ئاچلىق سەنئەتكارى(فىرانس كافكا)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-29 02:40:00

ئاچلىق سەنئەتكارى فىرانز كافكا (ئاۋستىرىيە) خەنزۇچە «مەشھۇر چەت ئەل ھېكايىلىرىدىن تاللانما»ناملىق كىتابتىن موساجان ئەزىزى تەرجىمىسى يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بىرى، ئاچلىقتا ماھارەت كۆرسىتىشكە...

    ئاچلىق سەنئەتكارى

    فىرانز كافكا (ئاۋستىرىيە)

    خەنزۇچە «مەشھۇر چەت ئەل ھېكايىلىرىدىن تاللانما»ناملىق كىتابتىن موساجان ئەزىزى تەرجىمىسى

         يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بىرى، ئاچلىقتا ماھارەت كۆرسىتىشكە كىشلەر ئانچە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدى. بىر چاغلاردا، شۇ نام بىلەن قىلىندىغان غەلىتە تىجارەتنىڭ كىرىمى ئىنتايىن كۆپ ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مۇنداق ماھارەت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېلىش پۈتۈنلە مۇمكىن بولماي قالدى. چۈنكى بىز ھازىر پۈتۈنلەي باشقا بىر دەۋىردە ياشاۋاتىمىز. ئۇ چاغدا، ئاچلىق سەنەتكارىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشگە پۈتۈن شەھەر خەلقى خېلى بىر مەزگىللەرگىچە قىزىققانىدى؛ ئۇ ماھارەت كۆرسىتىۋاتقان مەزگىلدە، كىشلەرنىڭ قىزىقىشى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بارغانىدى. ھەر بىر ئادەم مۇندان غەلىتە ماھارەت كۆرسىتىشنى ھەر كۈنى كەم دېگەندە بىر قېتىم بېرىپ كۆرۈپ كېلەتتى؛ ماھارەت كۆرسىتىش ئاخىرىقى مەزگىلگە بارغاندا، ئۇزۇن مۇددەتلىك بېلەت سېتىۋالغان بەزى ئادەملەر كىچىكىنە قەپەس ئالدىدا ئەتىگەندىن - كەچكىچە ئولتۇراتتى، ھەتتا كېچىلىرىمۇ تاماشابىنلارنىڭ ئايغى ئۈزۈلمەيتتى، لىپىلداپ يېنىپ تۇرغان مەشئەللەر ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانىنى يوپيۇرۇق يورۇتۇپ، كىشىدە ئاجايىپ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇراتتى. ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى قەپەس ئوچۇقچىلىققا ئېلىپ چىقىپ قۇيۇلاتتى. ئاچلىق سەنەتكارىنى كۆرۈشكە بولۇپمۇ بالىلار بەك قىزىقاتتى. چوڭلار ئاچلىق سەنەتكارىنىڭ ماھارىتىنى پەقەت ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا كۆرەتتى، بالىلار بولسا ئۇنى مۆجىزە دەپ بىلەتتى. بالىلار قول تۇتۇشۇپ ھەيرانلىق ئىچىدە ئاچلىق سەنەتكارىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇشاتتى. چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن ئاچلىق سەنەتكارىنىڭ تولىمۇ تار كىيىمىدىن ئۇنىڭ ھەر بىرتال قوۋۇرغىسىنى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. سەنەتكار ئورۇندۇقتا ئەمەس، يەرگە يېيىتىپ قۇيۇلغان پاخالنىڭ ئۈستىدىلا ئولتۇراتتى. بەزىدە ئۇ كىشلەرگە ھۈرمەت يۈزىسىدىن ئەدەب بىلەن باش لىڭىشىتىپ قوياتتى. بىرەرى نېمىدۇر سوراپ قالسا، ئۇ زورمۇ زور كۈلۈمسىرەپ، قىسقىلا جاۋاپ بېرەتتى. بەزىدە ئۇ تۆمۈر شادىنىڭ ئارىسىدىن بىلىكىنى چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى كىشلەرگە كۆرسەتتى ــ دە، يېڭىباشتىن ھېچكىمگە، ھېچنىمىگە، ھەتتا سائەتنىڭ )بۇ ئۇنىڭ قەپىسىدىكى. بىردىن - بىر بۇيۇم ئىدى( ئاۋازىغىمۇ ئېتىبار قىلماي، كۆزلىرىنى يېرىم يۇمغىنچە خىيالغا پاتاتتى. ناگان - ناگاندا كىچىكىنە ئەينەك ئىستاكاننى قولىغا ئېلىپ، سۇدىن ئازراققىنا ئوتلاپ، لەۋلىرىنى نەمدىۋالاتتى. ئايىغى ئۈزۇلمەي كېلىپ كېتىپ تۇرىدىغان تاماشىبىنلار دىن باشقا يەنە كىشلەر سايلاپ بەرگەن بىر نەچچە مەخسۇس قاراۋۇللار بولاتتى. شۇنىسى قىزىقكى، بۇنداق ۋەزىپىنى ئادەتتە قاسساپلار ئۈستىگە ئالاتتى. ئۇلاردىن ھەر ئۈچ كىشى بىر سىمىنا بولۇپ ، قاراۋۇللار ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ ئوغۇرلۇقچە بېرەر نەرسە يەپ ماغدۇرغا كىرىۋالماسلىقى ئۈچۈن ، ئۇنى نۆۋەت بىلەن كېچە كۈندۈز كۈزىتەتتى. لېكىن بۇنداق كۈزىتىش تاماشىبىنلارغا تەسەللى بېرىدىغان شەكىلدىنلا ئىبارەت ئىدى. چۈنكى شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىلسە كېرەك، ئاچلىق سەنئەتكارى ماھارەت كۆرسىتۋاتقان مەزگىلدە، مەيلى قانداقلىكى ئەھۋالدا بولسۇن ، ھېچقانداق يېمەكلىك يېمەيدۇ. ئۇنىڭ سەنئەت غورۇرى بېرەر نەرسە يېيىشكە يول قويمايدۇ. ئەلۋەتتە ، بۇنى قاراۋۇللارنىڭ ھەممىسى چۈشىنىشى ناتايىن. كېچىدە نۆۋەتچىلىك قىلدىغان قاراۋۇللاردىن بەزىلىرى قاراۋۇللۇقنى بوشاشتۇرۇپ ، ئەتەي يىراقتىكى بىرەر بۇلۇڭغا يىغىلۋىلىپ، پۈتۈن دىقىتى بىلەن قارات ئوينايتتى. روشەنكى ، ئۇلار ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ بىرەر نەرسە يىۋىلىشغا مەخسەتلىك ھالدا يۇچۇق قالدۇراتتى، ئاچلىق سەنئەتكارىنى بىرەر يەرگە يۇشۇرۇن تىقىپ قويغان يىمەكلىرىنى ئېلىپ يەيدۇ دەپ ئويلىشاتتى. ئۇنداق قاراۋۇللار ئاچلىق سەنئەتكارىنى ھەممىدىن بەك ئازاپلايتتى. ئۇنى غەمكىن ، جىمغۇر بىر ھالەتكە چۈشۈرۈپ قوياتىتى. ئۇنىڭ ئاچلىقتا ماھارەت كۆرسىتىشنى ئادەتتىن تاشقىرى قىيىنلاشتۇرۇۋېتەتتى. شۇڭا مۇشۇنداق قاراۋۇللار نۆۋەچىلىك قىلۋاتقان چاغلاردا، ئۇ ماغدۇرسىزلىقنى يېڭىپ، ئىلاجىنىڭ بارىچە ئۈزۈندىن ئۇزۇن ناخشا ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ گۇمان قىلىشلىرىنىڭ نەقەدەر ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيتتى. لېكىن مۇنداق قىلىشنىڭ ئۇنىڭغا ھىچقانداق پايدىسى يوق ئىدى. ئۇلار بەرىبىر ئۇنىڭدىن، ئاغزىغا لىققىدە يىمەكلىك سېلىۋىلىپمۇ ناخشا ئېتالاييدىكەن دەپ ھەيران بۇلۇشاتتى . يەنە بەزى قاراۋۇللار تۆمۈر شادىغا يېقىن كېلىپ ئولتۇراتتى . يەنە كېلىپ ئولتۇراتتى ئۇلار زالدىكى چىراغنىڭ سۇس يۇرۇقىغا قانائەت قىلماي، ماھارەت كۆرسىتىشنىڭ رىياسەتچىسى تارقىتىپ بەرگەن قول چىرىغىنى يېقىپ ، ئۇنىڭ كۈچلۈك يۇرىقىنى ئۇنىڭغا توغۇرلاپ قوياتتى. توغۇرسىنى ئېيتقاندا، مۇشۇنداق قاراۋۇللار ئۇنىڭ دىتىغا بەكرەك ياقاتتى. كۆزىنى قاماشتۇردىغان يورۇقلاق ئۇنى ھېچقانداق بىئارام قىلمەيتتى، چۈنكى ئۇ بەرىبىر ئۇخلىيالمايتتى. ئۇيقۇسى كېلىپ قالسا، يورۇقلۇق ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، تاماشىبىنلار ھەر قانچە ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلسىمۇ بىردەم - يېرىم دەم مۈگدىۋالالايتتى. شۇڭا ئۇ مۇشۇنداق تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغان قاراۋۇللارنىڭ نازارىتىدە يەنە بىر كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈشكە رازى ئىدى، ئۇ ئۇلارغا سەرگەندانلىقتا ئۆتكەن ھاياتىدىكىە بەزى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشىگە ، مەيلى قانداق قىلىپ بولسۇن، ئۇلارنىڭ قەپىسىدە يىگۈدەك ھېچنىمىنىڭ يوقلۇقىنى، ئاچلىققا چىداشتا ئۇلار ھېچنېمىنىڭ يوقلۇقىنى، ئاچلىققا چىداشتا ئۇلار ھېچقايسىسىنىڭ ئۆزىگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئۆكرسىتىپ قۇيۇشقا دائىم تەييار ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھەر كۈنى تاڭ يورىغاندا پۇلىنى ئۆزى تۆلىگەن مول يېمەكلىكلەر قاراۋۇللارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلگەندە ، ئۆزىنى ھەممىدىن بەكرەك بەختىلىك ھېس قىللاتتى، بۇ ساغلام ئادەملەر بىر ئاخشام جاپا تارتقاچقا قاتتىق ھېرىپ كېتىشەتتى. ئىشتىھالىرىمۇ ئېچىلىپ ئەتىگەنلىك تاماقنى زور ئىشتىھا بىلەن پاك پاكىز يېۋېتەتتى. ئەلۋەتتە ، بۇ ئەتىگەنلىك تاماقنى قاراۋۇللارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ناتوغرا ۋاستە دېگۈچىلەرمۇ چىقىپ قالاتتى. مۇنداق دېيىش ئۇنىڭغا تولىمۇ ئۇۋال قىلغانلىق بولاتتى. چۈنكى ئۇ قاراۋۇللارنى ئۆزىگە ئوبدانراق نازارەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن مېھمان قىلاتتى. ناۋادا ئاچلىق سەئەتكارى ئۇلارغا ناشتىلىق ئېلىپ بەرمىسە، قاراۋۇللار قاتتىق گۇمان قىلىپ تۇرۇقلۇق . ئۇنى قاتتىق نازارەت قىلماي غىپپىدىلا كېتىپ قالاتتى. مەيلى قانداقلا بولسۇن ، ئاچلىققا ماھارەت ئۆرسىتۋاتقان بۇ ئادەمنىڭ بۇنداق گۇمانلاردىن خالىي بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھەر قانداق بىر ئاچلىق سەنئەتكارىنى كېچە كۈندۈز كۈزىتىپ ئولتۇرمىغاچقا، ئۇنىڭ ئاش- ناننى تەرك ئىتىش ھەققىقەتەن چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا ھېچقانداق ساختىلىقنىڭ يوقلۇقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بېرەلمەيتتى. بۇنى پەقەت ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ ئۆزىلا بىلەتتى؛ شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئاچلىققا چىداپ ئاش، ناننىتەرك ئېتىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغانلىقىدىن تولۇق قانائەت ھاسىل قىلالايدىغان بىردىن - بىر تاماشىبىن ئۇنىڭ ئۆزى ئىدى. لېكىن باشقا بىر سەۋەپ تۈپەيلىدىن، ئۇ ھېچقاچان قانائەت ھاسىل قىلىپ باقمىدى. ئېھتىمال، ئۇ ئاچلىق تۈپەيلىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىن قانائەت ھاسىل قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن مۇشۇنداق ئورۇقلاپ كەتكەندۇر، شۇ ئورۇقلۇقى ۋەجىدىن بەزى ئادەملار ينىڭغا ئىچ ئاغىرىتىپم ئۇنىڭ سىياقىنى كۆرۈشكە چىدىيالماي، بۇ سورۇنغا كەلمەيدىغان بولۇپ قالغاندۇر. ئاچلىقرا ماھارەت كۆرسىتىشنىڭ شۇ قەدەر ئاسانلىقىنى ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئاسان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ھەتتا شۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارمۇ بىلمەتتى. ئۇ ئۆزى بۇ ئىشنى ھەرگىز يوشۇرمايتتى، شۇنداقتىمۇ بەرىبىر ھېچكىم ئىشەنمەيتتى. بەزىلەر بۇنى ياخشىلىققا ئۆرۈپ، بۇ ئۇنىڭ كەمتەرلىكى دەپ ئويلىسا، يەنە بەزىلەر كۆپرەك ئۇنى ئۆزىنى ئۇچۇرۇۋاتىدۇ دەپ قارىشاتتى، ھەتتاكى ئۇنى توغرىدىن - توغرا جاھانكەشتە ئالدامچى دەپ قاراپ ئاش - ناننى تەرك ئېتىش ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە تەس ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئاچلىق ئازابىنى يېنىكلىتىشنىڭ بىرەر سىرىنى بىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق نومۇس قىلماي ئاچلىققا ھىداش تولىمۇ ئاسان دەۋاتىدۇ، دېيىشەتتى، ئۇ بۇنداق پىتنە - ئىغۋالارنىڭ ھەممىسىگە چىداشقا مەجبۇر ئىدى. ئايلار ئۆتۈپ يىللارنىڭ ئۆرۈلۇشى بىلەن، ئۇ بۇنىڭغا كۆنۈپمۇ قالغانىدى. لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى قانائەت تاپماسلىق ئۇنى توختاۋسىز ئازاپلايتتى. ماھارەت كۆرسىتىش مۇددىتىغۇ كۆپ قېتىم توشتى، لېكىن ئۇ بىرەر قېتىم ئۆز ئىقتىدارى بىلەن قاپاستىن چىقىپ باقمىدى. بۇنىڭغا مانا بىز گۇۋاھ. ئويۇننىڭ بەلگىلىمىسىدە، ئاچلىقتا ماھارەت ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ قىرىق كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. شۇ مۇددەتتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇ ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ ئاچ ئولتۇرىۋېرىشىگە ھەرگىزمۇ يول قويمايتتى، ھەتتا ئالەمگە مەشھۇر چوڭ شەھەرلەردىمۇ شۇنداق قىلاتتى. بۇنىڭدىكى سەۋەبمۇ ناھايىتى چۈشىنىشلىك ئىدى. ئومۇمەن قىرىق كۈن ئىچىدە دەرىجىسى قەدەممۇ قادەم ئۆرلەپ باىدىغان ئېلانلارنىڭ ياردىمى بىلەن شەھەر خەلقىنىڭ قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپ بارغىلى بولاتتى. بۇنىڭدىن ئۇزۇراپ كەتسە، تاماشىبىنلەر زېرىكىشكە بوشاپ قالاتتى. بۇنى تاجىرىبىلەر ئىسپاتلىغانىدى. شەھەر بىلەن يېزىدا ئەللەردە ئاز - تولا پەرقىمۇ كۆرۈنۈپ قالاتتى. شۇنداقتىمۇ قىرىق كۈندىن ئۇزارتىۋىتىشكە ھەرگىز بولمايتتى. بۇ بەلگىلىمە ھەممىلا جايغا باپ كېلىۋېرەتتى. شۇڭلاشقا قىرىق كۈن توشقاندا گۈل - چېچەكلەر بىلەن بېزەلگەن قەپەسنىڭ ئىشىكى ئېچىلاتتى، شادخۇراملىققا چۆمگەن تاماشىبىنلار يېرىم دائىرە شەكىلدىكى ئۈستى ئوچۇق چوڭ تىياتىىر مەيدانىغا لىق توشاتتى، ياڭراق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئىككى دوختۇر قەپەسكە كىرىپ، ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرەتتى. ئاندىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى رادىئو كانىيى ئارقىلىق تاماشىبىنلەرغا جاكارلايتتى. مەنە شۇ چاغدا، ئاچلىق سەنئەتكارىنى قاپاستىن ئېلىپ چىقىشم ئۇنى بىر نەچچە باسقۇچلۇق پەلەمپەيدىن چۈشۈرۈپ كېسەل تامىقى تىزىقلىق ئۈستەلنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىش شەرىپىگەېرىشكەنلىكى ئۈچۈن خۇشلۇقى ئىچىگە پاتماي قالغان ياشقىنا ئىككى ئايال پەيدا بولايتتى. لېكىن ئاچلىق سەنئەتكارى كاجلىق قىلىپ تۇرۇۋالاتتى. ھېلىقى ئىككى ئايال ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قوللىرىنى سوزغىنىدا ئۇ ئورۇقلىقىدىن تاياققا ئوخشىشىپ قالغان بىلەكلىرىنى ئۆز خاھىشى بىلەن ئۇلارغا سۇنسىمۇ ، ئورنىدىن تۇرغىلى ئۇنىمايتتى. تېخى ئەمدىلا قىرىق كۈن بولغان تۇرسا، ئۇ نېمىدەپ ماھارەر كۆرسىتىشنى توختىتىشى كېرەك ئىكەن؟ ئۇ تېخىمۇ ئۇزۇنراق ۋاقىتقىچە، چەكسىز ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئاچلىققا چىدىيالايدىغان تۇرسام نېمە ئۈچۈن ئۇ ئاچلىقتا ماھارەر كۆرسىتىش ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكىلىۋاتقان بىر چاغدا (ئاھ، ئۇنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە ياتكۈزۈشكە يول قويۇشمىدى - دە) توختىتىشى كېرەك ئىكەن؟ ئۇنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشىگە تول قۇيۇشقا بولسىدى، ئۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئاچلىق سەنئەتكارى بولۇپلا قالماي - بۇنى ئۇ ئىشق ئاشۇرۇپ بولغانىدى، ــ ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈپ، كىشلەر تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك يۈكسەكلىككە يەتكەن بولاتتى(چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئاچلىققا چىداش ئىقتىدارىنىڭ چەكسىزلىكىنى ھېس قىلاتتى). دەل مۇشۇنداق پەيىتتە نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئېرىششكە تېگىشلىك ئابرويىدىن مەھرۇم قىلىشىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭغا شۇ قەدەر قايىلىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئادەملار نېمىشقا شۇنچىۋالا تاقەتسىزلىك قىلىدىغاندۇ؟ ئۇيەنە خېلى ئۇزۇنغىچە ئاچلىققا چىدىيالايدىغان تۇرسا، بۇ ئادەملار نېمىشقا ئۇنى كۆرۈشكە تاقەت قىلالمايدىغاندۇر؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قاتتىق چاچاپ كەتكەنىدى. پاخالنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئازراق ئارام ئېلۋالغان بولسا ئوبدان بولاتتى. لېكىن ئۇ ئېگىز ۋە ئورۇق گەۋدىسىنى رۇسلىشى بېرىپ تاماق يېيىشى كېرەك. ئەمما ئۇ تاماقنى خىيالىغا كەلتۈرسىلا ئىچى ئېلىشىدۇ. ئاشۇ ئىككى خانىمنىڭ يۈزىنى قىلغاچقىلا ئۆزىنى ئاران - ئاران تۇتۇپ تۇرىۋارىدۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، مۇلايىمدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، بەكمۇ رەھىمسىز ئىككى خانىمنىڭ كۆزىگەتىكىلىپ، ئىنچىكە بوينىنى بېسىپ كېتىۋاتقان ئېغىر بېشىنى چايقىدى. لېكىن ئارقىدىنلا، ئىلگىرىكى چاغلاردىكىدەك جىڭلى مەيدانغا چىقتى. جىڭلى گەپ - سۆز قىلماي (مۇزىكا ئاۋازىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئۇنىڭ ئەەپ قىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى) گويا تەڭرىدىن پاخالنىڭ ئۈستىدىكى مۇنۇ ئەسەرگە ئىچ ئاغرىتىشقا ئەرزىيدىغان شېھىتقا (ئاچلىق سەنئەتكارى ھەقىقەتەن شېھىت، پۈتۈنلەي باشقا بىر مەنىدىكى شېھىت