سۆيگۈ بىر خىل يۈكسەكلىك

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-27 10:13:00

چۆچەككە باي دانىيىدە ئاكا - ئۇكا ئىككى ئالىم بار. ئىنىسىنىڭ ئىسمى خالو بور، ئاكىسىنىڭ ئىسمى نېر بور.بىر كۈنى ئاكىسى ئۇكىسىغا دېدى:ئۇكام، بىز ئۆز ئارا يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىش ئوي...

        چۆچەككە باي دانىيىدە ئاكا - ئۇكا ئىككى ئالىم بار. ئىنىسىنىڭ ئىسمى خالو بور، ئاكىسىنىڭ ئىسمى نېر بور.
    بىر كۈنى ئاكىسى ئۇكىسىغا دېدى:ئۇكام، بىز ئۆز ئارا يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىش ئويۇنى ئوينايلى،بولامدۇ؟
    ئاكا، مەن بۇنداق ئويۇننى ئوينىمايمەن،ـــ دېدى ئىنىسى.
    ئەجەبا، سەن مېنىڭ خۇشال بولۇشۇمنى خالىمامسەن؟
    شۇنىڭ بىلەن ئىنىسى ماقۇل بولدى.
    نېر ئىنىسىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە باشلىدى: سەن كېكەچلەپ سۆزلەيسەن، گەپنى ئوڭشاپ قىلالمايسەن؛ ئۆزۈڭنى ئىپادىلەشكە ماھىر ئەمەس؛ نېمە ئويلايدىغانلىقىڭنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، باشقىلار سېنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقىنىڭنى بىلمەيدۇ.... بولدى، ئەمدى ساڭا كەلدى، مېنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بەر.
    ئىنىسى ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى، ئۇ ئاكىسىغا قاراپ: ياقاڭدا بىر تال چاچ تۇرىدۇ،دېدى ـ دە، چاچنى ئېلىۋەتتى. ئۇ ئاكامنىڭ ھېچقانداق يېتەرسىزلىكى يوق، ئاكامنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر يېتەرسىزلىكى مۇشۇ بىر تال چاچتىن ئىبارەت، دەپ قارىغانىدى.
        كەڭ قورساقلىق، ھۇزۇرلىنىش بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ دۇنيا شۇ قەدەر سۆيۈملۈك.
        باشقىلارنىڭ كەم - كۈتىسىز بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئۆز قەلبىمىزنىڭمۇ كەم - كۈتىسىز بولغانلىقىدىندۇر. ئەگەر، سىز سۆيگۈنى بىر خىل قەلب يۈكسەكلىكى دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا، بارلىق شەپقەتسىزلىك ۋە سوغۇق پوزىتسىتىلەر بارا - بارا سىزدىن يىراقلىشىدۇ. ياخشى كۆرۈش دۇنيادىكى بارلىق ئەيىپلەرنى ياپىدىغان يۈكسەكلىكتۇر.

          ----------------«تەرمىلەر» دىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق