قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاجرىشىمىز

يوللىغۇچى : loqman يوللىغان ۋاقىت : 2014-12-16 13:48:14

بىر ئەر-ئايال بار بولۇپ، تويدىن كېيىن داۋاملىق جېدەللىشىپ ئۆزلىرىنى قويىدىغان يەر تاپالماپتۇ. دائىم «ئاجرىشىمىز» دېگەن سۆزنىلا قىلىدىكەن، لېكىن ئاغزىدا دېگەن بىلەن ئۇلار ھەقىقىي ئايرىلىپ كەتمەيدىكەن.

     
    قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاجرىشىمىز
    پېڭ يەنخۇا
     
    بىر ئەر-ئايال بار بولۇپ، تويدىن كېيىن داۋاملىق جېدەللىشىپ ئۆزلىرىنى قويىدىغان يەر تاپالماپتۇ. دائىم «ئاجرىشىمىز» دېگەن سۆزنىلا قىلىدىكەن، لېكىن ئاغزىدا دېگەن بىلەن ئۇلار ھەقىقىي ئايرىلىپ كەتمەيدىكەن.  ئوغلى ئۇلاردىن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان «جېدەللىشىپ ئايرىلماسلىق»نىڭ سىرىنى سوراپتۇ. ئاپىسى ئوغلىغا ئېيتىپ بېرىپتۇ: ئەمەلىيەتتە، ئۇلار توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا چوڭ بىر تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، ئىككەيلەننىڭ ھېچقايسىسى گەپ ئاڭلىغىلى ئۇنىماپتۇ، ئۆزىنى بېسىۋالالماي خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە بېرىپ ئاجراشماقچى بوپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكىلەر ئىشتىن چۈشۈپ بوپتۇ.
    ئۆيگە قايتىۋاتقان يولدا بىر چوڭ بۆرە ئىت پايپاسلاپ يۈرگەن ئىكەن، دادىسى ئاپىسىنى تارتىپلا كەينىگە ئۆتكۈزىۋاپتۇ. شۇ چاغدا ئاپىسى دادىسىدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپتۇ، ھالبۇكى دادىسى ئاپىسىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىپتۇ. ئەمما ئىككەيلەن ئالدىراڭغۇ بولغاچقا يەنە بىردەمدىلا سوقۇشۇشتىن ساقلىنالمايدىكەن. شۇڭا ئىككەيلەن كېلىشىپ، بۇندىن كىيىن قانچىلىك ئاچچىقلىنىشتىن قەتئىينەزەر قاراڭغۇ چۈشكەندىلا ئاجرىشىمىز دېيىشىدىغان بوپتۇ، چۈنكى قاراڭغۇ چۈشكەندە خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكىلەر ئىشتىن چۈشۈپ كەتسە رەسمىيەتنى بېجىرەلمەيدىكەن. لېكىن ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا ئىككىيلەن تۈنۈگۈنكى جېدەلنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن.
    ئوغلى ئاڭلىغاندىن كېيىن چۈشىنىپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئۇ يەنە ئاپىسىنىڭ تېلىفونىنى قوبۇل قىپتۇ. ئاپىسى تېلفوندا غەزەپلىنىپ:«بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتۈشكە ھەقىقەتەن ئامال بولمىدى...» دەپتۇ. ئوغلى سائەتكە قاراپتۇ، 18دىن 40 مىنۇت، جىددىيلەشكەن يۈرىكى يەنە جايىغا چۈشۈپتۇ.
    مەنبە: «ھېكايىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. ئوكيان تورى (www.okyan.com) دىن لوقمان تەرجىمە قىلدى.
    \
    ئەسەرلەر ئالدى بىلەن ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا يوللىنىدۇ، ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، نادىر ئەسەرلەردىن بالدۇر بەھرىمان بولۇڭ. ئىزدەش نامى:okyanqamus      
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قاراڭغۇ