ئىدى) بىر قاراپ قۇيۇشنى ئىلتىجا قىلۋاتقاندەك ئىككى قولىنى ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ بېشى ئۈستىدە ئېگىز كۆتۈردى. ئاندىن ئىككى قولى بىلەن ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ ئىنچىكە بېلىكىنى تۇتتى. تۇتقاندىمۇ، تاماشىبىنلارغا بەكمۇ نازۈك بۇيۇمنى تۇتۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىش ئۈچۈن ، ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن تۇتتى. شۇ ئارىلىقتا، جىڭلى ئۇنى چاندۇرماي چايقىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ ئىككى پۇتى بىلەن بېلىنىڭ يۇقىرىقى قىسىمى ئىختىياردىن تاشقىرى ھالدا پۇلاڭلاپ كەتتى. ئارقىدىن جىڭلى ئۇنى قوققىنىدىن تاتىرىپ كەتكەن ئىككى خانىمغا تاپشۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئاچلىق سەنئەتكارى جىمىكى ئىختىيارىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى؛ ئۇنىڭ بېشى گويا دومىلاپ كېلىپ غەلىتە بىر ھالەتتە توختاپ قالغاندەك كۆكرىكى ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ گەۋدىسى قۇرۇقداپ قويۇلغاندىن، ئىككى تىز ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى سەۋەبىدىن چىڭ قىسىۋېلىنغانىدى. لېكىن ئىككى پۇتى يەرنىڭ ئۈستىدە گويا بۇ ھەقىقىي يەر ئەمەستەك، ئۇلار خۇددى دەسسىگىلى بولدىغان يەرنى ئىزدەۋاتقاندەك سۆرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ گەۋدىسىنىڭ جىمىكى ئېغىرلىقى (گەرچە ئۇ بەكلا يېنىك بولسىمۇ) خانىملارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋىدى، ئۇ ھاسىراپ ياردەم تىلەپ يان - يېنىغا ئەلەڭلەپ قارىدى(ئۇ بۇ شەرەپلىك ئىشنىڭ مۇنداق بولۇشىنى ھەرگىز خىيالىغا كەلتۇرمىگەنىدى). ئۇ ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ ئۆزىنىڭ ئايدەك جامالىغا تېگىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن باشتا ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ باقتى، لېكىن، ئۆزىدىن سەللا تەلەيلىك ھەمراھى ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىغاچقا، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. ئۇ غال - غا تىتىرىگىنىچە ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ بىر قولىنى ‏- توغرىسى كىچىككىنە بىر تال ئۇستىخاننى ـــ كۆتۈرۈپ كېتىۋەردى. زالنى كۆتۈرۈۋەتكۈدەك كۈلكە ئاۋازى ئىچىدە ھېلىقى نەس باسقان خانىم ئىختىيارسىز قاتىق يىغلاپ كەتتى.ھېلىمۇ ياخشى، خېلىدىن بېرى تەييار تۇرغان بىر خىزمەتچى كېلىپ ئۇنى بوشاتتى. ئارقىدىن غىزالاندۇرۇش باشلاندى. جىڭلى بىھوش دېگۈدەك ھالەتتىكى ئاچلىق سەنئەتكارىغا مەركەزلىشىپ قالغان دىققىتىنى ھېھىۋېتىش ئۈچۈن، قىزىق - قىزىق گەپلەرنى قىلدى. ئاندىن قۇلىقىنى ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ ئاغزىغايېقىپ، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋاتقاندەك بىر ھەركەت قىلدى‏ ‏- دە، تاماشىبىنلار ئۈچۈن قەدەھ كۆتۈرۈشنى تەكلىپ قىلدى. مۇزىكا ئەتىرتى مۇزىكىنى بۇلۇشچە قاتتىق چالدى. ئارقىدىن ھەر كىم ئۆز يولىغا كەتتى. كۆزى كۆرگەن ئاشۇ ئىشلاردىن قانائەت ھاسىل قىلمىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى. پەقەت ئاچلىق سەنئەتكارىلا قانائەت ھاسىل قىلالمىدى. ھەمىشەم پەقەت شۇلا قانائەت ھاسىل قىلالمايتتى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇ ئەنە شۇنداق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتاتتى: ھەر قېتىم ماھارەت كۆرسەتكەندىن كېيىن ئازراقلادەم ئېلىپ جىسمانىي قۇۋۇتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەتتى. قارماققا چىرايىدىن نۇر تېمىپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى، داڭقىمۇ ئېشىپ باراتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئادەتتە غەمكىن كۆرۈنەتتى. يەنە كېلىپ مۇنداق غەمكىنلىك غارغانسېرى ئېشىپ باراتتى. چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. كىشلەر ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللى بەرسە بولار؟ ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرەر ئاق كۆڭۈل ئادەم ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ قالسا، ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسە، ئۇنىڭغا، سىزدىكى بۇنداق غەمكىنلىكنى ئاچلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ چۈشەندۈرمەكچى بولۇپ قالسا، ئۇ ھالدا ئۇ ــــ بولۇپمۇ بىر مەزگىل ئاچلىقتا ماھارەت كۆرسەتكەندىن كېيىن قەھرى ‏- غەزەپ بىلەن جاۋاپ بەرگەن، خۇددى يىرتقۇچ ھايۋانلاردەك دەھشەت بىلەن تۆمۈر قەپەسنى قاتتىق جالداقلاتقان بولاتتى. لېكىن مۇشۇنداق ھالەت يۈز بېرىپ قالسا، جىڭلى ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆردىغان ئۇسۇلدا جازالايتتى، ئۇ تاماشىبىنلارنىڭ ئالدىدا ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ غەيرىي نورمال ئىشنى ئاقلاپ: ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ بۇ قىلىقىنى چۈشۈنىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى مۇنداق خاپىغانلىقنى ئاچلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان، قارنى توق ئادەملەرنىڭ بۇنى بىردىنلا چۈشۈنىپ كېتەلىشى. تەس، دەيتتى. ئارقىدىن ئۇ ئەەپنىڭ مەزمۇنىنى باشق ئاياققا بۇراپ ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ ئىزاھلاپ ئۆتۈشىگە تېگىشلىك بىر ئىشى ئۈستىدە توختىلاتتى، يەنى ئۇنىڭ ئاچلىققا ماھارەت كۆرسىتىش مۇددىتىدىن خېلىلا ئۇزۇن دەيتتى. جىڭلى ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى، ياخشى نىيىتىنى ۋە ئۆزىنى تۇتىۋىلىشتەك ئۇلۇغ رويىنى مەدھىيىلەيتتى. لېكىن ئۇ ئارقىدىنلا فوتو سۈرەتلەرنى كۆرسىتىش(بۇ سۈرەتلەرنى سېتىۋىلىشقا بولاتتى) ئارقىلىق سەنەتكارنىڭ بايىقىدەك گەپلىرىنى ناھايتتى ئاسانلا رەت قىلىۋېتەتتى. چۈنكى بۇ سۈرەتلەردىن كىشلەر ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ قىرىقىنچى كۈنى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن ئۆلەر ھالەتتە كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى كۆرەتتى. مۇنداق قىلىقلارغا ئاچلىق سەنئەتكارى ئادەتلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ بۇرمىلىنىشى ئۇنى چىدىغۇسىز ئازابلاتتى. بۇنىڭ ئاچلىقتا ماھارەت كۆرسىتىشىنى بالدۇر يىغىشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرسا، بۇ خەقنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشىنى ئاياغلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى دەپ چۈشەندۈرۈۋاتقىنىنى كۆرمەيدىغان! مۇنداق نادانلارچە قىلىققا،مۇنداق نادانلار دۇنياسىغا قاشى تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ــ تە. جىڭلى گەپ قىلىۋاتقان چاغدا، ئۇ ھەر ھالدا چىڭ ئىخلاسى بىلەن تۆمۈر شادىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ، گەپكە تەشنالىق بىلەن قۇلاق سالاتتى. لېكىن ئۇ فوتو سۈرەتلەرنىكۆرۈشى بىلەن تەڭلا شادىنى قويۇۋېتىپ، ئېغىر خورسىنغىنىچە، پاخالنىڭ ئۈستىگە بېرىپ ئولتۇرۋالاتتى. شۇنىڭ بىلەن تېخى ئەمدىلا بېسىلىپ قالغان تاناشىبىنلار يېڭىباشتىن كېلىپ ئۇنى تاماشا قىلاتتى. ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ، مۇشۇ سورۇننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەەنلەر شۇ ئىشلارنى ئەسلىگەن چاغلىرىدا، بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ھەتتا ئۆزلىرىمۇ ئۇقالماي قېلىشتى. چۈنكى بۇ بىز يۇقۇردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن قىدىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن چاغلار ئىدى، ئۇ گويا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەندەكلا تۇيۇلاتتى. ئېھتىمال، ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر سەۋەبلىرى باردۇر، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى. قىسقىسى، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ ئاچلىق سەنئەتكارى بىر كۈنى نەدە قىزىقچىلىق بولسا شۇ يەرگە ئاقىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەمدى ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ باشقا ئويۇن كۆرسىتىش سورۇنىغا قاراپ ئېقىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى. جىڭلى ئىلگىرىكى قىزىقشنىڭ يەنە قەيەرلەردە ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇنى ئېلىپ ياۋروپانىڭ يېرىمىنىارلاپ چىقتى. لېكىن قۇرۇق ئاۋارە بولغىنى قالدى. ھەممىلا يەردە خۇددى ئاستىرتتىن كېلىشىۋالغاندەك ئادەملەرنىڭ ئاچلىقتا ماھارەت كۆرسىتىشتىن زېرىككەنلىكىنى بايقاشقا بولاتتى. ئەلۋەتتە، ھەر قانداق ئىش بىردىنلا ۋۇجۇدقا چىقىپ قالمايدىغۇ. مانا ئەمدى ئەسلەپ باققاندا، شۇ چاغلاردىلا بەزىبىر ئالامەتلار كۆرۈنگەنىكەن، لېكىن ئۇتۇقلاردىن بېشى قېيىپ كەتكەچكە، كىشلەر ئۇلارغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەپتۇ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالماپتۇ. ئىش بۇگۈن مۇشۇ ھالەتكە يېتىپ، بىرەر تەدبىر قوللىنىشنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپتۇ. ئەلۋەتتە، ئاچلىقتا ماھارەت كۆرسىتىش يېڭىباشتىن بازار تاپىدىغان دەۋر چوقۇم يىتىپ كېلىدۇ، لېكىن بۇ تىرىك ئادەملەرگە نىسبەتەن ھەرگىزمۇ تەسەللى خاتىر ئەمەس. ئۇنداقتا، ئاچلىق سەنئەتكارى ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟ مىڭلىغان ئادەم ئورىۋىلىپ تەنتەنە قىلغان بۇ ئادەم ھەر ھالدا ئۇششاق ‏- چۈششەك بازارلارنىڭ كۆرۈمسىز سەھنىلىرىدە ماھارەت كۆرسىتىپ يۈرسە بولماس. كەسپىنى ئۆزگەرتىپ باشقا بىرەر ئىش قىلىشقا كەلسەك، ئاچلىق سەنئەتكارى ياشقا چوڭىيىپ قالغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئاچلىقتا ماھارەت كۆرسىتىش كەسپىنى تەلۋىلەرچە ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاخىر جىڭلى بىلەن يەنى تۇرمۇش يولىدىكى ھېچنىمىگە سېلىشتۇرۇپ بولمايدىغان دوستى بىلەن خوشلىشىپ، بىر چوڭ سېرىك ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كەتتى. ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇ ھەتتا توختام شەرتلىرىگە قاراپمۇ قويمىدى. سېرىك ئۆمىكى ناھايتى چوڭ ئىدى، ئۇنىڭ تەركىبىدە سان ‏- ساناقسىز ئادەم، ھايۋان، ماشىنا بار ئىدى. ئۇلار ئادەملەرنى، ھايۋانلارنى ۋە ماشىنلارنى دەئىم ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى. سېرىك ئۆمىكى ئىختىساسلىق كىشىلەرگە ھەر قانداق چاغدا ئېھتىياجلىق ئىدى. ھەتتا ئاچلىقتا ماھارەت كۆرسەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلىۋېرەتتى. ئەلۋەتتە، قويۇلغان شەرت مۇۋاپىق بۇلۇشى، بەكمۇ يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. تەكلىپ بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ ئەھۋالى بولسا ئالاھىدە ئىدى. ئۇ پەقەت ئۆزى سەۋەبىدىنلا ئەمەس، يەنە ئۆز ۋاقتىدا ناھايىتى شۆھرەت قازانغانلىقى ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغانىدى. بۇ سەنئەتنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ماھارەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ماھارىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ھەر گىز تۆۋەنلەپ كەتمەيتتى. مانا شۇ ئالاھىدىلىكى سەۋەبلىك، خەقلەرنىڭ ئۇنى، ماھارەتتە يۈكسەك پەللىگە يەتكەن پىشقەدەم بىر سەنئەتكارنىڭ ئەمدى كېلىپ سېرىك ئۆمىكىدىكى تىنىچ خىلۋەت بۇلۇڭغا يوشۇرۇنۇۋالغۇسى كېلىپ قاپتۇ ـ دە، دېيىشكە ھەققى يوق ئىدى. ئەكىسچە، ئاچلىق سەنئەتكارى ئىشەنچ بىلەن كاپالەت بېرەلەيتتىكى، ئۇنىڭ ئاچلىققا چىدەش ئىقتىدارى ئۆز ۋاقتىدىكىدىن ھەرگەز تۆۋەنلەپ كەتكىنى يوق. بۇ مۇتلەق ئىشەنچىلىك. ئۇ ھەتتا شۇنى كېسىپ ئېيتتىكى، ناۋادا ئۇنىڭ ئۆز مەيلىگە قويوپ بېرىلسە (كىشلەر ئۇنىڭ بۇ تەلىپىگە شۇ ئانلا قوشۇلدى) پۈتۈن دۇنيانى تاڭ قالدۇرالايتتى. ئاچلىق سەنئەتكارى ھاياجانلىنىپ كېتىپ، دەۋر كەيپىياتىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ گېپى زامانغا تازا ماس كەلمەي قالدى. شۇڭا شۇ كەسىپتىكىلەر ئاڭلاپ كۈلۈپ قويدى. شۇنداقتىمۇ ئاچلىق سەنئەتكارى ھار ھالدا رېئاللىقنى كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ قويمىغانىدى، شۇڭا ئۇ كىشىلەر ئۆزىنى ۋە ئۆزى تۇرۇۋاتقان قەپەسنى ئېسىل نۇمۇر سۈپىتىدە سېرىك مەيدانىنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرماي، مەيداننىڭ سىرتىدىكى ھاۋانات مەيدانىغا بەكمۇ يېقىن دوقمۇشقا ئورۇنلاشتۇرغىنىدا، بۇ شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارىدى. قەپەسنىڭ ئەتراپى تولىمۇ كۆركەم ئىشلەنگەن ئېلانلار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. يوغان قىلىپ رەڭلىك يېزىلغان ھۆسۈن خەتەردىن كىشىلەر بۇ يەردە نېمىلەرنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلىۋالالايتتى، ناۋادا تاماشىبىنلار ئويۇن ئارىلىقتىكى تەنەپۇس ۋاقتىدا ياۋا ھايۋانلارنى كۆرگىلى بېرىپ قالسا، ھەممىسى دېگۈدەك ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى ۋە شۇ يەردە بىردەم - يېرىم دەم تۇرۇپ قالاتتى. ئۇلار ئەسلىغۇ بۇ يەردە ئۇزۇنراق تۇرۇپ، ئۇنى ئارامخۇدا تاماشا قىلىشنى خالايتتى، لېكىن يول بەكمۇ تار بولغاچقا، ئارقىدا كېلىۋاتقانلار نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقالماي، ئالدىدىراق ماڭغانلارنىڭ ھايۋانلارنى كۆرۈشكە نېمىشقا ئالدىرىمايۋاتقانلىقىدىن ھەيران بۇلۇشاتتى. شۇڭا بۇ يەردە بىرەرى تۇرۇپ قالسا، باشقىلار ئۇنى تۈزۈكىرەك كۆرەلمەي قالاتتى. ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ تاماشا قىلغىلى كېتىۋاتقانلارنى كۆرگىنىدە (ئۇ ئەنە شۇنى ياشاشتىكى نىشانى قىلغاچقا، ئەلۋەتتە خۇرسەن بولاتتى). تىتىرەپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن ئەنە شۇ ئىدى. دەسلەپتكى چاغلاردا ئۇ ئويۇن ئارىلىقىدىكى تەنەپۇسنى تەقەزەرلىق بىلەن كۈتەتتى؛ كېيىن ئۇ ئادەملەرنىڭ خۇددى سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي قالدى،لېكىن ئۇ ناھايىتى تېزلا ئارقىمۇ ئارقا ئېقىپ كېلىۋاتقان تاماشىبىنلارنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالايىتەن ھايۋانلارنى كۆرگىلى كېلىدىغانلىقىنى سېزىپ قالدى. ئادەتتە تولىمۇ جاھىل، ئۆزىنى ئۆزى بىلىپ تۇرۇپ ئالدايدىغان كىشلەرمۇ بۇ پاكىتتىن ھەرگىزمۇ كۆز يۇمالمايتتى. شۇنداقتىمۇ يىراقتىن ئەۈرۈلدەپ ئېقىپ كېلىۋاتقان تاماشىبىنلارنى كۆرۈشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ھالدا ئەڭ خوشاللىنارلىق ئىش ئىدى، چۈنكى ئۇلار ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئالدىغا كەلەىنىدە، شۇئەنلا ۋاڭ - چۇڭ قىلىشىپ بەس - مۇنازىگە چۈشۈپ كېتىشەتتى، يەنە كېلىپ دائىم دېگۈدەك ئىككى تەرەپ ئۇنى خاتىرجەم تاماشا قىلماقچى بولاتتى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاچلىق سەنئەتكارىنى ئازدۇر - كۆپتۇر چۈشەنمىگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى ئۇشتۇمتۇت بىرەر ئىشمى ئېسىگە ئېلىپ ۋە ئۆزلىرىنى تېزرەك مېڭىشقا ئالدىرىتىۋاتقان ئارقىدىكى تاماشبىنلار بىلەن قېرىشىپ بۇشۇنداق قىلاتتى. بۇ ئادەملار ئانچە ئۇزۇنغا بارمايلا ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ دەردىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتەتتى. يەنە بىر تەرەپتىكىلەر بولسا، ھايۋانلارنى كۆرگىلى كەلگەنلەر ئىدى. ناھايىتى نۇرغۇن ئادەملەر توپى ئۆرۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە بىر قىسىم ئادەملەر ئارقىدىن سۆرۈلۈپ كېلىشەتتى. ناۋادا ئۇلار ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ ئالدىدا بىر پەس تۇرۇشنى خالىسىلا، ئۇلارغا ھېچكىم دەخلىمۇ قىلمايتتى. لېكىن بۇ ئادەملەر ھايۋانلارنى ۋاقتىدىراق كۆرۈۋېلىشقا ئالدىراپ، ئاچلىق سەنئەتكارىغا كۆزىنىڭ قىرىدا بولسىمۇ قاراپ قويماي، يوغان ‏- يوغان چامداپ ئىتتىك ئۆتۈپ كېتەتتى. بەزىدە شۇنداق ئامەتلىك پەيىتلەرمۇ بولۇپ قالاتتى. بىرەر ئادەم باللىرىنى باشلاپ كېلىپ، ئاچلىق سەنئەتكارىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، باللىرىغا بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرەتتى، سۆزلىگەندىمۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى چاغلاردا مۇشۇنداق ماھارەتنى كۆرگەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرقىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بولمايدىغان دەرىجىدە تەنتەنىلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلەيتتى. لېكىن بالىلارنىڭ بىلىمى، تۇرمۇش تەجىربىسى يېتەرسىز بولغاچقا، بۇنى بەرىبىر چۈشىنەلمەيتتى. ئۇلار ئاچلىقنىڭ نىمىلىكىنى نەدىن بىلەتتى دەيسىز؟ لېكىن ئۇلارنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن كەلگۈسىگە ، تېخىمۇ رەيىمدىل يېڭى دەۋرگە مەنسۈپ نەرسىلەر جىلۋىلىنىپ تۇراتتى . ئاچلىق سەنئەتكارى كېيىنچە تۇرۇپ - تۇرۇپ: ناۋادا تۇرغان جايىم ھايۋانلارنىڭ قەپەسلىرىگە بەكمۇ يېقىن بولمىغان بولسا، ئېھتىمال ھەممە ئىشىم ئاز - تولا بولسىمۇ ياخشى بولغان بولار ئىدى، دەپ ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدى. ھازىرقىدەك ئەكۋالدا، كىشلەر ئۆزىدىن كۆرە ھايۋانلارنى كۆرۈشنى خالايتتى. ھايۋانلارنىڭ قەپەسلىرىدىن كېلىپ تۇردىغان پۇراق، ھايۋانلارنىڭ كېچىلەردە ھۆركۈرەشلىرى، ھايۋانلارغا خام گۆش ئېلىپ ماڭغانلارنىڭ ئاياق تىۋىشى ، يەم يېۋاتقان ھايۋانلارنىڭ ھۆكۈرلەشلىرى توغۇرلۇق گەپ قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ئىدى. مانا شۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزاتتى ، دەردىگە دەرد قوشاتتى. لېكىن ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى سېرىك ئۆمىكىنىڭ باشلىلىرىغا دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى؛ چۈنكى نىمىلا بولسۇن ئۇ ياۋايى ھايۋانلارغا مىنەتدارلىق بىلدۈرۈشى كېرەك ئىدى. ئەنە شۇلار جەلىپ قىلىپ تۇرغاچقا، شۇنچە نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى. شۇلاردىن ھەر ھالدا بىر نەچچىسى ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالاتتى. ناۋادا ئۇ كىشلەرگە ئۆزىدەك بىر ئادەمنىڭمۇ بارلىقىغا دىققەت قىلىشنى ئەسلىتىپ قويسا، كىشلەر ئۇنىڭغا ــ توغرىراقى ھايۋانلارنىڭ قەپەسلىرىگە ئۆتەر يولىدىكى بىر نەرسىگە دىققەت قىلىپ قالسا، ئۇنى نەنەلەرگە ئاپىرۋىتىش مۇمكىن ئىدى. لېكىن گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا، بۇ بىر كىچىكىنە توسالغۇ، يەنە كېلىپ بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىۋاتقان توسالغۇ ئىدى. بۈگۈنكى دەۋىردە بىرەر ئادەم ئاچلىق سەنئەتكارى ئۈچۈن دىققىتىنى بۆلۈشنى خالاپ قالسا، بۇ زادىلا ئەجەپنەرلىك ئەمەس. مۇنداق غەلىتە ئىشقا كىشلەر ئادەتلىنىپ كەتكەن . لېكىن مۇشۇنداق غەلىتە ئىشنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئەجەپلەنمەسلىك ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدىن چىقىرىغىلغان ھۆكۈم. قېنى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاچلىق ماھارىتىنى ئۆزىنىڭ قۇدۇرىتى يەتكىنىگە كۆرسىتىۋەرسۇن، ئۇغۇ شۇنداقمۇ قىلدى، لېكىن ئۇ بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى تولدۇرالمىدى، كىشلەر ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي، ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋەردى. قېنى سىز بىرەر كىشىگە ئاچلىق سەنئىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېقىڭچۇ! ئاچلىقنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغان بىرەر ئادەمگە ئاچلىق سەنئىتىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. قەپەسنىڭ ئۈستىدىكى ھۆسۈن خەتلەر كىرلىشىپ تونۇغۇسىز بۇلۇپ كەتتى، يىرتىۋىتىلدى. يېڭىلاپ قۇيۇشنى بولسا، ھېچكىم خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمىدى. ئاچلىقتا ماھارەت كۆرسىتىلگەن كۈنى سانى خاتىرىلىنىدىغان تاختىدىكى رەقەملەر دەسلەكى چاغلاردا ھەر كۈنى ئىنچىكىلىك بىلەن يېڭلىنىپ تۇراتتى. مانا ئەمدى ئۇنى يېڭىلاپ تۇردىغانمۇ ئادەم قالمىدى. ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بىرلا رەقەم يېزىقلىق تۇراتتى. چۈنكى ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، خاتىرلەپ تۇردىغان ئادەم ئاددىي بۇ ئىشتىن زېرىكتى؛ لېكىن ئاچلىق سەنئەتكارى خۇددى بىر زامانلاردا ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك ئاچلىقنى داۋاملاشتۇرىۋەردى، شۇنداقلا ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئالسىن ھۆكۈم قىلغىندەك ئاچلىقتا ئۇزاق مۇددەت ماھارەت كۆرسىتىشكە ھېچقانداق كۈچ سەرىپ قىلمىدى. لېكىن كۈن سانىنى ھېچكىم، راست شۇنداق، ھېچكىم خاتىرلىمىدى. مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ زادى قانچىلىكىنى ھەتتا ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. شۇڭا ئۇنىڭ كەيپى بوشاپلا كەتتى. ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرى دە بېكارچىلىقتىن ئىچى پۇشۇپ قالغان بىرەر كېلىپ، ۋلان تاختىسىدىكى كونا رەقەمنى زاڭلى قىلىپ ، ئۇنى ئادەم ئالدايدىغان بىر نېمە دېسە، ئۇ ھالدا، ئۇنىڭ بۇ گېپى مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كىشلەرنىڭ سوغوقلۇقى بىلەن تۇغما يامان نىيىتىلا توقۇپ چىقالايدىغان ئەڭ ئەخمىقانە يالغان گەپ بولغان بولار ئىدى، چۈنكى ئاچلىق سەنئەتكارى سەمىمىي ئەمگەك قىلماقتا ئىدى. ئۇ باشقىلارنى ئالداۋاتقان بولماستىن، بەلكى باشقىلار ئۇنىڭ تېگىشلىك ھەققىنى ئالداپ ئېلىۋالماقتا ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئارىدىن يەنەنۇرغۇن كۈنلەر ئۆتتى، ماھارەت كۆرسىتىش ئاخىرى ئاياقلاشتى . بىر كۈنى، باشقۇرغۇچىلاردىن بىرى قەپەسنى كۆرۈپ قېلىپ، ھەيران قالدى.ئۇ خىزمەتچىلەردىن: ئاستىغا چىرىگەن ئوت - چۆپ سېلىنغان مۇنۇ قەپەس بىر ئوبدان تۇرسا ، نېمىشقا ئىشلەتمىدىڭلار، دەپ سورىدى. بۇ سۇئالغا ھىچكىم جاۋاپ بېرەلمىدى. پەقەت بىرەيلەن كۈن سانى خاتىرلىگەن تاختايغا كۆزى چۈشكەندە، ئاندىن ئاچلىق سەنئەتكارىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇلار بىرتال خادا بىلەن چىرىپ كەتكەن ئوت - چۆپلەرنى تىتقىلاپ، ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ تېخىچە قەپەستە ئىكەنلىكىنى بىلدى. «سەن تېغىچە بىر نېمە يىمەي ياتتىڭمۇ؟ ــ سورىدى باشقۇرغۇچى، سەن ئاچ ئۆتۈشنى قاچان توختاتماقچى؟»، ئاچلىق سەنئەتكارى ئىنچىكە پەس ئاۋاز بىلەن، باشقۇرغۇچى قۇلۇقىنى شادىغا يېقىن قىلىپ تۇرغاچقا، ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ سۆزىنى يەنە شۇ كىشى ئۇقالىدى. «ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە، باشقۇرغۇچى جاۋاپ بېرىۋىتىپ، بارمىقى بىلەن پىشانىسىنى سىلاپ، شۇ ئارقىلىق خىزمەتچىلەرگە ئاچلىق سەنئەتكارىنىڭ ھالىنىڭ ئېغىرلىقىدىن بىشارەت بەردى، بىز سېنى كەچۈرىمىز»، «مەن سېلەرنىڭ ئاچلىقتا كۆرسەتكەن ماھارىتىمنى ماختىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىپ كېلىۋىدىم»دېدى ئاچلىق سەنئەتكارى. «بولىدۇ، ئەمسە بىز ماختايلى» جاۋاپ بەردى باشقۇرغۇچى مادارا قىلىپ، «لېكىن سىلەر ماختىماسلىقىڭلار كېرەك»دېدى ئاچلىق سەنئەتكارى. «بولىدۇ، ئەمسە بىز ماختىمايلى، دېدى باشقۇرغۇچى، لېكىن زادى نېمە ئۈچۈن ماختىماسلىقىمىز كېرەك؟»، «چۈنكىمەن ئاچ يۈرۈشۈم كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاجىممۇ يوق دېدى ئاچلىق سەنئەتكارى. «سىز قىزىق ئادەمكەنسىز!»دېدى باشقۇرغۇچى، زادى نېمە ۋەجىدىن باشقا ئىلاجىم يوق دەيسىز؟ «چۈنكى مەن، ئاچلىق سەنئەتكارى گەپ قىلۋىتىپ كىچىككىنە كالىسىنى سەل - پەل كۆتۈردى ۋە باشقۇرغۇچىنى ئاڭلىيالماي قالمىسۇن دېگەندەك قىلىپ، خۇددى ئۇنى سۆيۈۋالماقچىدەك لەۋلىرىنى ئۇنىڭ قۇلىقىغاچە سوزدى، چۈنكى مەن ئاغزىمغا تېتىغۇدەك يىمەكلىك تاپالماي كەلدىم. تاپقان بولسامدىم، خۇددى سىزگە ۋە باشقىلارغا ئوخشاش تويغىچە يەيتىم». بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى بىر ئېغىز گېپى بولۇپ قالدى. لېكىن ئۇنىڭ نۇرى ئۆچۈپ خىرەلىشىپ قالغان كۆزلىرىنى ئەمدى ئىلگىركىدەك غۇرۇرىنى ئىپادىيەلمىسىمۇ، بىر قەتئىي ئىشەنچىنى: دەۋاملىق ئاچ ئۆتۈۋېردىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. قېنى ئەمسە، مۇنۇ ئەلەڭقىلەرنى يىغۇشتۇرۋېلىڭلار! دېدى باشقۇرغۇچى. شۇنىڭ بىلەن كىشلەر ئاچلىق سەنئەتكارىنى چىرىپ كەتكەن ئوت - چۆپلار بىلەن قۇشۇپ كۈممىۋەتتى. قەپەسكە ياشقىنا بى يىلپىزنى سولاپ قويۇشتى. سەزگۈسى ئەڭ سۇس ئادەملامۇ ئۇزۇنغىچە جىمجىتلىققا چۆكۈپ تۇرغان بۇ قەپەستە ئەمدى بىردەممۇ تىنىم تاپمايدىغان بىر يىرتقۇچنى كۆرۈپ يېڭىلىق ھېس قىلىپ خوشال بۇلۇشتى. ياش يىلپىزغا ھەممە نەرسە تەييار ئىدى. ئوزۇقلۇقنى خىزمەتچىلەر قىلچە ئىككىلەنمەستىن دەرھال يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇرۇراتتى. ئۇ ئەركىنلىكتىن ماھرۇم بولغانلىقتىن غەم قىلىپ كەتمەيدىغاندەك قىلاتتى؛ ئۇنىڭ ئېسىل بەدىنى ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان يىمەكلىككە ئاغزى بۇرنىدىن ئاشقۇدەك ئېرىشىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى چىشلىرىنىڭ قەيىرگىدۇر يۇشۇرنىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خۇشلىقى كانىيىدىن چىققان شۇنداق كۈچلۈك ھۆكىرەش بىلەن تەڭلا پەيدا بولۇپ ، تاماشىبىنلانى مۇنداق خۇشلۇققا چىدىغۇسىز دەرىجىگە يەتكۈزۋېتەتتى. شۇنداقتىمۇ تاماشىبىنلار ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، قەپەسنى چۆرىدەپ، ئۇزاقتىن - ئۇزاق تۇرۇپ قېلىشاتتى.------------ئۇيغۇرچە دۇنيا ئەدەبىياتى نىڭ 1989-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق