ئۆزىدىن باشلاش

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-29 10:40:00

ئۆزىدىن باشلاش -(جۇجۈن ) تۆۋەندىكىسى شىمېيسى چېركاۋىغا دەپنە قىلىنغان بىر ئەنگىلىيىلىك پوپنىڭ قەبرە تەزكىرىسى:ياش چېغىمدا ۋۇجۇدۇم جاسارەتكە تولغان شاش يىگىت ئىدىم ،ئەينى چاغدا پۈتۈن دۇنيانى ...

    ئۆزىدىن باشلاش -(جۇجۈن )

       تۆۋەندىكىسى شىمېيسى چېركاۋىغا دەپنە قىلىنغان بىر ئەنگىلىيىلىك پوپنىڭ قەبرە تەزكىرىسى:ياش چېغىمدا ۋۇجۇدۇم جاسارەتكە تولغان شاش يىگىت ئىدىم ،ئەينى چاغدا پۈتۈن دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن دەيدىغان غايەم بار ئىدى. لېكىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى ،يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ،دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەسلىگىمنى ھىس قىلىپ قالدىم .شۇنىڭ بىلەن دائىرەمنى كىچىكلىتىپ،ئاۋۋال دۆلىتىمنى ئۆزگەرتىشنى نىيەت قىلدىم .لېكىن بۇ نىشانىممۇ بەك چوڭ بولۇپ كەتكەنىدى .كېيىن مەن ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويدۇم ،ئىلاجىسىزلىق تەققەززاسىدا ، مەن ئۆزگەرتىش ئوبىكتىمنى  ئۆزۈمنىڭ ئائىلەمدىكىلەرگە مەركەزلەشتۈردۈم .لېكىن ئىشلار ھامان ئادەمنىڭ رايىغا باقمايدىكەن .ئۇلار يەنىلا ئۆز ئەسلى بويىچە يۈرىۋەردى . بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىغاندىلا  ئاخىر بىر ئىشنى ھىس قىلىپ قالدىم ،ئۇ بولسڭمۇ مەن ئاۋۋال ئۆزەمنى ئۆزگەرتىشىم ،ئۆزۈمنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق ئائىلەمدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىم كېرەك ئىكەن . ئەگەر ئاۋۋال  ئائىلەمدىكىلەرگە ئۈلگە بولالىغان بولسام،كېيىنكى قەدەمدە  دۆلىتىمنى ئۆزگەرتەلىشىم مۈمكىن ئىكەندۇق ،ئاندىن كېيىن ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىمۇ ئۆزگەرتەلەمدىم تېخى ، كىم بىلىدۇ دەيسىز !

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق