قىزىم،دىلبەندىم!

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-03 09:40:48

قىزىم،دىلبەندىم! گەپنى《ھەزرىتى ئايال》ناملىق كىتابىمدە ساڭا كەلتۈرگەن تەرپلىرىمدىن باشلاي:《كامالغا يەتكەن قىز مۇكەممەل سەنئەت ئەسىرىدۇر.ئۇ-ئاق چىچەك.ئۇ-نۇرلۇق غۇنچە.ھازىرلا يامغۇردا يۇيۇلغان ،...



      

                               قىزىم،دىلبەندىم!

          گەپنى《ھەزرىتى ئايال》ناملىق كىتابىمدە ساڭا كەلتۈرگەن تەرپلىرىمدىن باشلاي:《كامالغا يەتكەن قىز مۇكەممەل سەنئەت ئەسىرىدۇر.ئۇ-ئاق چىچەك.ئۇ-نۇرلۇق غۇنچە.ھازىرلا يامغۇردا يۇيۇلغان ،ئېقى ئاق،قىزىلى قىزىل بۇلۇپ ياشاۋاتقان چىمەنزار،ئۇ ئۈستىگە كۆڭلەك ئەمەس،بادام گۈللەرنى كيۋالغاندۇر،بولمىسا قېشىدىن ئون قېتىم ئۆتسىڭىز شۇنچە مەستخۇش قىلارمىدى؟ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئوغىرىسى بار -خىيالىڭىزنى ئالىدۇ.ئاۋازىدا سېھرى بار -ئاھاڭى يۈرىكىڭىزگە ئىز سالىدۇ.پۈتۈن دۇنيانىڭ ئارمىنى شۇ كامالەتكە يەتكەن قىز !مۇھەببەت ئۇنىڭ ئايىغىغا باش ئۇرۇپ يىغلاپ ھالاك!شائىرلارنىڭ دەستىدىن يەر شارىنىڭ ئۇچۇق جايى قالمىغان-قىزلارنى تەرىپلەپ شېئىرغا تولدۇرۇپ يۈرۈپ!زېمىنىمۇ كامالىغا يەتكەن شۇ قىزغا قەسىدە ئېيتىپ ياشاپ كېلەر…》

       تەڭرىنىڭ شۇنداق بۈيۈك ئىجادى،نېمىتى بولغان قىزىم،ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم!

        گۈل:قىزلار يۈزىگە ئوخشايمەن دېسە،غۇنچە:ياز لېۋى كەبىمەن دەيدۇ.مەن خۇددى جاناننىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاش ،دەر قارا ئۈزۈم.بىز خۇددى يارنىڭ لېۋى،بىزنى شېئىر قىلىپ يېزىڭ ،دەيدۇ گىلاس.دىدار چېچىغا قاچان ئوخشارمەن ،دەپ سۇ ئىچىدە بوزلايدۇ سۇمبۇل.قىزلارنىڭ ئىسمىنى تالىشار مىڭلاپ گۈل…

        دۇنيادا ھەر نەرسە بولسا تەرىپى باردۇر.پەقەت《ئايال كىم؟》دېگەن سۇئالغا بۈگۈنگىچە بىرەر شائىر ،سەنئەتكار ۋەياكى پەيلاسوپ جاۋاب بېرەلمىدى مۇكەممەل،كەم -كۈتىسىز!چۈنكى ئايال ئاسمان زاتىدۇر.ئۇنىڭ تەرىپىنى پەقەت ئۆزى بىلەر!

       مۆجىزە ئايىم،سەندىكى بۇ بۈيۈكلۈككە سېنىڭ ئالاقەڭ يوق.ئۇ تەڭرىنىڭ قۇدىرىتى!ئەگەر ئۇ ئارلاشمىسا قۇشقاچنىڭكىچىلىك جېنىڭ بىلەن بۇ يۇرۇق دۇنيانىڭ جېمى ئارسلان سۈپەت يىگىتلىرىنى ئۆزۈڭگە باش ئەگدۈرەلەمىدىڭ؟ئۆزى ئاسرىمىسا ،تېنىڭدىن ئۈزۈپ ،سۆڭىكىڭنى سۇندۇرۇپ بالا ياسىغىنىڭغا ئامان قالارمىدىڭ؟

       نەپىس ئايىم،بارى -يوقى بىر تۈپ رەيھان كەبى قەددىڭ بار،خالاس!ئەمما،تەڭرىشۇتۇرۇشۇڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى ھەممە كېمىنى سەن بىلەن تولدۇرماقتا.ئۇنىڭ ھەممە جاراھىتىگە سېنى مەلھەم قىلماقتا!مەقامىڭنى بۇ دەرىجىگە يەتكۈزمەك ئۈچۈن قېنىڭغا نېمە قوشقانۇ،جېنىڭنى نېمىدىن ياراتقىنىنى بىر تەڭرىنىڭ ئۆزى بىلەر!

     ئۆزبېكىستان يازغۇچىسى تۇرسۇنئاي سادىقوۋانىڭ ‹قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر›ناملىق روھىي ساغلاملىق دۇردانىللىرىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قىز ئايال ئايىم.