ئىككى دانە قىزىل بولاق

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 09:53:27

    چۈشتىن بۇرۇن تەكشۈرگەن ئاغرىقلار ئىچىدە سۈت بىزى راكى بىلەن ئاغرىغان ئىككى ئايال ، ئۇنىڭ بىرى شەھەرلىك يەنە بىرى سەھرالىق ئىدى . بۇلارغا قاراپ ئىچىمدە : « توۋا ، ئىككۆيلەننىڭ مۇشۇنداق ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ، ئائىلىسىدىن بىرەرسىمۇ ھەمراھ بۇلۇپ كەلمىگىننى ؟» دەپ ئەجەپلىنىپ تۇراتتىم ، ئويلۇغۇنۇمنى بىلۋالغاندەكلا ، شەھەرلىك خانىم مەغرۇر ھالدا :  
    ___ ئېرىم يىغىنغا قاتنىشۋاتقان بولغاچقا ، مەن بىلەن بىرگە كىلىشكە ۋاقىت چىقىرالمىدى  ، - دېدى . سەھرالىق ئايال شەلپەردەك قىزارغىنىچە پەس ئاۋازدا :
    __ ئېرىم ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرى بىلەن بەكلا ئالدىراش ، شۇڭا ئۈزۈملا كەلدىم  - دېدى . كىسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىرەك ئىگەللەش مەخسىتىدە ھەر ئىككىسىنى داۋالاشقا قۇبۇل قىلىپ ، بىر ياتاققا ئۇرۇنلاشتۇردۇم .  
    سەھرالىق ئايالنىڭ رۇھى - كەيپىياتى ناھايىتىمۇ تۈۋەن بۇلۇپ ، بىردەم ، بىردەم كۆز يېشى قىلاتتى . دىمىسىمۇ مۇنداق كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچى ئادەمنىڭ قايسى بىرى ھەسرەتلەنمەيدۇ دەيسىز ؟ شەھەرلىك خانىم مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن سەھرالىق ئايالغا قاراپ قۇيۇپ ، كۈرەڭلىگەندەك قىلىپ :  
    ___ دوختۇر ھەرقانداق دۇرا بولسا ماڭا يېزىپ بىرىۋىرىڭ ، ئىمپورت قىلىنغىنى بولسا تەخى ياخشى ، پۇلدىن غەم قىلمايمەن ، - دىدى .  
    ئۇنىڭ سۈزىگە جۇدۇنۇم تۇتتى - دە : _ 
    __ كىسەللىك ئەھۋالىڭىزغا قاراپ دۇرا يازىمەن ، دۇرا دىگەننى قالايمىقان يېزىۋىرىشكە بولمايدۇ . ئىسىڭىزدە بولسۇن ، ئىمپورت قىلىنغانلىكى دۇرىنىڭ ياخشى بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن ، كىسىلىڭىزنى قانداق داۋالاش توغرۇلۇق كۆڭلىمدە سان بار ، - دىدىم ئۇنۇڭغا سوغوقلا ۋە سەھرالىق ئايال تەرەپكە بۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۇراشقا باشلىدىم .  
    سەھرالىق ئايال قورۇنغان ھالدا :
    __ دوختۇر ، كىسىلىم ئۈزۈمگە 5 قولدەك ئايان .... سىز...... سىزدىن مىنى داۋالايمەن ، دەپ ئاۋارە بولماسلىقىڭىزنى ئۈتۈنىمەن ، - دىدى .  
    ___ سىزنى نىمىشقا داۋالىمىغىدەكمەن ؟ سىز دوختۇرغا ، پەن - تەخنىكىنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىڭ ، دۇنيادا داۋا تېپىلمايدىغان كىسەل يوق ، - دىدىم ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ .  
    سەھرالىق ئايال دۇدۇقلىغىنىچە :
    __ ئېرىمنىڭ دىھقانچىلىق قىلىپ ئاز - تۇلا پۇل تېپىشى ئاسان ئەمەس ، مەن ئۇنى قاقسەنەم قىلۋىتىشنى خالىمايمەن ، ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ماڭا ئاز - تۇلا ئغرىق توتۇتۇش دۇرىسىنىلا يېزىپ بەرسىڭىز بۇلاتتى ، - دىد ى. مەن ئۇنۇڭغا چۈشندۈرۈپ :  
    __ كىسىلىڭىز ساقايماس كىسەل ئەمەس ، پەقەت بىزگە ماسلىشىپ بەرسىڭىزلا ساقىيىپ كىتىشىڭىزدىن ئۈمۈت بار ، - دىدىم .  
    __ دوختۇر ، ئېرىم كەلگەندە ئۇنىڭغا  خۇتۇنىڭىزنىڭ كىسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ ، دەپ قويغان بولسىڭىز ، - دەپ ئۈتۈندى ئۇ يەنە . 
    بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ، بۇ ھالىمنى كۆرگەن سەھرالىق ئايال چۈشەندۈردى :

