جەمئىيەتنى خاراپ قىلىدىغان خەتەر- مەنىۋى چۆكۇش(داركىنىز ماقالىلىرى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-08 06:02:44

جەمئىيەتنى خاراپ قىلىدىغان خەتەر- مەنىۋى چۆكۇش (داركىنىز ماقالىلىرى) دىن ئەخلاقىدىن يىراقلاشقان جەمىيەتلەردە ئەخلاقى ۋە ئائىلىۋى تۇيغۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يوقىلىشقا باشلايدۇ. ياخشىلىق ۋە ...



    جەمئىيەتنى خاراپ قىلىدىغان خەتەر- مەنىۋى چۆكۇش

    (داركىنىز ماقالىلىرى)


    دىن ئەخلاقىدىن يىراقلاشقان جەمىيەتلەردە ئەخلاقى ۋە ئائىلىۋى تۇيغۇلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يوقىلىشقا باشلايدۇ. ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئۇقۇملىرى پەقەت شەخسى مەنپەئەت ۋە ئارزۇلار ئاساسىدا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بۇ سەۋەپ تۇپەيلىدىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن پارىخورلۇق، ئوغرىلىق، خىيانەتچىلىك، ساختىپەزلىك، دىننى سۇيئىستىمال قىلىش... قاتارلىق ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان ئىش - ھەرىكەتلەر يېيىلىپ ئەۋج ئېلىپ، بىر دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە، مىللى پۇتۇنلىكىنڭ ئاساسىغا << پالتا چاپىدىغان >> ئاساسلىق تەھدىت ھالىغا كېلىدۇ.

    بىر مىللەتنى بىر يەردە تۇتقان، دۆلىتىنى كۇچلۇك قىلغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بولسا، مەنىۋى قىممەتلەر ۋە دىن ئەخلاقىدۇر. ئۆتمۇشى ۋە مەدىنىيىتى قانچىلىك كونا بولسا بولسۇن، مەنىۋى ۋە دىنى جەھەتتىن ئاجىزلىشىش - جەمىيەتتە ئەخلاقى چۆكۇشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى، قالايمىقانچىلىقلار ۋە ئىسيانلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى، ئارقىدىن بۆلۇنۇشىنى ۋە ھالاك بولىشىنى مۇقەررەر ھالغا ئەكىلىدۇ. چۇنكى تارىخ، كۇچلەنگەن، گۇللەنگەن، بايلىققا ئېرىشكەن ئەمما مەنىۋى جەھەتتىن چۇشكۇنلۇككە ئۇچرىغانلىقى ئۇچۇن << ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلغان >> مىللەتلەرنىڭ مىساللىرى بىلەن تولغاندۇر.

    ئۇيغۇر ۋە باشقا تۇركىي مىللەتلەرنىڭ تارىختا سانسىزلىغان تەھدىت ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي پۇت دەسسەپ تۇرالىشى، بىر - بىرىدىن كۇچلۇك 16 ئىمپىراتورلۇق قۇرۇپ مىليونلىغان ئىنسانلارغا ۋە يۇزلىگەن مىللەتلەرگە ھۇكۇمرانلىق قىلالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولسا، تۇركىي مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى تۇيغۇلىرىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىندۇر.

    بىر مىللەتكە تەۋە بولغان ئىنسانلارنى بىر بىرىگە باغلايدىغان ئەڭ كۇچلۇك ئامىل بولغان ئورتاق ئەخلاقى تۇيغۇلار بولسا - ئۇ مىللەتنىڭ، ئائىلە، ئەخلاق ۋە دۆلەت تەشكىلىنىڭ داۋاملىشىشىغا تۇرتكە بولىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرىدۇر. دىن ئەخلاقى بولمىغان ياكى دىن ئەخلاقىدىن يىراقلاشقان جەمىيەتلەردە، ئائىلە، ئەخلاق ۋە دۆلەت ئۇقۇمىلىرى ئاستا ئاستا يوقىلىشقا باشلايدۇ ۋە ھالاك بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ پېتىشىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەردىن بىرى بولسا مەنىۋى جەھەتتىن چىرىكلىككە قاراپ مېڭىش.

