ئۇ ئىت كىتابىمغا سىيىپ قويدى، قاتتىق ئاچچىقىم كەلگەچكە ئۇنى تازا ساۋىدىن، ئاندىن دېرىزىدىن سىرتقا چۆرۈۋەتتىم. شۇ چاغدا خىيالىمدا:«بۇ ئىت ئەمدى كىتابىمغا سىيمەس» دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمەلىيەت مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولمىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئوخشاشلا كىتابىمغا سىيىپ قويىدىغان، سىيىپ بولۇپلا دېرىزىدىن سىرتقا چىقىپ كېتىدىغان بولۇۋالدى. بۇ رېئاللىقتىن شۇنداق ھۆكۈمگە ئىگە بولدۇمكى، تەربىيە بىلەن توغرا يولغا باشلاش جازادىن مۇھىم ئىكەن».
    كىچىك بۇ بالىغا مۇنداق جاۋاب خەت يازدى:«سېنىڭ دېگىنىڭ توغرا قەدىرلىك بالام، ئەمما سادام ئەرمەك ئىت ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېررورىزم ئەرمەك ئىتنىڭ كىتابقا سىيىپ قويغىنىغا ئوخشىمايدۇ. ئەگەر مەن سېنىڭ ئورنۇڭدا بولغان بولسا، ئەرمەك ئىتىمنى دەرھال ئالماشتۇرۇۋەتكەن بولاتتىم».
     (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پرېزىدېنت