ئازگال مېيى: ئەۋرەز يولىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2011-09-15 14:24:36

ئازگال مېيى: ئەۋرەز يولىدىن تاماق ئۈستىلىگىچەئالاھىدە ئەسكەرتىش: نۆۋەتتە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، ئازگال مېيى ئىشلەش سېتىش جىنايىتىگە مەملىكەت بويىچە قاتتىق زەرب...



     

    ئازگال مېيى: ئەۋرەز يولىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە

     

    ئالاھىدە ئەسكەرتىش: نۆۋەتتە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، ئازگال مېيى ئىشلەش سېتىش جىنايىتىگە مەملىكەت بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.  بۇ يازما دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسەن تەييارلاندى. بۇ يازمىنى تەييارلاشتىكى مەقسەت، خەلق ئاممىسىغا ئازگال مېيىنىڭ زىيىنىنى تونۇتۇش ۋە بۇ ھەقتە مەلۇم ساۋاتقا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا، سوغوققان بولۇشىنى، قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان مەزمۇندا ئىنكاس يازماسلىقىنى ئۆتۈنىمىز. تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى ياكى تور نازارەتچىلىرى بۇ يازمىنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، ئەسلى مەنبەنى كۆرۈپ بېقىپ، ئويلاپ بېقىپ ئىش تۇتقايسىز. كاللىسى بار تۇرۇپ ئويلىمايدىغانلار ئۈچۈن ئېچىنىمىز. مەلۇم ئىنكاس سەۋەبىدىن بۇ يازمىنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، تېخىمۇ ئويلىنىپ باقارسىز. ئىنكاس قانۇنسىز بولسا، شۇ ئىنكاسنى بىر تەرەپ قىلغايسىز.

    بەلكىم، مەنمۇ، سىزمۇ بىلىپ-بىلمەي ئازگال مېيى يەۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن.

     

     

    ئازگال مېيى: ئەۋرەز يولىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە

    خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شەندۇڭنىڭ جىنەندىكى گېلىن بىيو ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنى قورشاپ، ليۇ فامىلىلىك باشچىلىقىدىكى 32 گۇماندارنى قولغا ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 100توننىدىن كۆپرەك ئازگال مېيىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ يىل 3-ئايدا جېجياڭ نىڭخەي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى زور كۆلەمدە زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بەزىلەرنىڭ ئاشخانا ئەخلەتلىرى، كۆيدۈرۈپ چۈچۈتۈپ تاشلىۋېتىلگەن ماي، پاسكىنا سۇلاردىن ئازگال مېيى ياسىغانلىقىنى بايقىغان. نىڭخەي ساقچى دائىرىلىرى ھەرىكەت قوللىنىپ، مەخسۇس ئازگال مېيى يىغىدىغان ئەنخۇيلۇق ئالتە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ليۇ فامىلىلىك بىرقانچە گۇماندارنىڭ شەندۇڭنىڭ پىڭيىندە بىيو سالياركا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش نامى بىلەن جېجياڭ، سىچۈەن، گۈيجۇ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردا ئازگال مېيى سېتىۋالغانلىقى، يېمەكلىك مېيىنى مەخپىي ئىشلەپچىقارغانلىقى، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ كۈنىگە نەچچە ئون توننىدىن ئاشقانلىقى ئايان بولغان. يۈەن فامىلىلىك قاتارلىق جىنايەت گۇماندارلىرى ئازگال مېيى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئەلا سۈپەتلىك ماي قىلىپ كۆرسىتىپ ساتقان، ھەتتا ئۇنىڭغا بەزى داڭلىق ماركىلارنى چاپلاپ بازارلاردا ساتقان. ئازگال مېيىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىك مېيىنىڭ ئاشخانىلارغا سىڭىپ كىرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئازگال مېيى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېلىپ سېتىش، يېمەكلىك مېيى قىلىپ ئىشلەش، سېتىش يەر ئاستى ئۇۋىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتقان. (1)

    بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولدىكى، ئازگال مېيى ئاشخانىلارغا ھەقىقەتەن سىڭىپ كىرگەن. ئىلگىرى بەزى مەنسەبدارلار ئازگال مېيىنىڭ ئاشخانىلارغا كىرگەنلىكىنى گۈرەن تومۇرلىرىنى كۆپتۇرۇپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىشقان ئىدى. خەۋەردە ئازگال مېيى ئىشلەش، سېتىش ئۇۋىسى تەلتۆكۈس يوقىتىلدى،دەپتۇ. بۇ بەلكىم شۇ قېتىم بايقالغان ئازگال مېيى ئىشلەش ئۇۋىسىنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك. تېخى بايقالمىغان، ئىنسابنى قايرىپ قويۇپ، ھارام پايدا ئېلىش كويىدا يەنىلا ئازگال مېيى ئىشلەپ سېتىۋاتقانلار بارمۇ-يوق؟ يوق دەپ ھېچكىم كېسىپ ئېيتالمايدۇ. ئەگەر ئازگال مېيى ئىشلەش ئۇۋىلىرى تەلتۆكۈس يوقىتىلغان بولسا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىمۇ ئازگال مېيى ئىشلەش سېتىش جىنايىتىگە مەملىكەت بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرماس بولغىيدى. (2)

    يەنە بىر خەۋەردە دېيىلىشىچە، نىڭبو ساقچى تەرەپ يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىكى نازارەت قىلغان، زورتىپتىكى قانونغا خىلاپ ھالدا ئازگال مېيىدىن ئىستېمال قىلىدىغان ماي ياساپ سېتىشدېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، جىنايەت گۇماندارىدىن 20 ئادەمنى تۇتۇپ،ئازگال مېيىدىن 694 توننىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى. ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇبىر يىغىۋېلىش، ئاددىي چەككىلەش، ھايىنىغا سېتىش، پىشىقلاپ ئىشلەشتىن سېتىشقىچەبولغان يەر ئاستى ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى بولۇپ، جېجىياڭ، جىياڭسۇ، شەندۇڭ قاتارلىقئۆلكىلەرگە تۇتاشقان.ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 694 توننا ئازگال مېيى بەلكىم ئاشكارىلانمىغانئازگال مېيىنىڭ پەقەت بىر قىسىمى بولۇپ، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان ئازگال مېيىئاللىبۇرۇن ئاۋام خەلقنىڭ تاماق ئۈستىلىگە «چىقىپ » بولغان ئىكەن. بۇ ھەقىقەتەنمۇئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان بىر خەۋەر. بەلكىم ئارىمىزدىكى ھەر بىر ئادەم بىلىپ-بىلمەيئازگال مېيىنى ئىستېمال قىلىۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن.(3)

    ماي بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىر قىسىم پۇل تېپىشنىلا ئويلايدىغان كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتىن چىققان ماي داغلىرى ۋە ئىشلىتىش ئۆلچىمىگە چۈشمىگەن خام ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، ئازگال مېيىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، قاراڭغۇ يوللار بىلەن بازارغا ئېلىپ كىرمەكتە. شۇڭا، ماي سېتىۋالغاندا، ئىشەنچلىك ئورۇننىڭ، سۈپەتلىك مېيىنى ئىشلىتىش، ھەرگىزمۇ سۈپەت ئۆلچىمىگە توشمىغان ئازگال مېيىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

    ئازگال مېيى قانداق ماي؟

    ئازگال مېيى دىگىنىمىز، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچراتقان بارلىق ناچار، ساختا مايلارنىڭئومومىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئازگال مېيى تۆۋەندىكىدەك 3 تۈرگە ئايرىلىدۇ، 1-خىلى: ئازگال(ئەۋرەز يوللىرى)دىن چىققان ماي بولۇپ، مەملىكەتنىڭ چوڭ –كىچىك بازارلىرىغاجايلاشقان ئاشخانىلاردىن چىققان ،تاماق قالدۇقلىرى، ھەرخىل قورۇما قالدۇقلىرى دائىمئەۋرەز كۆلچەكلىرىگە تۆكۈلۈش ئارقىلىق ئەۋرەز يوللىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، ئەۋرەزيوللىرىدىكى سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن مايلار ۋە چوڭ رېستۇران، قاۋاقخانىلاردائاشقان-تاشقان تاماق قالدۇقلىرى، ھەرخىل قورۇما قالدۇقلىرىنى (مەخسۇس ماشىنا بىلەنيىغىدىغان مەخسۇس بىر تۈركۈم كىشىلەر بار، بەلكىم سىزمۇ ئۇچراتقان بولىشىڭىزمۇمكىن) يىغىپ ئاددى ئۇسۇلدا قايتا پىششىقلاپ، چېككىلەپ ئىشلەنگەن مايلار.  2- خىلى: بۇزۇلغان چوشقا گۆشى، چوشقىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، چوشقا تېرىسى قاتارلىقلارنىپىششىقلاپ، چېككىلەپ چىقارغان مايلار. 3-خىلى: ياغدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىقپۇشۇرۇلىدىغان يىمەكلىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان مايلار. بۇنداق مايلارنىڭ قانچىلىكمايدا قانچىلىك يىمەكلىك پۇشۇرۇشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆلچىمى بولىدۇ، بىراقبەزىلەر بىر قازان مايغا نەچچە ئون ھەسسە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ يىمەكلىك پۇشۇرىۋالىدۇ،بىر قازان ماينى نەچچە كۈنلەپ ئىشلىتىدۇ، بۇنداق ماي قارىداپ كەتكەندىن كېيىن يەنەئازراق يېڭى ماي قويۇپلا داۋاملىق ئىشلىتىدۇ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئەھۋالغاكېلىپ قالغاندا ئاندىن تۆكىۋېتىدۇ،ياكى كېرەكسىز ماي يىغىدىغانلارغا بېرىۋېتىدۇ. مۇشۇنداق ماينى ئازگال مېيى ئىشلەپچىقارغۇچىلار يىغىۋېلىپ قايتىدىن چېككىلەپ،خىمىيىۋىي دورىلارنى سېلىپ سۈزۈكلىتىپ قايتىدىن بازارغا ئاپىرىپ ئەرزان باھاداساتىدۇ.(4)

    "گۇاڭجۇ گېزىتى"نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇيجۇدا بىر باقمىچىلىقبىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقاننىڭ ئاشكارىلىشىچە نۇرغۇن چوشقا باقىدىغانلاررېستۇرانلاردىن ئاشقان-تاشقان تاماق قالدۇقلىرىنى يىغىپ ئەكىلىپ ئۈستىدىكى ماينىسۈزۈپ ئېلىپ ئازگال مېيى ئىشلەيدىغانلارغا ساتىدىكەن، ئاستىدىكى قېلىپ قالغىنلىرىبىلەن چوشقا باقىدىكەن، ئۇ دېھقاننىڭ دىيىشىچە ئۇ ئۆزىلا مۇشۇنداق سۈزۈپ ئالغانماينى بىر ئايدا ئاز دىگەندىمۇ 250كىلوغا يېقىن سېتىپ بولىدىكەن، ئۇنىڭ دىيىشىچەئازگال مېيى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تاپقان پايدىسى چوشقا باققاندىنمۇ ياخشى ئىكەن،ئازگال مېيى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ئىش پىرىنسىپى ئاددى بولۇپ يىغىپ ئەكەلگەن ماينىچوڭ قازانغا قويۇپ قاينىتىپ مەلۇم بىر خىل خىمىيىۋىي دورىنى تۆككەندىن كېيىن مايئىچىدىكى قالدۇق ماددىلارنىڭ ھەممىسى قازاننىڭ ئاستىغا چۆكۈپ كېتىدىكەن، ئاندىنبۇنى ماي چېككىلىگۈچى يەنە بىر تۈركۈملەرگە ئۆتكۈزىدىكەن ،يەنە بىر تۈركۈمدىكىلەربولسا پۇراق يوقىتىش، رەڭ قوشۇش، يەنىمۇ بىر قەدەم سۈزۈكلەشتۈرۈش قاتارلىقمەشغۇلاتلاردىن كېيىن ئاندىن سېتىشقا باشلايدىكەن.

    گۇڭدوڭنىڭ فوشەندەنۇرغۇنلىغان تاماقخانىلاردا ئاشپەز بولۇپ ئىشلىگەن جاۋ ئۇستىنىڭ ئاشكارلىشىچە،ئاشخانىلارنىڭ ئازگال مېيىنى ئىشلىتىشى ھازىر يېڭىلىق ئەمەس ئىكەن، بۇنداقبولىشىدىكى سەۋەپ پايدا قوغلىشىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ ئازگال مېيىنى ساتقۇچىلارئاشخانىلارغا كىلوسىنى 3يۇەندىن ئۆتكۈزىدىكەن، بەزى چاغلاردا بۇنىڭدىنمۇ ئەرزانساتىدىكەن، ئادەتتىكى مايلارنى ئىشلىتىمەن دىسە كىلوسى 9يۈەن تۇرسا ، مۇشۇنداقئەرزان بولغان ئازگال مېيىنى ئىشلەتكەندە تەننەرخ تۆۋەنلەپ پايدىنى كۆپ ئالغىلىبولىدىكەن، جاۋ ئۇستىنىڭ دىيىشىچە بىر توننا ئازگال مېيىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈچۈن300يۈئەن كېتىدىغان بولۇپ ، مۇشۇنداق سودىنى قىلىۋاتقانلاردىن بىر ئايدا 10مىڭپايدا ئالغانلارمۇ بار.

    جاۋ ئۇستىنىڭ دىيىشىچە: سىچۇئەن قورۇمىلىرىئاشخانىلىرى ۋە كىچىك ئاشخانىلار مۇشۇنداق ئازگال مېيىنى ئىشلىتىدىكەن، ئويلاپبېقىڭ ، بۇنداق ئاشخانىلاردا ئاساسەن ئوت قازان شورپىسى(火锅)، مالاچۇئەر(麻辣串)، بېلىققورۇمىلىرى،تۈرلۈك قورۇمىلار بولۇپ، بېلىق قورۇمىلىرى ئارانلا ئوننەچچە يۈئەنبولمىغاندا 20 يۈەنگىلا سېتىلىدىغان تۇرسا ئويلاپ بېقىڭ بىر تال بېلىق قانچە پۇل،ئىش ھەققى قانچە؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى مايلارنى ئىشلىتىپ پايدا ئالغىلى بولامدۇ؟يەنە بىر تەرىپى بۇنداق ئاشخانىلاردىكى قورۇمىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاچچىق بولغاچقائازگال مېيىنىڭ غەيرى پۇرىقى ۋە تەمىنى ئاچچىق تەم بېسىپ كېتىدۇ-دە ھېچكىم بىلەلمەيقالىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئازراق گېلىڭىزنى قىزىتىدۇ-شۇ.....

    جوڭگو رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىدە ۋوخەن سانائەت ئىنىستىتۇتى يىمەكلىك ئىلمى ۋەقۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروففىسسورى خې دوڭ پىڭ يەنە بىر سالاھىتى مەملىكەتلىكئاشلىق-ماي ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتېتى ماي ماتېرياللىرى خىزمەت گۈرۈپپىسىنىڭ باشلىقى، ئۇ جوڭگو ياشلارگېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دىگەن:- مېنىڭ پەرىزىمدە نۆۋەتتە ھەر يىلىمەملىكىتىمىزدە تاماق ئۈستەللىرىدە ئىستىمال قىلىنىپ بولىدىغان ئازگال مېيى 300~200توننىغا يېتىشى مۇمكىن، جوڭگو خەلقى بىر يىلدا ئىستىمال قىلىپ بولىدىغان ماينىڭ(ئۆسۈملۈك مېيى ھايۋانات مېيى قوشۇلۇپ)ئومومى مىقدارى22مىليون5يۈزمىڭ توننا بولۇپمۇشۇ بويىچە ھىساپلىغاندا ئەگەر سىز دائىم سىرتتا تاماق يىسىڭىز، يىگەن 10 ۋاقلىقتامىقىڭىزنىڭ بىر ۋاقلىقىدا چوقۇم يىگىنىڭىز ئازگال مېيى بولىشىمۇمكىن.

    ئازگال مېيىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى:

    ئەمىلىيەتتە ھۆكۈمەتئورگانلىرى ئازگال مېيىنى ئېنىق ئايرىش ، ۋە پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدا ئاددى ۋە توغرابولغان ئۇسۇلىنى تېخى ئېلان قىلمىدى، شۇنداقتىمۇ توردا تورداشلارنىڭ كۆرسەتكىنىبويىچە بۇ يەرگە قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم.

    كۈزىتىش،تېتىپ بېقىش،پۇراش،ئاڭلاش،سوراش

    1-كۈزىتىش:سېتىۋالغان ماينىڭ سۈزۈكلىكىگە قاراش، ساپمايلار ئىنتايىن سۈزۈك بولىدۇ.

    2- پۇراش، ئازگال مايلىرىدىن ئازراقبولسىمۇ غەلىتە پۇراق چىقىدۇ.

    3- تېتىپ بېقىش، گەرچە ماينى بىر تېمىمبولسىمۇ خام پېتى تىلغا تەگكۈزۈپ تېتىپ باققاندا غەلىتە تەملىك بولغانلىرى ئازگالمېيى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.

    4- ئاڭلاش، مايدىن بىرنەچچە تېمىم ئېلىپقەغەزگە تېمىتقاندىن كېيىن ئوت يېقىپ كۆيىشىنى ئاڭلاپ بېقىش، چىرىس-چىرىس ئاۋازچىققان بولسا ئازگال مېيى بولىشى مۇمكىن، چۈنكى ئازگال مېيىنىڭ ئىچىدە دائىم سۇتەركىبى بولىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىقراق چاراسلاپ كۆيگەن بولسا ماي ئىچىگە ساختانەرسىلەر قوشۇلغان بولىشى مۇمكىن.

    5- پارچە ماي سېتىۋالغاندا مايساتقۇچىدىن ماينى نەدىن ئەكىرگەنلىكىنى سوراش، قاچىلاقلىق تەييار مايلارنىسېتىۋالغاندا ماركىسىغا، ئىشلەنگەن زاۋۇت ئورنىغا، ھەرخىل ئۆلچەم ، ئىجازەتنومۇرلىرىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

    دىمەك ئاسان، ئەمىلىيەتتە ئازگال مېيى بىلەنپارچە سېتىلىدىغان مايلارنىڭ رەڭگى، پۇرىقى جەھەتلەردە پەرقلەندۈرۈشتەس.
      

    ئازگال مېيىنى ئىستىمال قىلغاندا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپكېلىدۇ؟

    ئازگال مېيىنىڭ تەركىبىدە خىمىيىلىك ماددا بولۇپ ئۇنىڭ كىسلاتالىقىيوقۇرى، تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار، دائىم ئازگال مېيىنى ئىستىمالقىلغاندا كىشىلەردە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىش، يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش،ئاسانلا ئىچى سۈرۈش، ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش، جىگەر، يۈرەك ۋە بۆرەك ئىششىپقېلىش، ياكى يوغىناپ قېلىش، جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش، ھەتتا جىگەر راكى، ئۆسمەراكى، ئاشقازان راكى، بۆرەك راكى، ئۈچەي راكى، ئەمچەك راكى قاتارلىق ئەجەللىككېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. (5)

    ئازگال مېيى ئىشلەش ۋە سېتىش قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەركەت. بۇنداق جىنايەت نېمە ئۈچۈن تۈگىتىلمەيدۇ؟ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدىمۇ؟ بىزمۇ بىلىپ-بىلمەي ئازگال مېيىنى يەۋاتامدىغاندۇق؟ بۇ سۇئاللارنى ئويلاپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

     

     

    مەنبە:

    (1) جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى: «ئازگال مېيىدىن يېمەكلىك مېيى ياساش ۋە سېتىش پەۋقۇلئاددە دېلوسى پاش قىلدى» ناملىق خەۋەر، 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، تور ئادرېسى:

    http://www.uycnr.com/gnxw/201109/t20110913_144584.html

    (2) جۇڭگو تورى: دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئازگال مېيى ئىشلەش سېتىش جىنايىتىگە مەملىكەت بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى ناملىق خەۋەر. تور ئادرېسى:

    http://www.china.com.cn/economic/txt/2011-09/14/content_23407735.htm

    (3)جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك پەن-تېخنىكا تورى: ئازگال مېيى تاماق ئۈستىلىگە قانداق چىققان؟ ناملىق خەۋەر. تور ئادرېسى: http://www.tech-food.com/news/2011-9-5/n0603045.htm

    (4) شىنخۇا تورى: ئازگال مېيى قانداق ماي؟ ناملىق ماقالە. تور ئادرېسى:

    http://news.xinhuanet.com/2011-08/17/c_121872274.htm

    (5) پاكنۇر تورى: «ئازگال مېيىدىن ھەزەر ئەيلەڭ» ناملىق ماقالە. تور ئادرېسى:

    http://bbs.paknur.com/read.php?tid=1629

    ئوكيان تورى ۋە ئەلبەھرە تورى ئۈچۈن نوشىرۋان تەييارلىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.