رومانتىك بولۇش تەس ئەمەس

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-28 12:06:29

توي قىلغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغان بىر ئەر بولۇپ، بىر كۈنى ئۇ ئىشخانىسىدا بىر پارچە نامسىز خەت تاپشۇرىۋاپتۇ . ئۇنىڭدا بىر قىزنىڭ ئۆزىگە بولغان سۆيگۈسى ئىزھار قىلىنغانىكەن . ئۇ چاغدا ئۇ بۇنى...

        توي قىلغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغان بىر ئەر بولۇپ، بىر كۈنى ئۇ ئىشخانىسىدا بىر پارچە نامسىز خەت تاپشۇرىۋاپتۇ . ئۇنىڭدا بىر قىزنىڭ ئۆزىگە بولغان سۆيگۈسى ئىزھار قىلىنغانىكەن . ئۇ چاغدا ئۇ بۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەپتۇ . لېكىن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ كۈندە بىر پارچە خەت، بەزىدە بىر پارچە شېئىر ، بەزىدە ھەتتا بىر دەستە گۈلمۇ تاپشۇرىۋاپتۇ . ۋاقىت ئۇزارغانچە ئۇمۇ كۈندە كېلىدىغان سۆيگۈ خېتىگە تەقەززا بولىدىغان بوپتۇ . گەرچە ئۇ خانىمى ئالدىدا ئۆزىنى گۇناھكاردەك ھېس قىلسىمۇ ، لېكىن كىممۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشىنى خالىمىسۇن ؟

    شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرۈش - تۇرىشىغا دىققەت قىلىدىغان ، ياسىنىپ يۈرىدىغان ، ھەر بىر كۈننى خۇشاللىق ۋە تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋالىدىغان بوپتۇ .

        نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنكى ئاخىر بىر كۈنى سۆيگۈ خېتى يازغان ھېلىقى قىز يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىپتۇ . ئۇ بىر ئاز ئىككىلىنىپتۇ ، لېكىن تەقەززامۇ بوپتۇ . قارشى تەرەپنىڭ قايتا - قايتا تەلەپ قىلىشى ۋە ۋەدە بېرىشى بىلەن ئۇلار ئاخىر كەچلىك تاماق ۋاقتىغا كېلىشىپتۇ . شۇ كۈنى ئۇ تەشۋىشلەنگەن ھالدا تاماقخانىغا بارغان چاغدا ئۇزۇن چاچلىق بىر ئايال  كەينىنى قىلىپ ئولتۇرغان بولۇپ ، ئۇ قەدەممۇ -قەدەم ئۈستەلگە يېقىنلىشىپتۇ . بۇ چاغدا ناھايىتى تونۇش بىر چىراي ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپتۇ ! ئەسلىدە بۇ ئۇنىڭ ئايالى ، بۇ كۈنمۇ دەل ئۇلارنىڭ توي خاتىرە كۈنى ئىكەن .

       ئەمەلىيەتتە دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر رومانتىكىلىقنى قوغلىشىدۇ . بىراق مېنىڭچە «رومانتىكىلىق» ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ، توي خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ياكى تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ،  رومانتىك كەچلىك تاماق يېيىش ۋە ياكى ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈكنىڭ چوڭ - كىچىك ئىكەنلىكىدە ئەمەس .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر