دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى-زادى نىمە دۇبەينى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىر

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-26 09:43:39

دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانىمۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسىزادى نىمە دۇبەينى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشتۇردى؟دۇبەيدە پەقەت ھىس قىلغ...



    دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى
    مۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)
    نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسى





    زادى نىمە دۇبەينى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشتۇردى؟





    دۇبەيدە پەقەت ھىس قىلغىلى بولىدىغان لىكىن قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان  بىر خىل نەرسە كەڭ تارقالغان. ئۇ تاڭ سەھەردە ۋە تۈن كىچىلىرى نىپىز تۇمان ئىچىدە كوچىلاردا يالغۇز ماڭغان ياكى ماشىنا بىلەن دۇبەي شەھرىنى ئايلانغان چىغىڭىزدا ئۇنى ھىس قىلالايسىز. مەن ئۇنى دۇبەي روھى دەپ ئاتايمەن. ئەگەر مەندىن ئىنىقىنى سورىسىڭىز مەن شۇنداق جاۋاپ بىرىمەنكى، ئۇ دۇبەيلىكلەرنىڭ روھى بىلەن دۇبەي شەھرىنىڭ روھىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى.

     



    ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىگە كۈلۈمسىرەپ قارىيالىسا، باشقىلارغىمۇ كۈلۈپ قارىيالايدۇ. دۇبەيلىكلەر مانا مۇشۇنداق. كۈلۈمسىرەشنىڭ رولى شۇكى ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى پاسسىپ تەسىرنى تۈگىتىدۇ، ئۈمىدسىزلىك ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ قارا كۆلەڭگىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. كىشىلەر ئادەمگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ئۆزلىرى پەخىرلىنىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغانىدىمۇ شۇنداق كەيپىياتتا بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ روھى ھالىتى كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ھەر بىر كۈنى خىزمەت قىلغاندا خۇددى ئەتىلا دەمئىلىش بولىدىغان كۈندىكىدەك خۇشاللىق ئىلكىدە ئىشلەيدۇ.



    دۇبەيدە ياشاپ باققان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دۇبەينى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بەزىلەر گەرچە باشقا جايلارغا كەتكەن بولسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ روھىنىڭ بىر قىسىمى دۇبەيدە قالىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر باشقا شەھەرلەرگە بىرىپ بىقىپ يەنىلا دۇبەيگە قايتىپ كىلىدۇ. مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاناداغا، ياۋرۇپاغا، ئامرىكىغا بىرىپ بىر- ئىككى يىلدىن كىينلا دۇبەيگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۇلاردىن بالدۇرراق دۇبەيگە قايىتىپ كىلىپ بولىدۇ. بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟

    چۈنكى دۇبەيدە دوستانىلىق ، مىھرى- مۇھەببەت بار، ئىناقلىق بار، ھەممە ئادەم ھۆرمەتلەيدىغان كەڭ قورساقلىق ۋە ئەنئەنە بار. دۇبەيدە ئۆزى ۋە باشقىلارغا بولغان ھۆرمەت بار، شۇنداقلا مۇۋازىنىەت، ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت بار.


     



    دۇبەيدە بالىلار ۋە ئاياللار ھۆرمەتكە سازاۋەر

     






    نۇرغۇن كىشىلەر دۇبەيگە زىيارەتكەياكى  ساياھەتكە كىلىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قىلىش نىيىتىگە كىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ھىكايسى بار. مەن گىرمانىيىلىك بىر چىش دوختۇرىنى تونۇيمەن. ئۇ خارۋارد ئونۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن ، ئىلگىرى بىرلىن ئونۋىرسىتىتىدا ئوقوتقۇچىلىق قىلغان ئىكەن. ئۇ دۇبەيگە بىر قىتىم ساياھەتكە كىلىپلا بۇ شەھەرگە مەپتۇن بولۇپ قىلىپ، ھىچنىمىگە قارىماي دۇبەيگە كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ.  ئۇ  ئۆز يۇرتى ۋە بىرلىن ئونۋىرسىتىدىكى يۇقىرى تەمىناتنى تاشلاپ دۇبەينى تاللاپتۇ.



    دۇبەينىڭ تۇرمۇش مۇھىتى  ھەقىقەتەن  ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇنداق مۇھىتنى  پەقەت ئالاھىدە ساياھەت شەھەرلىرىدىنلا ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. دۇبەي ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ، ئۆزگەرمەكتە. چۈنكى ئۇ ئۆز ئەۋزەللىكىنى ساقلاش بىلەن بىرگە تۈگۈلۈپ قىتىپ تۇرۇۋالسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەن. بۇ شەھەر يىڭىلىق يارىتىش ئارزۇسىغا  ۋە كىچە- كۈندۈز توختىمايدىغان ئالدىراشچىلىق بىلەن تولغان، لىكىن بۇلار كىشىنىڭ كۆڭلىنى يايرىتىدۇ ۋە ھوزۇرلاندۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ  نۇرمال خىزمەت بىسىمى ئۇلارنى ئويغىنىپلا رىقابەت قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە ئېسىل كۆڭۈل ئىچىش ۋە ئارام ئىلىش پەيىتلىرىمۇ كەم ئەمەس.



    دۇبەيدە، بالىلار مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان. چۈنكى بالىلار ئەرەبلەرنىڭ قەلبىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.  بالىلار  مىللەت ئايرىمىسى  ۋە ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن بەھرىمان بولىدىغان تەمىناتلار ئاز ئەمەس، بۇ تەمىناتلار سانائەت ۋە سودىدا مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن بەلكى مۇلازىمەت ساھاسىدىمۇ بار. مۇلازىمەت - مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ۋە بەھرىمان بولغۇچىلارغا قارىتا ئوخشاشلا يۇقىرى سەۋىيىدە بولۇش تەلەپ قىلىنغان.



    دۇبەيدە مەخسۇس ئاياللارنىڭ خىزمەت سورۇنلىرى بار. ئاياللار جەمىيەتنىڭ ئانىسى. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ئورنى ئالاھىدە. ئۇلار كەسكىن رىقابەت كۆرىشىدە ھىسداشلىققا ئەمەس بەلكى ئۆز قابىلىيىتىگە تايىنىپ غەلبە قازىنىدۇ. ئۇلار گورۇھ، گورۇپپىلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، شىركەت باشقۇرىدۇ، كەلگۈسىنىڭ قىز- ئوغۇللىرىنى تەربىيلەيدۇ، بايلىق قازىدۇ، باشقىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىدۇ، ئاتقا مىنەلەيدۇ، ھەر كەسىپتە ئەرلەر بىلەن تەڭ باراۋەر ئورۇندا رىقابەتلىشىپ ئۇتۇق قازىنالايدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.