ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻳﻮﻕ،ﺗﯧﻠﯧﻔﯘﻧﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎﺋﯘﺭﯗﭘﺴﯩﺰ

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-21 12:28:41

بىنانىڭ پەلەمپىيىدىن تاقىلداپ چۈشۈپ سىرىتقا ماڭدىڭ،مەن بىر قاراپلا،سىنىڭ جانان چىنىدەك سۈزۈك چىرايىڭنى خاپىلىق تۇمانلىرى قاپلىغانلىقىنى كۆردۈم ۋە «نىمە بولغاندۇ» دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە سۇئال ...

     


    بىنانىڭ پەلەمپىيىدىن تاقىلداپ چۈشۈپ سىرىتقا ماڭدىڭ،مەن بىر قاراپلا،سىنىڭ جانان چىنىدەك سۈزۈك چىرايىڭنى خاپىلىق تۇمانلىرى قاپلىغانلىقىنى كۆردۈم ۋە «نىمە بولغاندۇ» دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە سۇئال قويدۇم.ھە.......ئەمدى بىلدىم.ئون نەچچە قەدەم ئارلىق قالدۇرۇپ، ئاناڭمۇ ئارقاڭدىن ئالدىراپ چۈشتى.ئۇنىڭ ھىلىلىدەك قورۇلغان چىھرى تاتىرىپ كىتىپتۇ،ئۇ ساڭا يىتىشتى.ئەلەم يىغىپ تۇرغان چىھرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ مۇلايىملىق بىلەن بىرنىمىلەرنى دېدى. لىكىن ،سەن چىرايىڭنى پۈرۈشتۈرۈپ ئاناڭغا قاردىڭ ۋە
    __تېزرەك ماڭە،ئادەمنىڭ نۇمۇسىنى كەلتۈرمەي،-دېدىڭ

    ئاھ يۈرىكىم،مەن ئازاپلاندىم،مەن پۇچىلاندىم.مەن بۇھالدا ،قىرى ئاناڭ قانچىلىك ئازاپلانغاندۇ -ھە! لىكىن ئۇ سېنى كەچۈردى بولغاي ،بۇ نۆۋەت ئاناڭنىڭ ھەسىرەتلىك تىتىرەڭگۈ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم

    __ قىزىم،ئەتىگەن تاماق يىمىگەن ئىدىڭ
    ................. 
    لىكىن سەن ئۇنى قاتتىق سىلكىپ سۆزدىن توختاتتىڭ

    ھە .......ئەسلىدە ئاناڭ ساڭا تاماق ئلىپ كەپتىكەن-دە! لېكىن سەن مۇشۇنداق ئاناڭنىڭ بولغىندىن پەخىرلەنمەي نۇمۇس قىلدىڭ

    تىڭشا قىزچاق
    !................ 
    ئاناڭنىڭ ئاشۇ قورۇلغان چىھرىدىن نۇمۇس قىلامسەن؟! بىلسەڭ، ئاناڭ گۈزەل چىھرىنى ساڭا بەرگەن ئەمەسمىدى؟ بۇ سەن ئۈچۈن ئىغىر مۈشكۈللەرنى تارتىپ گۈزەل سىماسى سۇلمىغانمىدى؟
    .......... 
    ئەي قىزچاق! ئاناڭنىڭ بىشىدىكى لىچەكتەك ئاق چاچلىردىن نۇمۇس قىلامسەن؟

    بىلسەڭ،ئاناڭ ئۆزىنىڭ قۇندۇزدەك چاچلىرنىڭ رەڭگىنى،ھازىر سىنى گۈزەللەشتۈرۈپ تۇرغان سۇمبۇل چاچلىرىڭغا بەرگەن ئەمەسمىدى؟كىچە-كۈندۈز سەن ئۈچۈن سەكپارە بولۇپ ،قۇندۇز چاچلىرنىڭ رەڭگىنى يوقاتقان ئەمەسمىدى؟ئەي قىزچاق! ئاناڭنىڭ ئاشۇ ئاجىز،گەۋدىستىن نۇمۇس قىلامسەن؟

    چۈشەنسەڭ،بۇمۇ سەن ئۈچۈن ئاجىزلىغان تەن. سەن ئاناڭنىڭ كۆكسىنى تەۋرىتىپ يورۇق ئالەمگە كۆزئاچقىنىڭدا،ئاناڭ قانچىلىك خۇشال بولغان ئىدى- ھە؟!ئۇ سىنى ياخشى بىقىش ئۈچۈن،كۈچى بىلەن يۇغۇرلغان ئاق سۈتىنى ساڭا بەرگەن ئەمەسمىدى؟ ساڭا ياخشى يىگۈزۈش ،ياخشى كىيگۈزۈش،دوستلىرىڭ ئالدىدا يەرگە قارىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، تىمەن تېنىنى ئۇپۇرتۇپ جاپالىق ئىشلىگەن ئەمەسمىدى؟
    !......... 
    ئاناڭنىڭ سەن نۇمۇس قىلغان ھەممە تەرەپلىرى،سەن ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىرىنىڭ ئىزناسى ئەمەسمۇ؟
    !.......... 
    ئەي قىزچاق

    ئاناڭ يەنىلا سەن ئۈچۈن سەكپارە بولماقتا ،سەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرمەكتە.ئويلاپ باق!. ئەل ئالدىدا جاۋاپ بەر .ئاناڭنىڭ سەن نۇمۇس قىلغۇدەك زادى قانداق گۇناھى بار؟
    !!!!!!!!!!!!!!!...................

      ب ﯩﺮﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮﻳﻪﺭﮔﻪﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﯩﻢ، ﻳﺎﻧﻐﯘﻧﯘﻡ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺳﺎﻳﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ.ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻗﯘﻟﯩﻘﻤﻐﺎ ﻳﺎﻗﺘﯩﻢ،ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻗﯩﺰﭼﺎﻗﻨﯩﯔ 

    ﺩﺍﺩﺍ،ﺗﯧﺰ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯔ،ﻣﻪﻥ ﺳﺰﻧﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ سېغىندىم،-ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﺎﯕﻼﻧﺪﻯ.ﻣﻪﻥ
    ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻳﻮﻕ،ﺗﯧﻠﻔﯘﻧﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎﺋﯘﺭﯗﭘﺴﯩﺰ!---ﺩﻩﭘﻼ تېلىفۇننى ﻗﻮﻳﯟﻩﺗﺘﯩﻢ.ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﻩﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯘﻣﯘﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﯧﻠﻐﯘﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺗﯧﻠﯧﻐﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﭙﻼ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﻛﯘﻧﯘﭘﻜﺴﻨﻰﺑﯧﺴﯟﻩﺗﺴﻪﻡ،ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯘﺗﯧﻠﯧﻔﯘﻧﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻼ ﻗﻮﺑﻮﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ.ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻰ <ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻧﯘﻣﯘﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﻠﯧﻔﯘﻥ ﻛﯧﻠﺸﻨﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ>ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﯘﻥ ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻜﻰﭘﻪﺭﻕ ﺷﯘﻛﻰ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﯧﻠﯧﻔﯘﻧﻨﻰ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺋﺎﻟﻐﯘﻡ ﻛﻪﻟﻤﺴﻤﯘ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﻮﺧﺘﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺗﯧﻠﯧﻐﯘﻥ ﺑﯧﺮﯞﻩﺭﺩﻯ،ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﺭﯨﻢ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺗﯧﻠﯧﻐﯘﻧﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ .ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﻗﯩﺰﭼﺎﻗﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﺴﺰﻏﯩﻨﻪ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ

    --- ﺩﺍﺩﺍ،ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻟﻤﯘ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ،ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺗﯧﻠﯧﻐﯘﻧﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯘﺭﻣﯩﺪﯨﯖﯩﺰ ﺩﻩﻳﺪﯗ،ﺑﯘﺩﻩﻝ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﻠﯧﻐﯘﻥ ﻧﯘﻣﯩﺮﯨﯖﯩﺰﺋﯩﻜﻪﻥ،ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺩﻩﻳﺪﯗ،ﺋﻪﮔﻪﺭﻛﯧﻠﻪﻟﻤﺴﯖﯩﺰ،ﺗﯧﻠﯧﻐﯘﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﻤﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﯓ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟---ﻗﯩﺰﭼﺎﻗﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﻡ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ،ﻣﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﻐﯘﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﯩﻜﺮﺍﻓﯘﻧﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺪﯨﻢ،ﻗﯩﺰﭼﺎﻕ ﺋﯜﺯﯛﭖ-ﺋﯜﺯﯛﭖ__ﺩﺍﺩﺍ،ﻣﻪﻥ ﺑﻪﻙ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ،ﺳﯩﺰ.....ﺑﻪﻙ....ﺩﯦﺪﻯ-ﺩﻩﺳﯚﺯﻯﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﯩﺮﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﺷﻘﯩﻨﺎ

    ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯓ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ،ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺳﺰﻧﻰ ﻛﯚﭖﻣﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ،ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﺎﺝ ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﺋﯘﺗﯘﻏﯘﻟﺸﯩﺪﯨﻨﻼ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﺭﺍﻛﻐﺎ ﮔﯩﺮﭘﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﺳﻤﯘ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﯨﻼ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﮬﺎﺩﺳﯩﺴﺪﻩ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺩﺍﺩﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯜﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻟﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻱ،ﻳﺎﺩﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻣﯘﺭﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘﭘﻼ ﺋﯘﻧﯖﻐﺎ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻡ،ﺑﺎﻳﺎ ﺳﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺪﯨﯖﯩﺰ،ﺋﯘﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﯨﮕﻨﯩﭽﻪ ﻛﯚﺯﻳﯘﻣﺪﻯ.......ﺩﯦﺪﻯ.ﺑﯘﮔﻪﭘﻨﻰﺋﺎﯕﻼﭖ ﻛﯚﺯﭼﺎﻧﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﻳﯩﭙﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻣﺎﺭﺟﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﺷﻜﻪﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ
    ..... 
    ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﯩﺰﮬﺎﻳﺎﺕ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ،ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻗﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ_ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﺰ...ﻗﺎﺭﺍﯓ!ﺑﯘﺩﯗﻧﻴﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧ ﻜﯩﭽﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎﺳﯩﻨﻰ ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ؛ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻗﯩﺰﭼﺎﻗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﺍﻻﻳﺪﯗ
    .   

     

     

    بىر ئانىنىڭ دۇنياغا يازغان خېتى 

    سۆيۈملۈك دۇنيا
    ئوغلۇم بۈگۈندىن تارتىپ مەكتەپ قوينىغا قادەم قويدى. خېلى بىر مەزگىلگىچە بىر نەرسىلەر ئۇنىڭغا ناتونۇش ھەم يېڭىلىق بىلىنىشى مۇمكىن. سەنمۇ بىلىسەن، ئۇ تا بۈگۈنگىچە ئۆيىمىزدە پادىشاھ، ئارقا ھويلىمىزدا خوجايىن بولۇپ كەلدى. مەن دائىم ئۇنىڭ يېنىدا يارىسىنى تېڭىپ، روھىي جەھەتتە تەسەللىي بېرىپ كەلدىم
    مانا ئەمدى ھەممە ئىش ئۆزگىرىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۈگۈن ئەتىگەن ئۇ پەللەمپەيدىن چۈشىۋېتىپ، قولىنى پۇلاڭلىتىپ ماڭدى. ئۇ ئۇلۇغ تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىگە ئاتلاندى. بۇ سەپەر جەريانىدا ئۇرۇش، تراگېدىيە ۋە باشقا كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى تۇرغان گەپ. ئۇ ھاياتلىق دۇنياسىدا ئىشەنگەچكە، كۈتىدىغىنىم، ئۇنىڭ يۇمران قولىدىن يېتەكلەپ، ئۇ بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەت. مۇمكىن بولسا ئۇنىڭغا مۇلايىم بولۇشنى ئۆگەت، ئۇنىڭغا دۇنيادا بىر مۇتتەھەم بولغاچقا بىر قەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى، ساتقىن سىياسەتۋاز بولغاچقا قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە داھىي بولىدىغانلىقىنى، دۈشمەن بولغاچقا دوست بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇر، ئۇنىڭغا كىتابنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشنى ئۆگەت. تەبىئەتنىڭ مەڭگۈلۈك سېھرى توغرۇلۇق ئويلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بەلگىلىك ۋاقىت بەر. ئۇنىڭغا مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدامچىلىقتىن كۆپ شەرەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈر. ئۇنىڭغا ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇشنى، باشقىلار سۆزىنى رەت قىلغان تەقدىردىمۇ پىكردە تەۋرەنمەسلىكنى ئۆگەت. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جىسمانيي ۋە ئەقلىي كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىشقا بولىدىغانلىقىنى، بىراق قەلبنى ۋە روھنى سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇنىڭغا زوراۋانلارنىڭ جار سېلىشلىرىغا قۇلاق سالماسلىقنى. ئۆزىنىڭ پىكىرى توغرا بولغاندا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئېلىشىشنى ئۆگەت. بىراق، ئۇنى ئەركىلەتمە، چۈنكى ئوت قانچە كۈچلۈك بولسا، ھەقىقىي پولات تاۋلىنىدۇ
    بۇ ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ. دۇنيا، سەن بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل كۈچۈڭنى ئىشقا سال، ئۇ ھەقىقەتەن سۆيۈملۈك بىر يىگىت
    مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلى

    مەنبە:كەڭ ساي تورى .

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.