    مەنىۋى كۇچ شۇنچىلىك مۇھىمكى، بىر مىللەتنىڭ سىياسي داۋالغۇشلاردىن ساق سالامەت ئۆتىشى، سىرتتىن كېلىدىغان بىر ھۇجۇم ياكى تاجاۋۇزغا قارشى بەرداشلىق بېرەلىشى ۋە پۇت تىرەپ تۇرالىشىدا شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى كۇچى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە دىنى ۋە مىللى تۇيغۇلىرى ئاجىز بولغان ياكى دىنسىز بولغان مىللەتلەر، تارىخ سەھنىسىدە ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ ۋە بارا بارا ئاستىلماتسىيە بولۇپ كېتىدۇ. بۇ سوتسىئال ھەقىقەت، تارىخ بويىچە دائىم تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ ۋە دىنى تۇيغۇلىرى كۇچلۇك بولغان دۆلەتلەر دائىم ھاياتىغا داۋام قىلىدۇ، باشقىلىرى بولسا تۇگىمەس جەڭگى - جىدەللەر، قالايمىقانچىلىق، ئاجىزلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە ئىسيانلار ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟


    دىن ئەخلاقىدىن يىراقلاشقان بىر جەمىيەتتە، ئۇلى ئىتىقادسىزلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان كۆز-قاراشلار ھۇكۇمران بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان خاتا ۋە دوگما پىكىر - ئىدىيەلەر يېيىلىدۇ. ئىنسانلار ئۆز كىملىكلىرىدىن ۋە ئورتاق كىملىكلىرىدىن يىراقلىشىدۇ. ئاساسى ئاتىئىزىم ۋە دىنسىزلىق ئۇستىگە << قوندۇرۇلغان >> ماتىرىئالىزىمغا ئوخشاش پەلسەپەلەر ۋە باشقا باتىل ئىدىئولوگىيەلەر، ئۇ جەمىيەتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇمۇچۇك تورىغا ئوخشاش قاپلايدۇ. قىسقىسى، بۇنداق بىر جەمىيەتتە، دىن ئەخلاقىنىڭ يوقلىقىدىن مەيدانغا چىققان بوشلۇقنى بۆلگۇنچى ۋە بۇزغۇنچى پىكىر - ئىدىيەلەر تولدۇرىدۇ.

    دىن ئەخلاقىدىن يىراقلاشقان جەمىيەتلەردە، ئىنسانلارنىڭ، ياخشىلىقنى يامانلىقتىن ئايرىش چۇشۇنچىلىرى يوق بولۇشقا باشلايدۇ. ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئۇقۇملىرى، شەخسىي مەنپەئەت ۋە ئارزۇلارغا ئاساسەن شەكىللىنىدۇ. شۇبھىسىزكى، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ھالدۇر!. چۇنكى، بىر ئادەم يامان ئىش قىلغىنىدا، جەمىيەت تەرىپىدىن ئەيىپلەنمەيدىغانلىقىنى، ۋە جەمىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلمايدىغانلىقىنى بىلگەن چېغىدا، يامان ئىش قىلىشتىن يانمايدۇ. بۇلارنىڭ << ئەگرى مەنتىغى >> بويىچە، ئوغرىلىق، پاھىشىلىك، پارىخورلۇق، ئۆز مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش توغرا ئىش. ئەمما چىن قەلبىدىن ئىمان ئېيتىپ، اللە دىن سەمىمى ھالدا قورققان ۋە دىن ئەخلاقى بويىچە ياشىغان بىر كىشى، توغرا بولۇشنىڭ، خۇشخۇيلۇقنىڭ، ۋەتىنىنى، مىللىتىنى اللە ئۇچۇن سۆيۇشنىڭ << ياخشى >>، پاھىشۋازلىقنىڭ، زۇلۇمنىڭ، پارىخورلۇقنىڭ، قېرىنداشلىرىغا زۇلۇم قىلىشنىڭ << يامان >> ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ۋە ھاياتىنى بۇ بويىچە ئۆتكۇزۇشكە تىرىشىدۇ. دىن ئەخلاقى - ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ياردەملىشىش، دۇرۇستلۇق، ئادالەت، پىداكارلىققا ئوخشاش ئىسىل خىسلەتلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەنبەسىدۇر. دىن ئەخلاقىدىن ئايرىلغان بىر جەمىيەتتە بۇلارنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس، بولسىمۇ مەنپەئەت ئاساسىدا بولىدۇ. بۇنداق بىر جەمىيەتتە، ھەقىقى دۇرۇستلۇق، پەزىلەت، ئادالەت، ھەق-ناھەق، يولداشلىق بولمايدۇ!. دىنى ئىتىقادلار قەستەن يوق قىلىنغان خەلىقلەردە، بۇ مەنىۋى، ئەخلاقى تۇيغۇلار بارا بارا يوق بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ. دەل ئەتراپىمىزدىكىدەك.

