ئاممىۋى زىيالىيمۇ ياكى ئاغۋات زىيالىيمۇ؟

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-04 15:45:37

ئاممىۋى زىيالىيمۇ ياكى ئاغۋات زىيالىيمۇ؟يۈ گېئابلاجان تۇردىگۇاڭدوڭدا نەشر قىلىنغان «يېڭى تېز خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 22-ئۆكتەبىر سانىدىن تەرجىمە قىلدىئاممىۋى زىيالىي بىر مەھەل كاتتا ...

     

     
     
    ئاممىۋى زىيالىيمۇ ياكى ئاغۋات زىيالىيمۇ؟
     
     يۈ گې
     
     ئابلاجان تۇردى گۇاڭدوڭدا نەشر قىلىنغان «يېڭى تېز خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 22-ئۆكتەبىر سانىدىن تەرجىمە قىلدى
     
     
     
    ئاممىۋى زىيالىي بىر مەھەل كاتتا شان-شەرەپ ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلەرنىڭ سالاھىيىتى ۋە نامى بولغان ئىدى. 2005-يىلى «جەنۇب شەخسلەر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» جۇڭگوغا تەسىر كۆرسەتكەن 50 ئاممىۋى زىيالىينى باھالاپ چىققاندا، بۇ ئىش ھەممە يەردە سۆز-چۆچەك بولغان، كىملەردۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلمەي قالغانلىقتىن دەر غەزەپ بولغان، ئۇزۇن-ئۇزۇن ماقالىلەرنى يېزىپ، تىزىملىككە كىرگەنلەرنى تەنقىد قىلغانلارمۇ بولغان ئىدى. زىيالىيلار بىر-بىرىنى ياراتمايدۇ، دېگەن شۇ بولسا كېرەك، دەپ چۈشەنگەن ئىدۇق. ئۇ چاغلاردا ئاممىۋى زىيالىينى بىر پارچە لوق گۆش دەپ بىلىپ، ھەممەيلەننىڭ بىر چىشلەمدىن يەپ باققۇسى كېلەتتى. يىلىكىنى شۈمۈپ تاشلىۋەتكەن قۇرۇق سۆڭەك ئۈچۈن مەشھۇرلار يۈز-ئابرۇيىنى تۆكۈپ يۈرمەيتتى.
     
     
    ئۇنىڭدىن كېيىن بەزى كىشىلەر ياكى ئورۇنلار 10 ياكى 100 ئاممىۋى زىيالىينى ھەر يىلى دېگۈدەك باھالاپ تۇردى، بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلارمۇ ئاستا-ئاستا بېسىقىپ قالدى. كېيىنكى كۈنلەردە، بۇنداق باھالاشنىڭ بەزى شەھەرلەردە غەمزىسى يامان سەتەڭلەرنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىپ تاللىغان خەۋەرلەرچىلىكمۇ تەسىرى قالمىدى. ئاممىۋى زىيالىي ئەمدىلىكتە كىشىنىڭ يېگۈسى كېلىدىغان لوق گۆش ئەمەس، بەلكى مەرھۇملارنىڭ روھىغا ئاتاپ بۇدىساتۋاغا ھەدىيە قىلىنىدىغان گۆش بولۇپ قالدى، مەبۇتلارغا ئانچە-مۇنچە ئەقىدە قىلىدىغانلارلا ئۇنىڭغا قونغان چاڭ-توزانلارنى تازىلاپ قويىشىدۇ.
    ئاممىۋى زىيالىيلار زامان ۋە پەلەك ئاتا قىلغان غېرىبلىق ھەم ئۆزلىرى تاپقان رەسۋاچىلىقلار دەستىدىن ئەسلىدىكى بۇت تەكچىسىدىن پانىي ئالەمنىڭ ئەۋرەز يوللىرىغا كىرىپ كەتتى. ئاممىۋى زىيالىينىڭ بۇرچى ھەم ئىلىم تارقىتىش ھەم ئاممىغا ئىدىيە تەرغىپ قىلىش بولۇپ، ئۇنىڭدا كەسپىي سالاھىيەتلا بولۇپ قالماي، ئەخلاق، ۋىجدان-غورۇر، ھەققانىيەت ئېڭىمۇ بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇلار بەزى ھاللاردا كۆتۈرگۈسىز ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتنى شەكىللەندۈرەتتى. ئاممىۋى زىيالىيلارنىڭ ئەخلاق ئوبرازىدا چاتاق كۆرۈلگەندە ئۇلار تارقىتىۋاتقان ئىلىمنىڭ كۇرسى چۈشۈشكە باشلىدى.
     
    ئەمدى خەۋەرلەرگە دىققەت ئاغدۇرايلى. يېقىندا، بەزى ئاممىۋى زىيالىيلار قەلەم كۈرىشىدىن ئەلەم كۈرىشىگە ئۆتۈپ، مۇنازىرىدىكى قارشى تەرەپ بىلەن نەق مەيداندا ئېلىشماقچى بوپتۇ. دەۋرىمىز ئەلەم كۈرىشى قىلىدىغان دەۋر بولمىغاچقا، «دوئېلغا چۈشۈش»
    ئەمەلگە ئاشماي قاپتۇ، تاماشا كۆرمەكچى بولغانلارمۇ ھەي، ئېسىت، دېيىشىپ قاپتۇ. تەھلىلچىلەر ئاممىۋى زىيالىيلارنى مەسخىرە قىلىپ، مۇنازىرىدە يېڭىلىپ قېلىپ، مۇشت كۆتۈرمەكچى بوپتۇ، ئەلەمنى قەلەمنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بوپتۇ، دېيىشىپتۇ.
    ئاممىۋى زىيالىيلارمۇ ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشىپتۇ. خې ۋېيفاڭ ئەپەندى: «تور تەرەققىي قىلدى،ئاممىۋى زىيالىيلار ئاممىۋى ۋەقەلەر ئۈستىدە كۆپ گەپ-سۆز قىلدى، كۆپ ۋەقەلەر پاجىئە بىلەن ئاياقلاشتى، سىياسىيدا قىلچە ياخشىلىنىش بولمىدى. ئاممىۋى زىيالىلاردا قوشۇقنىڭ سېپىچىلىك بولسىمۇ ھوقۇق بولمىغاچقا سۆزلەپلا قالدى، ئاۋام ئۈمىدىنى ئۈزدى، قاقشىغان بىلەن نېمە ئامال؟ نيې شۇبىن ئۇۋالچىلىققا قېلىۋەردى(1995-يىلى قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، 2005-يىلى باشقا بىر جاۋابكار نيې شۇبىنغا بېكىتىلگەن جىنايەتنى بوينىغا ئالغان، لېكىن نيې شۇجىن دېلوسى ھازىرغا قەدەر قايتا سوت
    قىلىنمىغان-ت). چېن گۇاڭچېڭ قاماقتا يېتىۋەردى (ئاجىزلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايمەن دەپ يۈرۈپ جىنايەتكە چېتىلىپ قاماققا چۈشكەن، بەزىلەر كېيىنكى نۆۋەتلىك نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكۈدەك ئادەم دېگەنمىش-ت). مىكرو بلوگدا قانچە چۇقان سالغان بىلەن جۇڭگو پويىزى پيوڭياڭغا كېتىۋەردى. ئاممىۋى زىيالىيلار غۇتۇلداپ قېلىۋەردى، ئاممىۋى زىيالى دېمەي ئاغۋات زىيالىي دېگەن تۈزۈكتەك تۇرىدۇ» دەپتۇ.
     
    ئاممىۋى بىلەن ئاغۋات دېگەننىڭ پەرقى بەك چوڭ. ئاغۋات دېگىنى ھەرەم ئاغىسى دېگەن شۇ. ئاغۋات زىيالىي دېگىنى ئەرلىكىنى كەستۈرۈپ ئوردىدا مۇلازىملىق قىلىدىغان ئەركەكلەرگە ئوخشاش زىيالىيلار شۇ، ئۇنداقلار ئاۋام-پۇقرا ئۈچۈن ھەققانىيەتنى ياقلىمايدۇ، خان-غوجاملارغا قەسىدە-مەدھىيە ئوقۇيدىغان بولسا ئۇلارنىڭ ماھارىتى ۋە روھىقا قاراپ، ھۆكۈمدارلار كۆزلىرىگە ئىشەنمەي، ئۆزلىرىنى تونۇيالماي قېلىشىدۇ. ئاغۋات زىيالىي دېگەن ئاتاق ئاممىۋى زىيالى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ھاقارەتتۇر.
    ئەمدى يەنە ئەلەم كۈرىشىگە كېلەيلى. ئەلەم كۈرىشى قىلماقچى بولغان زىيالىيلار ئاغۋات زىيالىيلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنى ئالدىراڭغۇ –تەنتەك دەپ مەسخىرە قىلسا قىلسۇنكى، لېكىن ئەخلاقسىزلىقتا ئەيىپلەشكە بولمايدۇ. ئەلەم كۈرىشى قىلماقچى بولغانلار ئەخلاقسىز ئەمەس، ئۇلارنىڭ رەقىبى ئەخلاق ۋە ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، ئەشەددىيلەشكەن ۋرۇسنى قەلەم بىلەن توسۇپ قالالمىغاندا، ئامالسىزلىقتىن ئەلەم كۈرىشىنى تاللىغان.
     
    ئەلەم كۈرىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىن ئاممىۋى زىيالىيلارنىڭ جۇڭگودىكى قىيىن ئەھۋالىنى كۆردۈم. گەپنىڭ پوسكاللىسىنى قىلغاندا، بۈگۈنكى جۇڭگودا ئاممىۋى زىيالىيغا بازار بار، ماكان يوق. جۇڭگو 1000 خەن خەنگە ئېھتىياجلىق(خەن خەن، يازغۇچى، ئامېرىكا «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەرىپىدىن دۇنيا بويىچە تەسىر كۈچى بار 100 شەخسنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان)، لېكىن جۇڭگونىڭ تۇپرىقىدا بىرلا خەن خەن يېتىشىپ چىقىدۇ، يەنە تېخى نوتا چېغىدا ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ. ئاممىۋى زىيالىيلار دەۋاتقان «ئاممىۋى»، جۇڭگۇدا مەۋجۇت ئەمەس، جۇڭگودا ئاممىۋى بوشلۇق ئومۇمىي ھوقۇقنى چەكلىيەلمەيلا قالماستىن، ئومۇمىي ھوقۇقنىڭ رايىغا باقىدۇ، ئومۇمىي ھوقۇقنىڭ كۆزىگە قارايدۇ. بۇنداق مۇھىت ئېدۋارد سەئىد(داڭلىق ئوبزورچى، پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش تەرەپدارى) ، سۇسان سونتاگ(ئامېرىكىلىق يازغۇچى، ئوبزورچى)، پائۇل كروگمان (ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس)لاردەك ئاممىۋى زىيالىيلارنى ئەمەس، ئاغۋات زىيالىيلارنى يېتىشتۈرىدۇ.
    ئومۇمىي ھوقۇقنىڭ پايخان قىلىشى بىلەن، «ئاممىۋى» «ئاغۋات» بولۇپ قالدى، ئاممىۋى بوشلۇق ئىدىلوگىيەنىڭ گەندە ئورىسى بولۇپ قالدى، ئاقىلانىلىك بىلەن سۆز قىلغانلار تىل-ئاھانەتكە قالدى، ئاغزىنى ئېچىش بىلەن تەڭ كارنىيىغا سەزگۈر ئاتالغۇنىڭ قىلتىرىقى سانچىلىپ قالدى، شۇڭلاشقا، بەزى ئاممىۋى زىيالىيلار مۇشت كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.
    ئۇلارنىڭ مۇشت كۆتۈرۈشى ئىلىمگە ھاقارەتمۇ ياكى ئىلىمنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قوغداشمۇ؟ جاۋابى ماڭا نامەلۇم. مەلۇم بولغىنى شۇكى، بەزىلەر قىزىل تامنىڭ تۈۋىدە كېچە-كۈندۈز ئولتۇرۇپ، سۆڭەك تاما قىلىۋاتىدۇ، بەزىدە ئۇلارنىڭ بېشىغا كېسەك تېگىۋاتىدۇ. ئاغۋات زىيالىي دېگەن موشۇنداقلار شۇمىدۇ؟
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.