بەدىئىي تەرجىمىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى(بىلىنىسكى)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-16 22:59:00

بەدىئىي تەرجىمىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى (بىلىنىسكى) بەدىئىي تەرجىمىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى تەرجىمە قىلىشتىكى مەقسەت نىمە؟ قانداق ۋاقىتلاردا ۋە قانداق شارائىتلاردا تەرجىمىگە ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ؟ ياك...

        بەدىئىي تەرجىمىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى

    (بىلىنىسكى)

     

    بەدىئىي تەرجىمىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى تەرجىمە قىلىشتىكى مەقسەت نىمە؟ قانداق ۋاقىتلاردا ۋە قانداق شارائىتلاردا تەرجىمىگە ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ؟ ياكى بۇ ئەدەبىياتنىڭ دائىمىي تەبىئىي ئېھتىياجىمۇ؟ ۋ.گ.بېلىنىسكى بوگېمۇسنىڭ «قوغلاندى» ناملىق تارىخىي رومانى نېمىسچىدىن رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنداق دىگەن ئىدى: «بىزدە تەرجىماننىڭ شۆھرىتى تولىمۇ تۆۋەن قەدىرلىنىدۇ، ھالبۇكى، مېنىڭ پىكرىمچە، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا تەرجىمە دەۋرە مانا ئەمدى باشلىنىشى ياكى توغرىسىنى ئېيتقاندا، بىزنىڭ پۈتۈن ئەدىبى پائالىيىتىمىز ھەم ئىلمى، ھەم بەدىئى ئەسەرلەرنى نوقۇل تەرجىمە قىلىشقا قارىتىلىشى لازىم. ھازىر رۇس تىلىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئابرويى تولىمۇ چۈشۈپ كەتتى. ئامما مەزمۇنلۇق ۋە نەپىس نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇغىدەك بىر نەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن، نائىلاج نوقۇل چەتئەل نەرسىلىرىنى ئوقۇيدۇ، ياكى مائارىپنى ئۇمۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بولغا ئەدەبىياتتىن بارا بارا يىراقلىشىدۇ. بىزدە ھازىر پەقەت قول ئىلكىدە بار كىشلەرلا ياۋروپا ئەقىل ـ پاراسىتىنىڭ پۈتمەس ـ تۈگىمەس جەۋھەرلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ھالبۇكى، بىزدە ھەتتا پايتەخىتلەرنىڭ ئۆزىدىمۇ، خۇسۇسەن ۋىلايەتلىرىمىزدە مەرىپەتنىڭ ئابى ھاياتىغا تەشنا، لېكىن قوللىرى قىسقىلىغى ياكى تىل بىلمەسلىگى سەۋىۋىدىن ئۆزلىرىنىڭ مەرىپەتكە بولغان تەشنالىقلىرىنى قاندۇرالمايۋاتقان ئادەملەر ئاز دەمسىز! بىزگە كۆپرەك ساپ ئىلمىي ھەم بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىلىرى كېرەك. بۇنىڭ پايدىسى ھەققىدە سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ شۇنچىلىك روشەنكى، ھىچكىممۇ شۈبھىلەنمەيدۇ. بەدىئىي ئەسەرلەر تەرجىمىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇنىڭدىكى، ئۇ ھەقىقى نەپىس نەرسىدىن بەھرىمەن قىلىشتىن تاشقىرى، خۇسۇسەن، ئىستېتىك تۇيغۇنى ئۆستۈرۈشكە، دىت پەيدا قىلىشقا ۋە نەپىسلىك، گۈزەللىك