    ئادەمنى ئادەم قىلغان ئەخلاقى تۇيغۇلار يوق بولغان تەغدىردە، جەمىيەتنىڭ ھەر قىسىمى ۋە ھەر ئەزاسى بۇنىڭدىن نەسىبىنى ئالىدۇ. ھەر كىم پەقەت ئۆزىنى ئويلايدىغان ۋە باشقا ھىچ كىمنى ئويلىمايدىغان ئايرىم بىر << پارچە >> ھالىغا كېلىدۇ. ئائىلىۋى تۇيغۇلار يوق بولۇشقا قاراپ ماڭىدۇ. چۇنكى دىن ئەخلاقىنى ياشىمىغان بىر جەمىيەتتە، ئائىلىدىن ئىبارەت مۇقەددەس << بىرلىك >> ساغلام داۋام قىلالمايدۇ.

    بۇلار، بىر دۆلەتنىڭ رايىغا ئولتۇرغان تۇزۇمىنى ۋە بىر مىللەتنىڭ ئىگە بولغان << ھۇجەيرىسىنى >> ئىنتايىن تېز ۋەيران قىلىدۇ. چۇنكى دۆلىتىگە ساھىپ چىقىش، ۋەتەن سۆيگۇسى قاتارلىق ئىسىل خىسلەتلەر دىنى ئىتىقادلارنىڭ نەتىجىسىدە تەرەققى قىلىدىغان ئالاھىدىلىكلەردۇر. دىن ئەخلاقىنى ياشىمىغان، شۇنداقلا ۋىجدان تۇيغۇلىرى تەرەققى قىلمىغان بىر ئادەمنىڭ مىللىتىنى سۆيىشى، ۋەتىنى ئۇچۇن خىزمەت قىلىشى، مىننەت قىلماي باشقىلارغا ياخشىلىق قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ خىسلەتلەرگە ئىگە بولغان ئادەملەر يېتىشمىگەن، يېتىشكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ قەدرىگە يىتەلمىگەن بىر جەمىيەت، شۇبھىسىزكى، ھەم سوتسىئال جەھەتتىن ھەم سىياسىي جەھەتتىن مەۋجۇدىيىتىنى داۋام قىلدۇرالمايدۇ!...

    دىن ئەخلاقىنىڭ يوق بولىشىنىڭ يەنە بىر باشقا خەتەرلىك نەتىجىسى بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئاستا - ئاستا پسىخولوگىيەلىك مەسىلىلەر ئىچىدە << مەغلۇپ >> بۇلۇشقا باشلىشىدۇر. جىنايەتلەرنىڭ جىقىيىشى، ئىچىملىك ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە يۆنىلىشى، پاھىشۋازلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، خاتىرجەمسىزلىك ۋە توقۇنۇش مۇھىتى... قاتارلىقلار بۇ جەمىيەتنىڭ پىسىخولوگىيەلىك جەھەتتىن خاراپلىشىشقا قاراپ يۇزلەنگەنلىكىنىڭ ئەڭ ئوچۇق ئالامىتىدۇر. ۋە بۇلارنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدە- بىر - بىرىگە ئىشەنمەيدىغان، بىر - بىرىنى سۆيمەيدىغان، پەقەت ئۆز ھاياتى ئۇچۇن ئىشلەشكە تىرىشىدىغان، جەمىيەتنىڭ باشقا ئەزالىرىنى بىر رەقىپ ھەتتا دۇشمەنگە ئوخشاش كۆرىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. سوتسىئال ئادالەتسىزلىك ۋە ئىقدىسادىي قىيىنچىلىقلار بىلەن كۇچلەنگەن بۇ جىددىلىك، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر ئاممىۋى ئەسەبىلىككە ئايلىنىدۇ ۋە نەتىجىدە بۇ جەمىيەت پارچە - پارچە بولۇپ كېتىدۇ...

