تاڭ سىڭنىڭ چەمبىرەك ئەپسۇنى ئۇقۇشى

يوللىغۇچى : kumluk998 يوللىغان ۋاقىت : 2013-12-06 22:42:26

تاڭ سىڭ چەمبىرەك ئەپسۇنىنى قانچە قىتىم توغرا ئوقۇدىئاپتورى جۇ شاۋخۇاتەرجىمان قۇملۇقھازىرقى نوقتىدىن ئىلىپ ئېيىتقاندا تاڭ سىڭ ۋۇكۇڭنىڭ ئالى يولباشچىسى ۋە رەھبىرى ھىساپلىنىدۇ. بىراق ئىقتىدارىنىڭ چەكلىك...

    تاڭ سىڭ چەمبىرەك ئەپسۇنىنى قانچە قىتىم توغرا ئوقۇدى
    ئاپتورى جۇ شاۋخۇا
    تەرجىمان قۇملۇق
    ھازىرقى نوقتىدىن ئىلىپ ئېيىتقاندا تاڭ سىڭ ۋۇكۇڭنىڭ ئالى يولباشچىسى ۋە رەھبىرى ھىساپلىنىدۇ. بىراق ئىقتىدارىنىڭ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلى، ئۇ ۋۇكۇڭغا رەھبەرلىك قىلالماي قالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ شۇنىڭ بىلەن تاڭ سىڭنىڭ رەھبەرلىكىگە ئاۋالوكسۇۋاراغا ئەقىل كۆرسىتىپ، ۋۇكۇڭنىڭ بىشىغا بىر دانە بىر دانە دوپپا تاقاپ قويدى، شۆھرەتپەرەس ۋۇكۇڭ تاجنى تاقىغاندىن كىيىن ئۇنى ئىلىۋىتەلمەي قالدى. شۇنىڭ بىلەن كىيىن بىر دانە تاج تۈپەيلى مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىپ رەھبەرنىڭ ئالدىدا تەتۇر بولسىمۇ ئوڭ قارايدىغان، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسىمۇ يۇۋاشلىق بىلەن بويسۇنىدىغان بولدى.
    «رەھبەر» نىڭ «قول ئاستىكدىكلەر» چىلىك قابىلىيىتى يوق، بىراق «رەھبەر» ھەر قانچە قابىلىيەتسىز بولسىمۇ بىراق «قول ئاستىكدىكلەر» يەنىلا «رەھبەر» نىڭ گىپىنى ئاڭلايدۇ، ئەگەر مۇشۇ مايمۇنلا گەپ ئاڭلىماي جىن-ئالۋاستىلارنى كۆرگەنلا يەردە ئۇرۇپ يۈرسە «رەھبەر» نىڭ يۈزى بولامدۇ، شۇنىڭ بىلەن رەھبەر ئۇنىڭ بىشىنى ئاغرىتىشقا باشلىدى. ۋۇكۇڭ بىر قانچە قىتىم قاتتىق ئەدەپلەنگەندىن كىين ئاخىرى ياۋاشلاپ قالدى، بويسۇنماي نە چارە ئۇنىڭغا !
    بىراق تاڭ سىڭ چەمبىرەك ئەپسۇنىنى زاى قانچە قىتىم توغرا ئوقۇدى، ھەقىقەتەن قول ئاستىدىكىلەر خاتالىق ئۆتكۈزدىمۇ؟ غەرپكە ساياھەتنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى تاڭ سىڭنىڭ چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقۇشىنىڭ بىر قىتتىممۇ توغرا بولمىغانلقىنى بىلىدۇ. ۋۇكۇنىڭ ئادەم يەيدىغان ئالۋاسىتىلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرشى «چوڭ ۋەزىيەت» ئۈچۈن ئويلىغان بولۇپ بىراق تاڭ سىڭ ئۇنى ئەزەلدىن قوللىمايدۇ، يەنە ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ بۇ مايمۇننىڭ بىشىنى چىدىغۇسىز ئاغرىتىدۇ. ئەگەر ئەمەلىيەت تاڭ سىڭنى تەربىيەلىمىگەن بولسا نوم ئىلىش ئەمەس، گۆشىمۇ ئاللىقاچان جىن-ئالۋاستىلارنىڭ قورسىقىغا كىرىپ كەتكەن بولاتتى. ئەلۋەتتە رەھبەر بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ھەممە جەھەتتە قول ئاستىكدىكلەردىن قابىل بولۇش كېرەك ئەمەس، ئاچقۇچلۇق بولغىنى قانداق قولىغا ئىلىش ۋە يىتەكلەشتۇر.
    رەھبەرنىڭ ھوقوقى بار، قول ئاستىدىكىلەرگە ۋەزىپە تەقسىملىيەلەيدۇ، بىراق قارا-قويۇق ۋەزىپە تەقسىملىسە بولمايدۇ. مىنىڭ بىر پىشقەدەم ئاغىنەم بار، ئۇ 50-يىللارنىڭ داڭلىق ئۇنىۋىرستىتنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن كەسپىگە ئۇيغۇن قاتناش قۇرۇلۇش تارمىقىغا تەقسىم قىلىنغان، بۇ دوستۇمنىڭ ھەممە تەرىپى بولىدۇ، بىراق شۇ بىر ناچار مىجەزى بار، قورسىقىغا پاتىمىغان گەپنى تاش بىلەنمۇ باستۇرۇپ قويغىلى بولمايدۇ، قېرىشقاندەك بۇ دوستۇمنىڭ باشلىقىمۇ دەل «تاڭ سىڭ» سۈپەت شەخىس، كەسىپتىن ئىلىمى يوق، بىراق ھوقوقى بار، بەلگىلىگەن تەدبىرلىرى ئاخىرىدا نۇرغۇن مەغلۇپ بولغان تۈرلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاندى، ئۇ دائىم بۇ تۈرلەر تۈپەيلى تاڭ سىڭ بىلەن ئۇرۇشىدۇ، ئۇ «تاڭ سىڭ» بىلەن ئۇرۇشۇپ شۇنى چۈشەنمىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا خەت يىزىش ئىنكاس قىلىش بىلەن تاڭ سىڭنى قومۇرۋىتىش ئاسان ئەمەس. بۇ دوستۇم 30 يىل ئىلگىرى بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر ئىدى، تاكى پىنسىيەگە چىققۇچە بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر بولۇپ ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ خىزمەتكە قاتناشقانلار ۋە 20 يىل كىيىن خىزمەتكە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆستى، ھەتتا باشلىقنڭى ماشىنسىنى ھەيدىگەن شوپۇرمۇ باش باشقارما دەرىجىگە ئۆستى. باشقا ئورۇنلار ئۇنى يۆتكەپ ئىشلەتمەكچى بولسىمۇ بىراق ئىدارە تىخنىكا جەھەتتە ئۇ بولمىسا بولمايدۇ دەپ ئۇنى قويۇپ بەرگىلى ئۇنىمىدى، گەرچە ئىدارىدە بىر قانچە رەھبەر ئالماشقان بولسىمۇ بىراق ھەممىسنىڭ «تاڭ سىڭ» مىجەزى ئۆزگەرمىدى، ئۇ گەرچە ھازىر پىنسىيەگە چىققان بولسىمۇ بىراق ھىلھەم «تاققا-تۇققۇ» سۆزلەپ باشلىقلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ يۈرىدۇ.
    ھازىرقى « تاڭ سىڭ» لارنىڭ بۇرۇنقى تاڭ سىڭ بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر تەرىپى بار، ئۇ بولسىمۇ ھازىرقى «تاڭ سىڭ» لار مايمۇننىڭ قوغدىشىغا مۇھتاج ئەمەس، ھازىرقى تاڭ سىڭلار چوڭ جەھەتتىن جىن-ئالۋاستىلارنىڭ يىپ كىتىشىدىن قورۇقمايدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا ھازىرقى تاڭ سىڭلارنىڭ يۈرىكى چوڭ شۇنداقلا ئەپسۇن ئوقۇشقا ئامراق. ھەتتاكى چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقۇپ مايمۇننىڭ بىشىنى ئاغرىتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويسىمۇ ئەندىشە قىلمايدۇ، ھەتتاكى بىر غەمدىن قۇتۇلغاندەك بولۇپ خاتىرجەم بولىدۇ. ھازىر ئىدارە ئورۇنلاردا ئاتاماننىڭ يولىنى ھىچكىم توسالمايدۇ، كىم توسسا ئۇ دەرھال ئەپسۇن ئوقۇپ ئۇنىڭ بىشىنى ئاغرىتىدۇ، شۇڭا ھازىرقى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇنى بىلىپ كەتتى، بىراق ۋۇكۇڭ تىخىچە ئۆگىنەلمىدى، ئەگەر ئۆگىنىشكە توغرا كەلسە جۇباجىدىن ئۆگىنىش، باشلىق خوش بولسا جىن-ئالۋاسىتلارنى ئۇرۇش، ياقتۇرمىسا بىر تەرەپتە تاماشا كۆرۈشكە توغرا كىلىدۇ .بىراق ، ئۇستازنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
    غەرپكە ساياھەتتىن شۇنى كۆرەلەيمىزكى تاڭ سىڭ ئەپسۇن ئوقۇمىسىمۇ ۋۇكۇڭ ئۆلتۈرۈشكە تىگىشلىك ئالۋاستىلارنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىۋىرىدۇ، بىراق جۇباجىغا نىسپەتەن ئەپسۇن ئوقۇسىمۇ پايدىسى يوق، ئۇنىڭغا ئوقۇيدىغان ئەپسۇنمۇ يوق، ئۇ يەنى كەلسە-كەلمەس بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىۋىرىدۇ، شۇڭا ئىككىسنىڭ كارامىتىمۇ ئوخشىمايدۇ، چەمبىرەك ئەپسۇنىمۇ ئىقتىدارلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا «تاڭ سىڭ»نىڭ چەمبىرەك ئەپسۇنى قانداقتۇر جىن-ئالۋاسىتلارنى پەرىق ئىتەلمىگەنلىكىدىن بولماستىن بەلكى جىن-ئالۋاستىلارنىڭ پىر-كالانلىرىنىڭ قول-ئاسىتىدىكى ئادەملىرىدىن بولغانلىقدا. ئەگەر ۋۇكۇڭ تاڭ سىڭنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەي جىن-ئالۋاستىلارنى كۆرگەن يەردە ئۇرۇپ يىقىتسا ئاغرىيدىغىنى تاڭ سىڭنىڭ يۈرىكى بولىدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭمۇ مۇئەييەن ئورتاق مەنپەپەت مۇناسىۋىتى بار، شۇڭا ئانچە-مۇنچە ئەپسۇن ئوقۇپ قويۇش ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس.
    شۇنىڭغا قارىغاندا ھازىرقى تاڭ سىڭلار بۇرۇنقىدىنمۇ رەزىل بولۇپ كەتتى، چۈنكى بىر قىسىم تاڭ سىڭلار ئالۋاستىلشىپ كەتتى ئەمەسمۇ .
     
    فىليەتونلاردىن تاللانما ژورنىلىنىڭ 2005-يىللىق 9-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر فىليەتون تەرجخمە