توغرىسىدا ھەققانى چۈشەنچىلەرنىڭ تارقىلىشىغا خىزمەت قىلىدۇ. كىمىكى بالتېرسكۇتت ياكى كوپېرنىنىڭ بىرلا رومانىنى ئوقۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشسا، ئۇ قانداقتۇر «ساختا دېمتىرى» ياكى ئاللىقانداق «نىگىر ئايال» دىگەن ئەسەرنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى ئەركىن باھالىيالايدۇ. مەۋجۇت نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى قىياس بىلەن ئېنىقراق بىلگىلى ۋە بەلگىلىگىلى بولىدۇ. شۇنداق «قىياس ـ نەپىسىلىكنىڭ ئەڭ ياخشى سىستېمىسى ۋە تەنقىدى. بۇلا ئەمەس، تەرجىمە يەنە تېخى تۇراقلاشمىغان تىلىمىزنىڭ كامالەتكە يېتىشى ئۈچۈن كېرەك، تەرجىمە ئارقىلىق ئىنسان پىكرىنىڭ ھەممە پۈتمەس ـ تۈگمەس روڭمۇ ـ رەڭ ئاھاڭلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان ساز ياساش مۈمكىن.» ۋ.گ. بېلىنسكى تەرجىمىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىجتىمائى، سىياسى، بەدىئى ـ ئىستېتىك ئەھمىيىتىنى ئېچىپ بەرگەن. ئۇنىڭ پىكىرىدىن تۆۋەندىكى خۇلاسىلەرنى چىقىرىش مۈمكىن: 1. ئۆز ئەدىبىياتىدا مۇئەييەن دەۋردە دىققەتكە ئەرزىگۈدەك يۈكسەك بەدىئى ماھارەت بىلەن يېزىلغان مۇناسىپ ئەسەرلەر كەم بولىدىكەن، قاملاشمىغان چاكىنا «ئارگىنال» كىتاپلار بىلەن ھەممە ياقنى تولدۇرۇۋەتكەندىن كۆرە، چەتئەل ئەدىبىياتلىرىدىن ھەققىقى يۈكسەك بەدىئى سەۋىيە بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش ئەۋزەل. بۇنداق بولغاندا ھىچ بولمىغاندا كىشىلەرنى داۋاملىق ئىستېتىك سەۋىيەنى ساقلاپ قېلىشقا يېتەكلەپلا قالماي يەنە ئۆز تىلىدىكى كىشىلەر توپىنى دۇنيا بىلەن بىر ئېقىمغا ، دۇنيا توغرا دەپ قارايدىغان دۇنياۋى ئىدىيەلەرگە يېتەكلىگىلى بولىدۇ. 2. ئۆز ئەدەبىياتى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن چىكىنىشكە يۈزلەنگەندە، «تەرجىمە دەۋرى» باشلىنىشى كېرەك. چۈنكى، تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ئارقىلىق كىتاپخانلار دۇنيا ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلاردىن لەزەتلىنىدۇ؛ تەرجىمە ئەسەرلەر ئىستېتىك تۇيغىسىنى ئۆستۈرىدۇ، دىتىنى تەربىلەيدۇ. ھەقىقى گۈزەللىك ۋە دۇنياۋى ئىسىل ۋەقەلىك تەسۋىرى توغرىسدا ھەققانى چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ. 3. تەرجىمە قىياسى قىلىش مىزانى. ئۇ ئارگېنال ئەدەبىيات بىلەن تەرجىمە ئەسەرلەرنى سېلىشتۇرۇشقا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆز ئەدەبىياتىنىڭ مەلۇم دەۋىردە قانداق تەرەققىيات باسقۇچتا تۇرغانلىقىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. 4. تەرجىمە ئىنساننىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىدۇ. تىلنى داۋاملىق غىدىقلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ تەسىرچان قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھۆسۈن بېرىدۇ. ئۆز ـ ئۆزىدىن روشەنكى، ۋ.