دېھقان بىلەن ئەزرائىل

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-27 17:17:06

قىشنىڭ زەھەردەك ئاچچىق شامىلى ئۇرۇپ تۇرغان بىر كۈنى ياشىنىپ قالغان بىر بىچارە دېھقان ئۆشنىسىگە ناھايىتى ئېغىر بىر باغلام ئوتۇننى ئارتىپ، ھاسىرىغىنىچە ئەسكى كەپىسىگە قاراپ ئېغىر قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتاتتى.


    دېھقان بىلەن ئەزرائىل
     
    قىشنىڭ زەھەردەك ئاچچىق شامىلى ئۇرۇپ تۇرغان بىر كۈنى ياشىنىپ قالغان بىر بىچارە دېھقان ئۆشنىسىگە ناھايىتى ئېغىر بىر باغلام ئوتۇننى ئارتىپ، ھاسىرىغىنىچە ئەسكى كەپىسىگە قاراپ ئېغىر قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتاتتى. بىر ئۆمۈر نامراتلىق ۋە ئېغىر ئەمگەك دەستىدىن، ئۇنىڭ تېنى ئاجىزلاپ ئارانلا قالغانىدى. ئۇ ئوتۇننى يۈدۈپ خېلى ئۇزاق يول ماڭدى. زادى ماڭغۇچىلىكى قالمىغاندىلا، ئوتۇننى يول بويىغا قويۇپ، ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئارام ئالدى.
    ئۇ ئولتۇرۇپ چوڭقۇر تىنىدى. بىر ئۆمۈر تارتقان ھەرەجلىرىنى ئويلىغىنىدا ئىختىيارسىز قاتتىق ھەسرەتلىنىپ كەتتى: «توۋا، نېمانداق بىتەلەي بولۇپ قالغان بولغىيدىم! بىر ئۆمۈر يوقسۇللۇقتا ئۆتۈپتىمەن، يا خوتۇن-بالىلىقمۇ بولالمىدىم. يىل بويى ئاقتۇرغان تەرىمنىڭ بەدىلىگە تويغۇدەك ئاشلىققىمۇ ئېرىشەلمىدىم. ئىجارە ھەققىنىمۇ تۆلىيەلمەي بىر ئۆمۈر قەرزگە بوغۇلۇپ ئۆتتۈم. ھەي، نېمە دېگەن سورۇقچىلىق بۇ!» ئۇ ئۆز تەقدىرىدىن ئاغرىنىپ ئولتۇرۇپ، ئاھ ئۇردى، ھەتتا ئەزرائىل ئىسسىق جاننى ئېلىپ كەتسەڭمۇ بوپتىكەن، دەپ نىدا قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئەزرائىلمۇ دەل ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىۋاتقانىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ نىداسىنى ئاڭلاپلا دەرھال ئالدىدا زاھىر بولدى.
    -ھەي چال، مېنى نېمىگە چاقىرىپ قالدىڭ،-دەپ سورىدى ئەزرائىل.
    ئەزرائىلنىڭ ھەيۋەتلىك بەستى ۋە ياۋۇز قىياپىتىنى كۆرگەن بىچارە دېھقان قورققىنىدىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى، ئەزايى-بەدىنى غال-غال تىتىرەپ بىر ھازاغىچە گەپ قىلالماي قالدى.
    -مەندىن رەنجىپ قالمىغىن،-دېدى دېھقان سەل ئۆزىگە كېلىۋېلىپ،-سېنى ماۋۇ ئوتۇننى ئۆشنەمگە ئارتىپ قويامدىكىن دەپ چاقىرىۋىدىم.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-ساندىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.