    __ دىمەكچى بولغۇنۇم ، ئېرىم كىسىلىمنىڭ ساقىيىشىدىن ئۈمۈت بارلىقىنى بىلسە ، ئۆي ھەتتا قازان - قۇمۇشقىچە بولسىمۇ سېتىپ مىنى داۋالىتىشنىڭ كۇيىدا بۇلىدۇ ، مەن ئۇنى قىيناشنى خالىمايمەن ....

    يۈرىكىم ئېچىشتى ، ئۇنىڭغا نىمە دەپ چۈشەندۈرشىمنى بىلمىدىم . 
    چۈشتىن كىيىن سەھرالىق ئايالنىڭ ئېرى تۇلىمۇ ھارغىن ھەم مەيۇس ھالدا ئىشخانامغا كىردى ، ئۇنىڭ تۇرقىدىن ساددىلىقى چىقىپ تۇراتتى . خۇتۇنىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى بىلگەندىن كىيىن ، ئۇ پەرىشان ھالدا :
    __ دوختۇر ، خۇتۇنۇمنىڭ كىسىلى شۇنچە ئېغىرمۇ ؟ - دەپ سورىدى . ئۇنىڭغا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كىسەلنى داۋالىتىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ، بولمىسا ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى قايتا - قايتا ئەسكەرتتىم .
    __ دوختۇر ، سىزدىن ئۈتۈنۈپ قالاي ، خۇتۇنۇمنى جەزمەن قۇتۇلدۇرۋېلىڭ ، - دەپ يىلىندى ئۇ ۋە قۇيۇن يانچۇقىدىن بىر قىزىل بولاقنى چىقىرىپ ماڭا ئۇزاتتى .
    مەن قىزىل بولاقنى ئېلىپ يانچۇقۇمغا سالغاچ ئۇنىڭغا : 
    __ خاتىرجەم بۇلۇڭ ، مەن چۇقۇم تىرىشىمەن ، - دىدىم . ماڭا ئايانكى ، ئەگەر ئۇ بەرگەن قىزىل بولاقنى ئالمىسام ، بۇ ئەر - خۇتۇن خاتىرجەم بۇلالمايتتى . شۇڭا ئاۋال قىزىل بولاقنى ئېلىپ ، ئاندىن قىزىل بولاقتىكى پۇلنى بۇ ئايالنىڭ داۋالىنىش ھىساباتىغا كىرگۈزۋەتتىم . بۇ مىنىڭ بۇرۇندىن ئەمەل قىلىپ كىلۋاتقان  ئادىتىم ئىدى . مەن قىزىل بولاقنى ئالغان چېغىمدا ، ئۇ يۈرىگى جايىغا چۈشكەندەك بۇلۇپ بىر خىل تەكەللۇب بىلەن :  
    __ دوختۇر ، خوتنۇمنى ئوبدانراق داۋالاپ قويغان بولسىڭىز ، قانداق ياخشى دۇرا بولسا ئىشلىتىۋىرىڭ ، قورو - جايىمنى سېتىپمۇ بولسا ئۇنىڭ كىسىلىنى داۋالىتىمەن ،-  دىدى .

    __ خاتىرجەم بۇلۇڭ ، قانداق دۇرىلارنى ئىشلىتىشنى بىلىمەن ، - دىدىم ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ .  
    __ دوختۇر ، سىزدىن بىر ئىشنى ئۈتۈنمەكچى ئىدىم ، مالال كۆرمىسىڭىز خۇتۇنىمنىڭ يېنىغا كىرگىنىڭىزدە  ئۇنىڭغا كىسىلىڭىز ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەس ،  ئاز - تۇلا دۇرا يەپ بەرسىڭىزلا ساقىيىپ كىتىسىز ، داۋالىنىشىڭىزغا ئۇنچە كۆپ پۇل كەتمەيدۇ ، دەپ قويسىڭىز ....  
    ئۇنىڭ بۇ سەمىمى سۆزلىرىدىن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلگەندەك بۇلۇپ ، ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدۇم . 

    سەھرالىق دىھقان ئىشخانىدىن چىقىشىغىلا ، قاتۇرۇپ شىم - كاستۇم كەيگەن ئوتتۇرا ياش بىر كىشى كىرىپ كەلدى . ئۆز- ئارا تۇنۇشۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ شەھەرلىك خانىمنىڭ ئېرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم .

    ئۇمۇ ئوخشاشلا خۇتۇنىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلى سورغاندىن كىيىن سىرلىق تەلەپپۇزدا :


    __ ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يىتەمدۇ - يوق ؟- دەپ سورىدى .

    __ ئەلۋەتتە خەۋىپ يىتىدۇ - دە ، خۇتۇنىڭىزنىڭ كىسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغاندەك قىلىدۇ ، جىددى داۋالىمىساق ، بىر يىلمۇ ئۈمۈر كۈرەلمەسلىكى مۇمكىن ،-  دەپ جاۋاپ بەردىم . ئۇنىڭ چىرايىدا شۇ ھامان بىر خىل مەمنۇنيەت ئىپادىسى پەيدا بولدى ، ئۇ بېشىنى لىڭىشتقان ھالدا :  
    __ ئوبدان بوپتۇ ، ئوبدان بوپتۇ ، - دىدى . 
    «خۇتۇنىنىڭ كىسلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالسا دەۋاتقان گىپىنى قاراڭ » دىدىم ئىچىمدە . ئۇ ئارقىسىغا ئۆرىلىپلا ئىشىكنى يېپىۋەتكەندىن كىيىن ، ھۆججەت سومكىسىدىن خېلىلا كۆپ پۇل سېلىنغان قىزىل بولاقنى چىقىرىپ قۇلۇمغا تۇتقۇزدى ، مەن دەسلەم مۇنداقلا تۈزۈت قىلىپ قويدۇم ، كىيىن ئۇنى يانچۇقۇمغا سالغاچ :   
    __ خاتىرجەم بۇلۇڭ ، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خوتۇنىڭىزنى ياخشى داۋالايمەن ،- دىدىم . 

    __ ئويلۇغۇنۇمنىڭ ئەكىسچە ، ئۇ قوللىرىنى سۆزلىرىمنى رەت قىلغاندەك پۇلاڭلىتىپ :


    __ ياق ، ياق ، سىز گىپىمنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدىڭىز ، سىزدىن ئۈتۈنىدىغىنىم ، ئۇنىڭ كىسىلىگە ئادەتتىكى دۇرىلارنى بەرسىڭىز ھەم ئۈزىگە كىسىلىڭىز ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ ، دەپ قويسىڭىز ،- دىد ى .

    __ ئۆزقۇلىقىمغا ئىشەنمىدىم :
    __ نىمە ، نىمە  ؟ سىز نىمىلەرنى دەۋاتىسىز ؟ دەپ قايتۇرۇپ سورىدىم ئۇنىڭدىن .
    ئۇ ئاغزىنى قۇلۇقۇمغا يېقىن ئەكىلىپ پىچىرلىغان ھالدا :  
    __ راست گىپىمنى ئەيتسام ، مەن ئۇنى بالدۇرراق ئۆلسىكەن دەيمەن ، ساقايماس كىسەل ئۈچۈن ئۇنچىۋالا پۇلنى سورىۋىتىشنىڭ نىمە ھاجىتى  ؟ - دىد پەرۋاسىزلا . 
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاغزىم گەپكە كەلمەي  ئورنۇمدا داڭقېتىپ قالدىم . 

     

    --------- ۋاھىتجان غۇپۇر تەرجىمىسى
      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.