ھەرگىز چېكىنمەڭ(لىنكولىننىڭ كۈرەش تارىخى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-19 09:10:08

ھەرگىز چېكىنمەڭ(لىنكولىننىڭ كۆرەش تارىخى)تۆۋەندىكىسى بىر ئادەمنىڭ كۈرەش تارىخى :1816-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەسلى ماكانىدىن قوغلاندى. ئۇ، ئىشلەپ ئائىلىسىنى بېقىشقا مەجبۇر بولدى.1818-يىلى ئانىس...

    ھەرگىز چېكىنمەڭ(لىنكولىننىڭ كۆرەش تارىخى)


    تۆۋەندىكىسى بىر ئادەمنىڭ كۈرەش تارىخى :
    1816-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەسلى ماكانىدىن قوغلاندى.  ئۇ، ئىشلەپ ئائىلىسىنى بېقىشقا مەجبۇر بولدى.
    1818-يىلى ئانىسى ئالەمدىن ئۆتتى .
    1831-يىلى سودىدا مەغلۇب بولدى.
    1832-يىلى پارلامېنت ئەزالىق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ سايلىنالمىدى.
    1832-يىلى خىزمىتىدىنمۇ قۇرۇق قالدى .قانۇن ئىنىستىتوتىغا كىرىپ ئوقۇمامچى بولىديۇ،ئوقۇشقىمۇ كىرەلمىدى.
    1833-يىلى دوستلىرىدىن پۇل ئۆتنە ئېلىپ سودىغا كىرىشتىيۇ،يىل ئاخىرغىچە ۋەيران بولدى. گەدىنىدىكى قەرىزنى 16 يىل تۆلەپ قۇتۇلدى.
    1834-يىلى پارلامېنت ئەزالىق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ يەڭدى.
    1835-يىلى توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بولغۇسى ئايالى ئالەمدىن ئۆتۈپ، يۈرىكىدە ساقايماس ھىجران قالدى.
    1836-يىلى روھى جەھەتتىن پۈتۈنلەي بەربات بولۇپ ئالتە ئاي ياتتى .
    1838-يىلى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ باياناتچىلىقىنى تالىشىپ مەغلۇب بولدى.
    1840-يىلى سايلامغا قاتنىشىشقا بار كۈچى بىلەن تىرىشتىيۇ مەغلۇب بولدى.
    1843-يىلى پارلامېنت چوڭ سايلىمىغا قاتناشتى، ئەمما سايلىنالمىدى.
    1846-يىلى پارلامېنت چوڭ سايلىمىغا يەنە قاتىنىشىپ سايلاىدى ۋە ۋاشىنگىتوننى نىشانلاشقا باشلىدى، ئىپادىسى يامان ئەمەس بولدى.
    1848-يلى پارلامېنت ئەزالىقىغا قايتا سايلىنىشقا تىرىشتىيۇ مەغلۇب بولدى.
    1849-يىلى ئۆزى تۇرۇشلۇق شىتاتنىڭ يەر - زىمىن ئىدارىسىگە باشلىق بولۇش خىيالىدا چاپتىيۇ،رەت قىلىندى.
    1954-يىلى ئامېرىكا ئالى پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىنى تالىشىپ سايلىنالمىدى.
    1856-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر چوڭ يېغىنىدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا كۆرسىتىلىشنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما ئېرىشكەن بېلەت سانى يۈزگىمۇ يەتمىدى.
    1858-يىلى يەنە بىر قېتىم ئامرىكا ئالىي پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىنى تالىشىپ، يەنە سايلىنالمىدى.
    1860-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى .

    بۇدەل ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ زور شۆھرەت قازانغان زۇڭتۇڭ لىنكولىندۇر !
    «بۇ يول شۇقەدەر جاپالىق ھەم ئەگرى - توقاي بولدى. بىر پۇتۇم ئازراقلا تېيىپ كەتسە، يەنە بىر پۇتۇممۇ لىڭشىپ قالىدۇ، ئەمما مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ، ئۆز-ئۆزۈمگە شۇندق دەپ كەلدىم. بۇ ئازراقلا پۇت تېيىش، مۈدۈرۈپ كىتىش،ھەرگىزمۇ ئۈلۈش ياكى دۈم چۈشۈش ئەمەس!«لىنكولىن ئالىي پالاتا ئەزالىق سايلىمىدا مەغلۇب بولغاندىن كىيىن شۇنداق دىگەنىدى .
    مۇۋەپپىقىيەتتە ھېچقانداق مەخپىيەت يوق. بار دىيىلسە :
    بىرىنجى، ئاخىرغىچە تىركىشىش،ۋاز كەچمەسلىك، مەغلۇب بولغىنىنى ھەرگىزمۇ تەن ئالماسلىق؛
    ئىككىنجى، ۋاز كېچىش خىيالىغا كەپ قالغان چاغلاردا،ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ بىرىنجى مەخپىيەتكە قاراش؛ئاخىرغىچە تىركىشىش، ۋاز كەچمەسلىك،مەغلۇب بولغىنىنى ھەرگىز تەن ئالماسلىق .
    قەتئىي ئىرادىل، قول سېلىپ ئىشلەشلا بولىدىكەن، مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق. بۈيۈك شائىر شىللى شۇنداق دىگەنىدى :«مەن ئۆز تەقدىرىمنىڭ خوجىسى، ئۆز روھىمنىڭ رولچىسى«.پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، مەڭگۈ چىكىنمەي ئالغا باسالايسىز .
    ئىبراھام لىنكولىن يولۇققان دۈشمەنگە ھەممىمىز ئۇچرىغان . ئۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ۋاز كەچكەن، قاچقان ئەمەس،بەلكى داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلغان . ۋاز كىچىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان . شۇڭا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغان .
    قېنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ، سىز قانداق قىلىسىز ؟ قانداق قىلىۋاتىسىز ؟

    نۇر مۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن - «بايقىساڭ توپىمۇ - ئالتۇن»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.