گ. بېلىنىسكىنىڭ سۆزلىرىدىن، باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئەدىبىياتى مۇقەررەر چېكىنىشكە يۈزلىنىشى كېرەك، دىگەن خۇلاسە كېلىپ چىقمايدۇ. تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئەدىبىيەتىنىڭ چېكىنىشكە يۈزلىنىشىنى «كۈتۈپ» تۇرۇش شەرت ئەمەس. ياق. تەرجىمە ھەربىر مىللى مەدىنىيەت ئۈچۈن دائىمىي ئېھتىياجدۇر. ... رۇس ئەدىبىيەتىنىڭ ئىلغار رولى رۇس يازغۇچى ۋە شائىر دىراما تۇرگىلەنمەيدۇ. رۇس تىلىدا نەشىر قىلىنۋاتقان باياشات تەرجىمە ئەدىبىياتىمۇ ئۇنىڭ مەزمۇنەن بايلىغى ۋە شەكلەن رەڭگارەڭلىگىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. ئىككى چوڭ قانات ـ يۈزلەپ چەتئەل ۋە قېرىنداش خەلقلەر تىللىرىدىن تەرجىمە مۇناسىۋىتى بىلەن رۇس ئەدىبىياتىنىڭ باغرىغا ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كېلىپ تۇرغان بەدىئى، ئىلمىي ۋە ئىجتىمائى سىياسى ئەسەر، شەك- شۈبھىسىزكى، رۇس تىلىنىڭ گىرامماتىك، لېكىسىك، ئىستىلىستىك ئىمكانىيەتلىرىنى بېيىتىدۇ. رۇس ئەدىبىياتىنىڭ ئىجتىمائى ـ بەدىئى ئورنىنى بارغانسېرى مۇستەھكەملەشكە خىزمەت قىلىدۇ. تەرجىمە شۇنداق بىر ۋاستىكى ئۇنىڭدا ئىككى تەرەپلىمە مەنپەئەت ۋۇجۇتقا كىلىدۇ. بىر تەرەپتىن، ھەر قايسى مىللەتلەر ئەدىبىياتىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن بەدىئىي سۆز جەۋھەرلىرى رۇس تىلىغا ئۆتۈشى بىلەن چوڭ ئەمىلىي ئۈنۈم بىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، يەنى ئۇلار مەملىكەت ئىچىدىكى يۈز مىليونلىغان كىتاپخانلارغا تەقدىم قىلىنىدۇ ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق يەنە ئونلاپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ، يانا بىر تەرەپتىن، تۈرلۈك خەلىقلەر، مىللەتلەر مىللى مەدىنىيەتلىرىنى ئۆز ئارا باغلىغۇچى ۋاستە ئورنىدا روس تىلىنىڭ خەلقارا ئابرۇيى بارغانسېرى ئاشىدۇ. روس ئەدىبىياتى يەنىمۇ بېيىيدۇ، راۋاجلىنىدۇ. تەرجىمە تىلغا يېڭى غايىلەر. پىكىرلەر، چۈشەنچىلەر ئېلىپ كېلىدۇ. جەمىيەتتە يېڭىچە ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەر، قاراشلارنىڭ يېتىلىشىگە خىزمەت قىلىدۇ. ئەبىياتقا يېڭى ئوبرازلار، بەدىئىي تەسۋىرى ۋاستىلەر تەقدىم قىلىدۇ. تەرجىمە ئارقىلىق خەلقلەر ئوتتۇرىسىدا مەدىنىي ۋە ئەدىبىي ئالاقىلەر بارغانسېرى كېڭىيىدۇ. مۇستەھكەملىنىدۇ. تەرجىمە ھەر قانداق ئەدىبىي ئالاقىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈرلۈك مىللى مەدىنيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا ئەدىبىي ئالاقىلەر تەرجىمە ئارقىلىق كونكىرىتلىشىدۇ، مەۋھۈم چۈشەنچەدىن «پرېرمېتلىق» (ماددى) خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ.

    «دۇنيا ئەدەبىياتى»نىڭ 1984-يىللىق4-سانىدىن ئېلىندى غ. سالامپنىڭ «ئەدىبى ئەنئەنە ۋە بەدىئىي تەرجىمە» دىگەن كىتاۋىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق