مەدەنىيەتتىكى ئۆزىنى خورلاش پىسخىكىسى

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-05 00:00:00

مەدەنىيەتتىكى ئۆزىنى خورلاش پىسخىكىسى نا چۇەن جوڭگۇ مەدەنىيىتىدە كىشىلەرنى جاپا چېكىشكە، ياخشى ياشاشنى ئويلىماسلىققا ئۈندەيدىغان تۈرلۈك تەلىماتلار بار. مەسىلەن، جاپا چېكىش ھەممە كىشىلەردىن ئ...

     


    مەدەنىيەتتىكى ئۆزىنى خورلاش پىسخىكىسى

    نا چۇەن

     

       جوڭگۇ مەدەنىيىتىدە كىشىلەرنى جاپا چېكىشكە، ياخشى ياشاشنى ئويلىماسلىققا ئۈندەيدىغان تۈرلۈك تەلىماتلار بار. مەسىلەن، جاپا چېكىش ھەممە كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇرۇش ئۈچۈندۇر، دىگەن سۆز كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا سىڭىپ كەتكەن.

       مېڭزى: «ئادەم ئەسلىدىنلا جاپا چېكىش ئۈچۈن يارالغان، جاپا چېكىش ئارقىلىق ئىرادە تاۋلىنىدۇ، ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق مۇسكۇل چېنىقىدۇ، ئاچلىق ئارقىلىق بەدەن چېنىقىدۇ، شۇڭا، تەننىڭ راھىتىگە بېرىلمەسلىك ، قالايمىقان خياللاردا بولماي، قەتئى ئىرادىگە كېلىپ، سەۋرىچان بولۇش، پايدا- مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى كۆزلىمەسلىك لازىمدۇر» دىگەن ئىكەن. بۇ سۆز  كىشىلەر قەلبىگە ناھايىتى چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن بولۇپ، ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جوڭگۇغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى.

    مېڭزىنىڭ بۇ سۆزى تەبىئى ھالدا جوڭگۇلۇقلاردا بىر خىل سالماقلىق، سىرلىقلىق تۇيغۇسى ۋە ئاQ چە روھنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەرقانچە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن قەتئىنەزەر، ھەمىشە: « تەڭرىنىڭ مېنى شۇنچە جاپا چېكىشكە بۇيرۇشى مەندە ئالاھىدە ماھارەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر! كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن، كۆڭلۈمنى ئازادە تۇتۇپ، تەڭرىدىن ۋە ئادەملەردىن ئاغرىنىپ يۈرمەسلىكىم كېرەك ئىكەن» دەپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىدۇ. بۇ خىل ھالەتنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇن داۋاملىشىشى نەتىجىسىدە، ئۇلار جاپا چېكىشنى خوشاللىق دەپ ھېساپلاپ، خۇددىى، بىر كۈن تاياق يىمىسە دۈمبىسى قىچىشىپ قالىدىغان قۇلغا ئوخشاش، خۇداغا شۈكرى قىلىپ، جاپا چېكىش بەدىلىگە ئېرىشىدىغان ئاشۇ ياخشى كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ يۈرۈۋېرىدۇ. شۇ سەۋەپتىنمۇ، جاپا چېكىش خۇددى كىشىلەرنىڭ بىر چوڭ ئارتۇقچىلىقى بولۇپ قالغاندەك، بىز ھەمىشە:« بۇ ئادەم ھەقىقەتەنمۇ جاپاغا چىداملىق» دىگەن سۆز بىلەن باشقىلارنى ماختاشقا ئامراق، بۇ خۇددى ناھايىتى ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ، جان تالىشىپ كېتىۋاتقان ئىشەكنى كۆرسەك:« بۇ ئىشەك ھەقىقەتەن ياخشىكەن، بەك چىداملىق ئىكەن، زادى قۇۋلۇق قىلمايدىكەن، ئادەمنى تەپمەيدىكەن، ھەقىقەتەن بولىدكەن» دەپ ماختىغىنىمىزغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

    ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن ئۇزۇن مۇددەت يېزىدا ياشىغان، دېھقانلارنىڭ جاپاغا چىداش روھىغا بەكمۇ قايىلمەن. 20- ئەسىرنىڭ 70- 80 يىللىرىدا، ئائىلىمىزدىكى نەچچە جان كىشى يىل بويى بىرەر قۇر يېڭى كىيىم ئېلىپ كىيەلمەيتتۇق، بۇ ھەقىقەتەن راست. مەن بىلەن بىرگە چوڭ بولغان بالىلار قەھرىتان قىش كۈنلىرىدىكى نۆلدىن تۆۋەت ئوننەچچە گرادۇسلۇق سوغۇقتا، پاختىلىق ئاياغ ۋە پايپاق كىيمەيتتى، پەقەت، پۇتىنىڭ بارماقلىرى سىرىتقا چىقىپ تۇرىدىغان لاتا ئاياق كىيىپ يۈرەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆمۈر بويى يۇيۇنۇپ باقمىغان بولغاچقا، بەدىنىنى پىت بېسىپ كېتەتتى. بەزى بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن سىرىتقى رايونلارغا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى باراتتى، ئىش مەيدانىنىڭ تېمپۇراتۇرىسى 37- 38 گىرادۇسقا چىقسىمۇ، ئۇلار ئىسسىقتىن ۋايسىمايتتى، ئۇلار ئىش مەيدانىدا يېتىپ-قوپىدىغان تاشپاختا چېدىرلار يىرتىق، كونا بولۇپ، قىش كۈنلىرى تۆت تەرەپتىن شامال كىرىپ تۇراتتى، ياز كۈنلىرى قاسقاندا دۈملىگەندەك قىزىپ كېتەتتى. مەن ئىش مەيدانىغا ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندا، ئۇلار ساددىلىق بىلەن كۈلۈپ تۇراتتى، مەندەك بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار تەقدىرگە تەن بېرەتتى. پەقەت، خوجايىنى ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى قەرزگە تۇتۇپ قالمىسىلا، يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشكە يەتكۈدەك پۇل ئالالىسىلا شۇنىڭغا شۈكرى قىلاتتى، بذ، مەن بىلەن بىرگە يېزىدا چوڭ بولغان ھەمرالىرىمنىڭ ھەقىقى تۇرمۇشى. بۇلارنى ئويلىساملا كۆز يېشى قىلىمەن، بۇنىڭغا ئوخشاش مەڭگۈ ئاخىرى چىقمايدىغان جاپالارغا چىداپ يۈرگەن كىشىلەرگە « ھەممە ئادەمدىن ئۈستۈن تۇرۇش» نەدە تۇرۇپتۇ؟

    پەقەت جاپاغا چىدىسىلا ئىستىقبالى بولامدۇ؟ ھەممە ئادەمدىن ئۈستىن تۇرىدىغان ئادەمگە ئايلىنىش ئۈچۈن، مەڭگۈ جاپا تارتىش كېرەكمۇ؟ مەندەك 37 ياشقا كىرگەن، بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق- سوغاقلارنى ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ تەپەككۇرىدا، بۇ بىر تىپىك سەپسەتە ھەم تامامەن يۈزەكى كۆزقاراش بولۇپ، ئادەمگە ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىدۇ.

    باشقىسىنى قويۇپ، سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ ئۆلۈما سۇ شىنى ئېلىپ ئېيتايلى، ئۇ دۆلەتمەن ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، كىچىكىدىن باشلاپلا ياخشى تەربىيە كۆرگەن، ئاتا- ئانىسىنىڭ چەكسىز غەمخورلىقىدىن بەھرىمان بولغان. بۇ ئۆسمۈر تالانت ئىگىسى ناھايىتى بۇرۇنلا ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان تۇغما تالانتىنى نامايەن قىلغان. 21 يېشىدا، تەشرىپدار بولغان، ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا بىرىنچى بولۇپ تاللانغان. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ نامى ئالەمگە تارقىلىپ، دۆلەتنى تىترەتكۈدەك ئۇتۇقلارنى قازىنالىغان. ئۇنىڭ سىياسى ھاياتى ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن، ئەمەلدار بولغاندىن كېيىن، تەمىناتى ياخشى، ئايالى پەزىلەتلىك، توقىلى چاۋ يۈن سەمىمى، چىرايلىق ئىدى، يۇقۇرقى ئامىللار ئۇنىڭ تالانتى، خارەكتىرىنى تولۇق يېتىلدۈرۈش ۋە جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. قاراڭلار، ئۇ جاپا چېكىپتىمۇ؟ قوسىقىنى تويغۇزالمايدىغان، خوتۇن ئالالمىغان نامراتلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەن! شۇ سەۋەپتىن، جوڭگۇ تارىخىدا مىڭ يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان بۈيۈك تالانت ئىگىسى مەيدانغا چىقالىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇنىڭ جاپا تارتىش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئەگەر، ئۇ بىر ئۆمۈر جاپا تارتىش بىلەن ئۆتكەن بولسا، ئۇنىڭ تۇغما تالانتى بىخ ھالىتىدىلا نابۇت بولۇپ كېتىشى مۈمكىن ئىدى!

    چەتئەللەردىن بىرنەچچە مىسال كەلتۈرەيلى. ۋاشىنگىتون، كېننىدى قاتارلىقلار دۇنياغا تونۇلغان، ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان مەشھۇر سىياسىيونلار، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ناھايىتى باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىگىدىن تارتىپلا ياخشى تەربىيە كۆرگەن، كۆرۈشكە بولىدۇكى، بايلىق ئۇلارغا ھەقەقەتەنمۇ چوڭ مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ شۇنچە زور مۇۋاپىقىيەتلىرىنى جاپا تارتىش- تارتماسلىق، قانچىلىك جاپا تارتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغىلى بولمايدۇ. شەخسنىڭ تۇغما تالانتى ئوخشاش بولغان شارائىتتا، ئائىلە شارائىتى ياخشى بولغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر تالانتىنى يېتىلدۈرىدىغان پايدىلىق شارائىتقا ئېرىشەلەيدۇ، بذ، مۇنارىزە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت ئەمەسمۇ؟

    مەن ھەر قېتىم، مەكتەپتە ئوقۇيالمىغان، باشقىلارنىڭ ئىئانىسىگە تايىنىپلا مەكتەپكە كىرگەن، باشقىلار بىر- ئىككى يۈز يۈەن پۇل بەرسە ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىدىغان بالىلارنى كۆرگىنىمدە، قاتتىق ئازاپلىنىمەن. نامراتلىقنىڭ كىشىلەرگە كەلتۈرگەن زىيىنى شۇنچە چوڭ ، شۇنداقلا، كىشىلەرنىڭ ياشاش ھالىتى، روھى ھالىتىنى بىۋاستە ئۆزگەرتىۋېتىپ، كىشىلەرنى ئامالسىز ئېسىلزادىلەرنىڭ ئالدىدا باش ئېگىشكە، باشقىلارنىڭ سەدىقىسىنى كۈتۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ. ئەجەبا، مۇشۇمۇ «ھەممە كىشىلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇش» ئۈچۈن چوقۇم تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەلمۇ؟

    كىشىلەرنى سەۋرىچانلىق بىلەن جاپا چېكىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ھەقىقەتەنمۇ بىر سەپسەتە!

    ئۇنداقتا، فېئودال ھۆكۈمرانلار نىمە ئۈچۈن ئەۋلاتمۇ ئەۋلات بۇنى تەشەببۇس قىلىدۇ؟ بۇنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق جاۋابى شذ: «جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن».

    بىرنەچچە مىڭ يىلدىن بېرى، جوڭگۇنىڭ ئىشلەپچىقرىش كۈچلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تەرەققى قىلالماسلىقى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكرى قىلىپ ياشاش، ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان ئۇرۇش، تەبىئى ئاپەت ۋە سۈنئى ئاپەتلەرنىڭ خەلقنى ئارانلا كۈن كەچۈرىدىغان قىلىپ قويغانلىقىدىن بولغان. ئاددى ھالدىكى قورساق تويغۇزۇش تەلىپى جوڭگۇلۇقلارنى نەچچە مىڭ يىل قىينىدى، ھالبۇكى، ھۆكۈمرانلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ راھەت- پاراغەتلىك تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. نوپۇس ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىق، بايلىقنىڭ قانچىلىك بولۇشىغا قارىماستىن شىددەت بىلەن كۆپەيدى. ئىنسانشۇناسلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، جوڭگۇ مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقان بولۇپ، نوپۇسنىڭ كۆپۈيىشىگە ئەڭ ماس كېلىدۇ، پەقەت نەچچە ئون يىل ئۇرۇش بولمىسىلا، جوڭگۇلۇقلارنىڭ نوپۇسى گېئومېتىرىيىلىك دەرىجە بويىچە ئاشىدۇ. شۇنچە كۆپ ئېغىز تاماق يىمىسە بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، بۇ ناھايىتى ئېغىر يۈككە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۈي سۇلالىسىنىڭ زالىم پادىشاسى سۈي ياڭدى كوچىدىكى  مىغ- مىغ ئادەملەر توپىنى كۆرۈپ: « نىمانچە كۆپ ئادەم بذ؟ بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاش كرەك، بولمىسا، ئۇلار نىمە ئىش قىلىدۇ؟ تاغقا چىقىپ قاراقچىلىق قىلىدۇ» دىگەن ئىكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ دېھقانلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتەرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاچچىقىدا يېرىلغۇدەك بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق قىرىۋەتمىگىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، ئۆزىنى ئەيىپلىگەن ئىكەن.

    ئادەم بەك كۆپ بولسا، ھەممىسىنىڭ تۇرالغۇ، تاماق مەسىلىسىنى تولۇق ھەل قىلىپ كېتىش تەس، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشمۇ مۈمكىن ئەمەس. شۇڭا، ھۆكۈمرانلار راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ئۆزلىرىلا بەھرىمان بولۇش ئۈچۈن، پۇقرالارنى ئۆزلىرىنى يۈگەنلەشكە، نامراتلىق تەقدىرىگە تەن بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ: ئازراق دەرەخ قوۋزىقى يەپ، پاخال كەپىدە ئۇخلاشلا ساڭا كۇپايە قىلىدۇ، ھەرگىز ئىسيان كۆتەرمە، بولمىسا، پۈتۈن ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ ئۇرۇقى قۇرۇتىلىدۇ!

    دىمەك، ھۆكۈمرانلارنىڭ نەزەرىدە، خەلق يۇۋاشلىق بىلەن ئاخىرغىچە جاپا چېكىپ ئۆتسە، ئۆزلىرى شاھانە مەيلەرنى ئىچىپ، سەتەڭلەرنى قۇچاقلاپ، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ يۈرسە، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولىدۇ-دة.

    ئادەملەر باراۋەر، ھەر بىر ئادەمنىڭ غۇرۇرى، ياشاش ھوقۇقى بولىدۇ، ئادەم بۇ دۇنياغا جاپا چېكىش ئۈچۈنلا يارالمىغان، بەختيار، خوشال تۇرمۇش، جۇشقۇن كەيپىياتقا تولغان كىشىلىك ھايات ئىنسانىيەت قوغلىشىدىغان ئاخىرقى نىشان. ئاتالمىش «ھەممە ئادەمدىن ئۈستۈن تۇرۇش» ئۈچۈن جاپا چېكىش دىگەنلەر مەيلى ئاللىكىملەرنىڭ قايسى تەلىماتلىرىدىن كەلگەن بولسۇن، كىشىلەر قەلبىنى قانچىلىك زەھەرلىگەن بولسۇن، ھەممىسى بىر سەپسەتە!

     

    « فىليەتون ئايلىق ژورنىلى» نىڭ 2007- يىللىق 12- سانىدىن ئالىمجان ئابلىز تەرجىمىسى. تىلماچ: كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مەدەنىيەت