دوكتۇر ۋىليام خارت

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-23 21:21:00

ۋولتايرې ئۆزىنىڭ «ئەنگىلىيە بىلەن ئالاقە» دىگەن كىتابىدا، 1726-يىلى ئۆزى ئەنگىلىيەدىكى مەزگىلدە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ شەخس كىم؟ كايزارمۇ؟ ئالىكساندېرمۇ؟ ۋە ياكى چىڭگىزخ...

     

          ۋولتايرې ئۆزىنىڭ «ئەنگىلىيە بىلەن ئالاقە» دىگەن كىتابىدا، 1726-يىلى ئۆزى ئەنگىلىيەدىكى مەزگىلدە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ شەخس كىم؟ كايزارمۇ؟ ئالىكساندېرمۇ؟ ۋە ياكى چىڭگىزخانمۇ؟ ياكى كىرومۋېلمۇ ؟» دىيىشكەنلىكىنى، ئارىدىن بىر ئالىم چىقىپ« شۈبھىسىزكى نىيۇتۇن ئەڭ ئۇلۇغ شەخس» دىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان، ۋە ئۆزى بۇ قاراشقا قوشۇلۇپ« نىيۇتۇن قورال كۈچى ئارقىلىق بىزنى قۇل قىلغان بولماستىن، بەلكى ھەقىقەت ۋە ئىلىم پەننىڭ كۈچى ئارقىلىق كۆزىمىزنى ئېچىپ كاللىمىزنى ئىدارە قىلغان » دىگەن ئىدى.

        تارىخنى ئەڭ قىسقا ۋە ئەڭ ئىلمى يوسۇندا شەرھىلەشنىڭ شەكلى بولغان شەخسلەرگە باھا بېرىش بىر ئۈنۈملۈك تەپەككۈر ئۇسۇلى.   چۈنكى بۇ يەردىكى شەخسنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان تەسىرى تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشنىڭ ئاساسى شەرتى، بىراق بۇ تىزىملىكتىكى شەخسلەرنىڭ ھەممىسىلا ياخشى ئادەم ئەمەس، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا پىت ۋە چۈمىلىنى ئۆلتۈرۈشكە قارشى تۇرىدىغان جىنا دىنىنىڭ پەيغەمبىرى ماخاۋىرادىن تارتىپ قانخور جاللات پېزاررو ۋە گېتلىرغا ئوخشاش ئالۋاستى شەخسلەرمۇ بار. مەن كىتاپخانلارنىڭ مېنىڭ باھا بېرىش شەكلىمدىن پايدىلىنىپ شەخس ۋە تارىخى مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ قوساقلىق بىلەن ئەتراپلىق پىكىر قىلىشقا ئادەتلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.
          
        يەنە مەسىلەن دۇنيادا خىرىستىئانلار مۇسۇلمانلاردىن كۆپ بولسىمۇ ۋە تارىختىن بۇيان خىرىستىئانلارنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى مۇسۇلمانلارنىڭكىدىن كۆپ بولغان بولسىمۇ ،مەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنى ئىيسا ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئالدىغا تىزدىم. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئىسلام دىنىنى بەرپا قىلىشتىكى تۆھپىسى شەخسەن ئىيسا ئەلەيھىسسەلامنىڭ خىرىستان دىنىنى بەرپا قىلىشتىكى تۆھپىسىدىن چوڭ بولدى. چۈنكى قۇرئان ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى ئاساسەن  مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام ئۆزى رەتكە تۇرغۇزغان. بىراق ئىنجىل ۋە خىرىستان دىنى ئىيسا ئەلەيھىسسەلامدىن كېيىنكى ھاۋارىيۇن پائۇل قاتارلىقلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن رەتكە كىرگۈزۈلگەن ۋە كېڭەيگەن.
           
        ئاياللار ئازادلىقى، قورال ياراقلارنىڭ تەرەققىياتى، ھىندى دىنىنىڭ باش كۆتىرىشى قاتارلىق بەزى ھەركەتلەرنىڭ قاتناشقۇچىلىرى بەك كۆپ بولغاچقا  ئۇلارنىڭ بىرەرىنى بۇ شەخىسلەر ئىچىگە تىزىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.
       
        ئاياللارنىڭ ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى تۆھپىسى بەك زور بولسىمۇ بىراق بۇ كىتاپتىكىسى پەرەز ۋە ھىسىيات ئەمەس بەلكى پاكىت تەلەپ قىلىدىغان رەت تەرتىپ بولغاچقا ئىككى پادىشاھتىن باشقا ئايالنى كىرگۈزۈش ئىمكانى بولمىدى، مەن ئاياللارنى ھۆرمەتلەيمەن بىراق بۇ ھەرگىز مېنىڭ رايىم ئەمەس، بەلكى تارىخ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دوكتۇر ۋىليام خارت