جۇڭگو بايلىرى بىل گايتىس-بوففىت ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ تۇرالىشى كېرەك

يوللىغۇچى : lezine يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-07 13:18:56

جۇڭگو بايلىرى بىل گايتىس-بوففىت ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ تۇرالىشى كېرەك. (تەن خاۋجۈن) ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىل گايتىس ۋە ۋىليام باففىتنىڭ «خەير-ساخاۋەت جۇڭگو سەپىرى»دە،...

    جۇڭگو بايلىرى بىل گايتىس-بوففىت ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ تۇرالىشى كېرەك. (تەن خاۋجۈن)

    ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىل گايتىس ۋە ۋىليام باففىتنىڭ «خەير-ساخاۋەت جۇڭگو سەپىرى»دە، 50تىن ئارتۇق جۇڭگولۇق باي تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيۇشتۇرغان خەير-ساخاۋەتكە مۇناسىۋەتلىك «يېپىق خۇسۇسى يىغىلىش» قاتنىشىدىكەن. بىل گايتىس بىلەن باففتىنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگو سەپىرى پەقەتلا جۇڭگودا باشقا ئىشلارنى بېجىرىش مەزگىلىدە، خەيرى-ساخاۋەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قېتىملىق يىغىلىشنى ئۇيۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، جۇڭگو بايلىرىنى خەير-ساخاۋەت ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىشقا كۆندۈرۈش، ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش، بايلارنى مال-مۈلكىدىن ئىئانە قىلىش جەھەتتە ۋەدە بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىشنى كۆزلىمەيدىكەن.
     ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، جۇڭگو بايلىرى يەنىلا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولدى، ئاز بىرقىسىم بايلار تەكلىپىنى رەت قىلغاندىن باشقا، مۇتلەق كۆپ قىسىم تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان بايلارمۇ، ئوڭايسىزلىنىش ئەھۋالىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىئانە بېرىش جەھەتتە ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى بەس-بەستە سۈرۈشتۈردى.
    جۇڭگودا، نۇرغۇنلىغان بايلار خەير-ساخاۋەتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ. پۇل-مۈلۈكنى قولىنىڭ كىرى دەپ ھېسابلايدىغان بايلار بەكمۇ ئاز، شۇڭا، بىل گايتىس بىلەن باففىتنىڭ ئامېرىكىدا باشقا بايلارغا مال-مۈلۈكنىڭ يېرىمىنى ئىئانە قىلىشقا نەسىھەت قىلغاندىن كېيىن، يەنە جۇڭگوغا كېلىپ ئىئانە قىلىشقا نەسىھەت قىلىشىدىن، جۇڭگو بايلىرىنىڭ چوڭ بېسىم ھېس قىلىشى ناھايىتى نورمال ئىش.
    يېقىنقى يىللاردىن بويان، جۇڭگو بايلىرىنىڭ پۇل ئىئانە قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ھەر خىل ۋاستىلاردا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان بولدى. ئالاقىدار تارماقلارمۇ تۈرلۈك ئىئانە قىلىش پائالىيەتلىرىنى مۇكاپاتلاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئېلىپ باردى. ئەمما، بۇنداق ئىئانە قېلىشلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا چوڭ ئاپەتلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى. مەسىلەن، ۋىنچۈەندىكى يەر تەۋرەش، يۈشۈدىكى يەر تەۋرەش، جۇچۈدىكى لاي-لاتقا ئېقىنى، جەنۇبىي جۇڭگودىكى مۇز-قار ئاپەتلىرى قاتارلىقلاردا ئويۇشتۇرۇلغان خەير-ساخاۋەت ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەر بىلەن باغلانغان، ھۆكۈمەتكە ياخشىھچاق بولۇپ تېخىمۇ چوڭ بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن ئىئانە قىلىنغانلىرىدىن باشقا ، بايلارنىڭ ئادەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىپ بارغان ئىئانە قىلىشلىرى ناھايىتى ئاز، بۇ ھال، ئادەمدە مۇنداق بىر سوئالنى پەيدا قىلىدۇ: جۇڭگو بايلىرىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئېڭى تۇرغۇزۇلدىمۇ؟
    بىز ھەرگىزمۇ جۇڭگو بايلىرىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى «مەجبۇرلانغان» دەپ قارىمايمىز، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا پۇل ئىئانە قىلىش خەير-ساخاۋەت ئىشى ئەمەس دەپمۇ قارىمايمىز. ئەمما، خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرى ھامان ئاپەتلەرگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئاڭلىقلىق بىلەن پۈتۈنلەي بىر ئورۇنغا قويۇش ناھايىتى تەس، چۈنكى ھەققى خەير-ساخاۋەت، بىر خىل پۈتۈنلەي ئاڭلىق ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ، بىل گايتىس بىلەن بوففىتنىڭ خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئالقىشلىشىغا ئېرىشتىكى، ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ھەر قانداق تاشقى ئامىلىنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىگە ئۇچىرمىغان، بەلكى كۆڭلى-كۆكسىدىن چىققان بىر خىل ئاڭلىق خەير-ساخاۋەت ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.
    ھازىرقى زامان مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، دەل ئىجتىمائىي خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىدىن ئىبارەت. جۈملىدىن بايلارنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئېڭى، ئىجتىمائىي ھەققانىيەت پائالىيەتلىرى، ئىجتىمائىي ئەخلاقى قاتارلىقلار، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يوقىرى-تۆۋەنلىكىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى.
    ھازىر، جۇڭگودىكى بىر مۇنچە بايلارنىڭ ئىئانە قىلىش پائالىيەتلىرى كۆپىنچە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرتكىسىدە پاسسىپ ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ، يالغۇز بايلارنىڭلا ئويلىنىشقا تىگىشلىك بولماستىن، يەنە ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئويلىنىشىغا تىگىشلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت، نامرات قاتلامدىكىلەر يەنىلا خېلى كۆپ، ھالبۇكى، ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى قۇتقۇزۇش، نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى ئىقتىدارى تېخى يېتەرلىك ئەمەس، مانا بۇ، ئىجتىمائىي خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
    بىل گايتىس ۋە بوففىتلارنىڭ جۇڭگو سەپىرى، گەرچە بىر قېتىملىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى بولۇپ، ھەرقانداق مەجبۇرلاش تەلىپى بولمىسىمۇ، ئەمما، جۇڭگو بايلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى خەير-ساخاۋەت تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماسلىقى، ئۇنى بىر قېتىملىق ئۆزىنى پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان پائالىيەت دەپ قارىماسلىقى كېرەك. چۈنكى، خەير-ساخاۋەتنىڭ ئۆزى كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ ئوبرازىغا قارىتىلغان بىر قېتىملىق تەشۋىقات، بولۇپمۇ بۇ خىل ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قانداق ئىرادىسى بولمىغان خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى، كارخانا ۋە ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئوبرازىنى تېخىمۇ ئاسان تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئىجتىمائىي خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى تەرەققى قىلمىغان دۆلەتلەردە، ھەر قانداق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ئالقىشلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتى ھەم قوللىشىنى قوزغايدۇ، بۇ نۇقتىنى جۇڭگودىكى بايلارنىڭ تولۇق چۈشىنىشى ھەم ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    شىنخۇا تورىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.