شىركەت كىمنىڭ؟

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-09 15:39:30

شىركەت كىمنىڭ؟سەۋرى مۇسا تەرجىمىسىتوي كېچىسى يىگىت خۇشال ھالدا يېڭى كېلىننىڭ چۈمبىلىنى ئاچقاندا، خىجىل بولغان كېلىن ئوتقاشتەك قىزارغان ھالدا يەرگە قارىۋالدى، بىر چاغدا كېلىن خىرىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى...

    شىركەت كىمنىڭ؟
    سەۋرى مۇسا تەرجىمىسى

    توي كېچىسى يىگىت خۇشال ھالدا يېڭى كېلىننىڭ چۈمبىلىنى ئاچقاندا، خىجىل بولغان كېلىن ئوتقاشتەك قىزارغان ھالدا يەرگە قارىۋالدى، بىر چاغدا كېلىن خىرىلداپ كۈلۈشكە باشلىدى ۋە قولى بىلەن ئاشلىق قويۇلغان جاينى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:
    -قاراڭ ئاۋۇ يەرگە، چاشقان سىلەرنىڭ گۈرۈچىڭلارنى يەۋاتىدۇ.
    2-كۈنى تاڭ سەھەردە يىگىت تېخى تاتلىق ئۇيقۇدا ياتقاندا، كېلىن ئويغىنىپ يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى ھەمدە ئۇ ئاخشامقى چاشقاننىڭ ھېلىھەم گۈرۈچ يەۋاتقىنىنى كۆرۈپ، غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدى:
    -ھۇ ئۆلمىگۈر چاشقان، تېخى بىزنىڭ ئۆينىڭ گۈرۈچىگە چاڭ سالغۇدەك بولدۇڭمۇ؟-بۇ غەزەپلىك ئاۋازدىن كېيىن، بىر پاي كەش چاشقانغا ئېتىلدى. تاراق-تۇرۇقتىن ئويغىنىپ كەتكەن يىگىت نېمە ئىش بولغىنىنى بىلىپ ئېچىلىپ كۈلدى، چۈنكى كېلىن ئۆزىنى بۇ ئائىلىنىڭ ھەقىقىي ئەزاسى ساناشقا باشلىغانىدى.
    بۇ ھېكايىنى ئېيتىشىمىزدا باشقا مۇددىئا يوق، پەقەت شىركەتكە يېڭى كىرگەن، ھەتتا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئىككى ئۈچ يىل بولغان خىزمەتچىلەرگە مۇنداق سوئال قويۇش: ئەينى چاغدا سىز نېمىشقا بۇ خىزمەتنى تاللىغان؟ مۇشۇ خىزمەتنى تاللىغان ئىكەنسىز، نېمىشقا جىسمىڭىز بۇ يەردە، كۆڭلىڭىز باشقا يەردە پالاز قاقىدۇ؟
    ئادەتتە يېڭى خىزمەتچى شىركەتنىڭ كەمچىلىك ۋە نۇقسانلىرىنى ئاسانلا بايقىۋالالايدۇ، چۈنكى ئۇ تېخى تاماشا كۆرۈپ تۇرغۇچىدە. بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇ خىزمەتچىگە نىسبەتەن مەسىلىگە مەسخىرىلىك كۈلكە، بىزارلىق، غەزەپ ۋە ئەيىبلەش تۇيغۇسىدا قاراش كېرەكمۇ ياكى غوجايىنلارچە روھ بىلەن بۇ كەمچىلىكلەرنى چۈشىنىش ھەمدە ئۇنى تۈگىتىشكە كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىش پوزىتسىيەسىدە مۇئامىلە قىلىشمۇ؟
    گەپنى يىغقاندا، قارىماققا شىركەت غوجايىننىڭكىدەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە ئۇ بۇ يەردە نان يەۋاتقان ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ تەرەققىيات سەيناسى، ناۋادا خىزمەتچى خوجايىنلارچە قاراش ۋە غوجايىنلارچە روھ بىلەن خىزمەت قىلىدىغان بولسا، شۇنداقلا ئىجادچانلىقنى ئەڭ قىممەتلىك ئادەم دەپ بىلسە،
     ئۇنداقتا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئادەم شىركەتكە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم شەخس بولۇپ قالىدۇ.
    (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى).
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شىركەت