    دۇنيا تارىخىدا ئىنتايىن جىق مىللەت، دىنى ۋە مەنىۋى تۇيغۇلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ئۇچۇن، ئەخلاقى چۆكۇش، بۇزغۇنچىلىق ۋە پارچىلىنىش قاتارلىق تەھدىتلەرگە دۇچ كەلدى. دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا بولسۇن، دىنى تۇيغۇلار يوق قىلىنىشقا، ئىتىقاد ئەركىنلىكى بېسىم ئاستىغا ئېلىنغاندا، جەمىيەتمۇ ئۇنىڭغا كۆنگەندە، دۆلەتكە قارشى ئىسيانچى ھەرىكەتلەر، دۆلەت ئىچىدە قالايمىقانچىلىقلار، خاتىرجەمسىزلىكلەر يۇقىرى پەللىگە ئۇلاشتى.ھەتتا بەزىلىرى پارچىلاندى. نەتىجىدە بەزى كىشىلەر ھوقوقنى قولىغا ئېلىپ، مەۋجۇت بولغان تۇزۇمنى يىقىتىپ ئورنىغا دىكتاتور تۇزۇملەر ئورنىتىشقا ئۇرۇندى. ئەسىرلەرچە بىر يەردە ياشىغان مىللەتلەرنى لاگىرلارغا ئايرىپ، بۆلۇشكە ئۇرۇندى. جەمىيەتنى ئوڭچى - سولچى توقۇنۇشلار بىلەن ئىچكى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى. سولچىلىقنى باھانە قىلىپ، نامايىشلار، بۇزغۇنچىلىقلار، بۇلاڭچىلىقلارنى قىلدى ۋە جەمىيەتنىڭ ئىچىدە زور داۋالغۇشلارغا سەۋەپچى بولدى. مەسىلەن: سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىن بۆلۇنۇپ چىققان دۆلەتلەر، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى...

    دىن ئەخلاقى ۋە مەنىۋى تۇيغۇلارغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك بولسا، مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى تىنچلىققا تەھدىت قىلىدىغان مۇھىم بىر خەتەردۇر. دىن ئەخلاقى نەتىجىسىدە بىر - بىرسى بىلەن تىنچلىق ئىچىدە ياشىغان خەلىقلەر، دىن ئەخلاقىدىن ئۇزاقلاشقان ۋاقتىدا، يەر يۇزىدە قالايمىقانچىلىق، توقۇنۇش ۋە ئۆچمەنلىكلەر مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ.

    بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە شۇنى ھىس قىلىشىمىز كېرەككى، بىر مىللەت ئۇچۇن دىنى ۋە مەنىۋى تۇيغۇلارنىڭ كۇچلىنىشى ۋە مۇھاپىزە قىلىنىشى ئىنتايىن، ئىنتاتىن مۇھىمدۇر. ئۇيغۇر مىللىتى بۇ 300 يىل ئىچىدە كۆپىنچە مۇسۇلمان خەلىقلەر دۇچ كەلگەن دىن ئەخلاقىدىن ئۇزاقلىشىش ۋە ھەق دىننى سۇيئىستىمال قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان << نادان موللاملارنىڭ ئۇلۇغ خىزمەتلىرى >> نەتىجىسىدە سانسىزلىغان پاجىئەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۇزدى. نۇرغۇنلىغان خەلق بۇ نادان موللاملارنىڭ قىلغانلىرىغا قاراپ دىن مۇشۇ دەپ چۇشەندى ۋە ھەممە نەرسىنى دىندىن كۆرۇپ ئاغرىنىشقا باشلىدى. ھەتتا دۇشمەنلىك قىلىدىغان ھالغا بېرىپ يەتتى. نەتىجىدە بۇ دىن ئەخلاقىدىن ئۇزاقلىشىشنىڭ بەدىلىنى ئىنتايىن ئېغىر تۆلىدۇق ۋە تۆلەشكە داۋام قىلىۋاتىمىز.لېكىن چىقىش يولى دائىم بار! بىز ھەق دىننى رەھبەر قىلىپ تۇرۇپ << خېمىرىمىزدا بار بولغان >> مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنى قېزىپ چىقىرالىساق، تارىختىكىگە ئوخشاش كېلەچەكتىمۇ << ئىززەت - ھۆرمىتىمىزگە >> قايتا ئېرىشەلەيمىز.

    «دىن لازىمدۇر. دىنسىز بىر مىللەتنىڭ داۋام قىلالىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. دىن بار ۋە لازىم »

                                                                                                                      مۇستافا كەمال  ئاتا تۈرك

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.