قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ !

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-24 08:56:16

قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ!نىچۈك ئەر سانالۇر مىڭلار دۈشمىنى،مىڭ غەيۋەت قىلمىسا ئۇنى ھەر كۈنى. كور،ئىتتىن قورققان بۆرە بولۇرمۇ، ئاڭلانسا كەينىدىن مىڭ ئىتنىڭ ئۈنى. (يۈسۈپ خاس ھاجىپ)سەن ھايا...

    قەھرىمان شۇنداق دۇنياغا كېلىدۇ!

     


    نىچۈك ئەر سانالۇر مىڭلار دۈشمىنى،

    مىڭ غەيۋەت قىلمىسا ئۇنى ھەر كۈنى.

    كور،ئىتتىن قورققان بۆرە بولۇرمۇ،

    ئاڭلانسا كەينىدىن مىڭ ئىتنىڭ ئۈنى.


    (يۈسۈپ خاس ھاجىپ)

     

    سەن ھاياتنىڭ مۇشكۇلاتلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ قالغان، ئۈمۈتسىزلىنىپ ھەسرەت چەككەن چاغلىرىڭدا يىراق ئۆتمۈشتىن كېلىدىغان ئاجايىپ بىر تىۋىشقا قۇلاق سال . ئەجداتلار توغرىسىدىكى مىڭ يىللىق كۈيلەر، قەھرىمانلىقنىڭ ئىللىق ھەم جەڭگىۋار قان ھىدى كېلىۋاتقان، نىمجانغا-جان قوشۇدىغان ئاھاڭلىرى كېلىپ، قەلبىڭگە سەن ئىلگىرى ھېس قىلىپ باقمىغان ھېسلارنى ئاتا قىلسۇن . سېنىڭ بىچارە يىتىمسىرىغان روھىڭنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ، ساماۋى يۈكسەكلىكلەرگە كۆتۈرسۇن . پەقەت نالە قىلىشقىلا كۆنگەن لەۋلىرىڭنى مەھكەم يۇمۇشنى، ساڭا بىر ھەقىقى ئەركەكتەك تىك تۇرۇشنى ئۈگەتسۇن، بىر زەئىپ يۈرەك، بىربىچارە تەشنا قەلب ھېس قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەمما ھېس قىلمىغان، ھىسياتلاردىن بەھرىمەن بولۇپ باق ! ئۇ سېنىڭ مەنىسىز، ئۈمۈتسىز ھاياتىڭنى ئۆزگەرتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.


    ئىنساننىڭ بارلىق پەزىلەتلىرى ئىچىدە قەھرىمانلىق بىردىنبىر تۈپكى پەزىلەت،تارىختىكى بارلىق مەنىۋى بايلىقلار ئىچىدە قەھرىمانلىق داستانلىرىلا ئەسىر-ئەسىرلەردىن بۇيان قەلىبلەرگە بىردىن-بىر قۇۋۋەت بولۇپ، ئۇلارنى يىگىلەپ قۇرۇپ كېتىشتىن ساقلاپ كەلدى.

    قەھرىمانلار توغرىسىدىكى داستان ۋە چۆچەك رىۋايەتلەر بىر خەلقنىڭ تارىخىي بايانلىرىنىڭ گۈلتاجىسى. بۇ باتۇرلۇق كۇيلىرى، ئېغىر كۈنلەردە ۋە مۇشەققەتلىك ھايات سەپىرىدە كېلىۋاتقان كارۋانغا ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بېغىشلاپ جاپالىق سەپەرنىڭ چوقۇم بىر كۈنى ئاياقلىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. بۇ داستانلار ئاجىزلارغا كۈچ، ئۈمۈتسىزلەرگە ئۈمۈت-ئىشەنچ بېغىشلايدۇ. پەقەت سۇنماس ئىرادىلىك، تەقدىرگە باش ئەگمەيدىغان ئەزىمەتلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى مەخسەتكە يېتىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ،ۋە يېتەكلەيدۇ.


    قەھرىماننىڭ ھايات مەخسىتى مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن بولغاچقا ئۇنىڭ شۆھرىتىمۇ چوقۇمكى مىللەت ياكى دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ. مەيلى ئۇنىڭ شۆھرىتى قانچىلىك تارالغان بولسۇن، ئۇ بۇ شۆھرەتنى ئۆزىنىڭ مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ. قانداقتۇ ئومومى ئىنسانىيەتكە تەۋە قەھرىمان بولمايدۇ . بۇ خۇددى ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەنپەئەت بولمىغاندەكلا بىر ئىش. مەيلى بىز قانچىلىكلا زورۇقۇپ مۇھەببىتىمىزنى بىلدۈرمەيلى باشقىلارنىڭ قەھرىمانى ھەرگىزمۇ بىزنىڭ بولالمايدۇ. باشقىلارنىڭ قەھرىمانى چوقۇمكى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزنى ئۆز مىللىتىگە ئېلىپ بېرىش،ياكى ئۆز مىللىتىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىغان مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ. بۇ خۇددى ناﭘﻮﻟﯩﺌﯘن شەرقلىقلارنىڭ قەھرىمانى، ستالىن بىزنىڭ قەھرىمانىمىز بولمىغاندەكلا بىر ئىش.

    قەھرىمانلىق ئاۋام تۇرمۇشىدىن ھالقىپ كېتىدۇ، بىراق ئۇ ئاۋام ئارىسىدا مەڭگۈ ساقلىنىدۇ . ئۇ ئورتاق خەۋپ ۋە چاقىرىق كۈچكە ئىگە بولغاندا ھەيران قالارلىق كۈچلىنىپ ئاۋاملىشىدۇ.

     ماھىيەتتە ئاۋام ئۇلارنىڭ بوشۈگىدۇر.

    پەقەت بىر ئادەمنىڭ شەخسى يۈكىنىلا كۆتۈرۈشتىن ھالقىپ، قەلبىگە ئومومى خەلقىنىڭ مۇراد-مەخسەتلىرىنى پۈككەن ئادەم ھەقىقى قەھرىمان بولىدۇ. قىلىۋاتقان ھەركىتىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا «خەلقىم ئۈچۈن» دەپ ئىزاھلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمايدىغانلار، چىن مەنىسىدىن قەھرىمان ئەمەس.

    ھەقىقى قەھرىمان ئۆز ھەركىتىنىڭ ئۇلۇغۋار مەخسىتىنىڭ كىم؟ ئۈچۈنلىگىنى ئىزاھلاپ يۈرمەيدۇ،ھەتتا ھالقىلىق مىنۇتلاردا ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلسا،بەزىدە كۆپ سانلىقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاز سانلىقنى قۇربانمۇ قىلىدۇ. بۇ ئۇلاردىكى ئەسلىدىكى ھېسسىي ئەقىلنىڭ كېيىنچە ئەقلىي يەكۈن دەرىجىسىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسۈتىدۇ. قەھرىمان دەۋىرداشلىرى تەرىپىدىن بەزىدە نۇقسانسىز«ئەۋلىيا»لىققا مەجبۇرلىنىپ،ئۆز خىزمىتى بىلەن ئەمەس بەلكى «ئەخلاق»دەپ ئاتىلىدىغان، شەكىلسىز قىممەتكە ئىگە نۇقتىنەزەر بىلەن باھالىنىپ قارىلىنىدۇ ۋە ياكى كۆپ سانلىقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلغان،كەسكىن پوزىتسىيىسى ۋە تەدبىرى بىلەن دەۋرداش ئاۋام تەرىپىدىنلا ئەمەس بەلكى كېيىنكىلەر ئۈچۈنمۇ ئىبرەتلىك تېما، ۋە قانخور ئالۋاستى سۈپىتىدىمۇ تەسۋىرلىنىدۇ . مانا بۇ ھەقىقى قەھرىماننىڭ ناھەق قىياپىتى ۋە تىراگىدىيىسى،

     قەھرىماننىڭ ئەخلاقى بىلەن خىزمەت ئىقتىدارىنى باغلاپ كۆنگەن ئاۋامغا

    قارىغاندا، قەھرىماننىڭ ئۆزىگىلا مۇناسىۋەتلىك پەزىلىتىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، خەلق تەغدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاساس قىلىدىغان ئاۋام تولىمۇ دانادۇر،ئۇلار قەھرىماننىڭ «مېغىزى»نى يەپ«شاكىلى»نى يىمەيدىغان كەڭ قوساقلاردۇر.

    بۇ ئىككى خەلقنىڭ ئۆز قەھرىمانلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى ئوخشىماسلىق ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى بەلگۈلىگەن. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ ئوخشاش زىمىندىكى، ئوخشاش دەۋىردىكى تەغدىرى، ئوخشاش بولمايدۇ . قەھرىماننىڭ پەزىلىتىدىكى ئۆزىگە ياقمايدىغان نۇقسانلارنى ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى بىلەن باغلىۋالىدىغان كىشىلەر مېغىز بىلەن شاكالنى ئارىلاشتۇرۇپ يەۋېلىپ «بۇ مىۋە بەتتامكەن»دەيدىغان نادانلاردۇر.


     «قۇم باسقان شەھەر»رومانىنىڭ 11- بابىدا شۇنداق تىراكومىدىيىلىك بىر ۋەقە بار مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ پادىشاھى يوقلىقىنى ھېس قىلغان بىر توپ خەلق، ئۆزلىرىگە پادىشا سايلاش ئۈچۈن سايلام قىلىدۇ. سايلامدا بىراۋ تۇردى سەرراپنى پادىشا بولسۇن دىگەندە يەنە بىرسى « ياق، ئۇ بولمايدۇ . ئۇنىڭ مەخپى خوتۇنلىرى بار » دەپ قارشى تۇرىدۇ. يەنە بىراۋ تاشئاخۇن تىۋىپنى كۆرسەتسە، پادىشا بولغۇسى بارلاردىن بىرسى ئوكتە قوپۇپ «بۇ تىۋىپ ئېرى يوق خوتۇنلارنىڭ كېسىلىنى بەكرەك كۆرۈدۇ»دەپ قارشى تۇرىدۇ. ئارىدىن سادىق تامچىنى كۆرسەتكەندە،ئۇنىڭ ھەقەمسايلىرىدىن بىرسى«ئۇ ئۆتكەن يىلى خوشنىسى بىلەن سوقۇشۇپ قېلىپ قولىدىكى كەكە بىلەن خوشنىسىنى چانىۋەتكىلى ئاز قالغان »دەپ پاش قىلىدۇ. توختى دوكار دەپ بىر سودىگەر كۆرسىتىلسە ئۇنىڭ بىر مەسچىتداشلىرى «بولمايدۇ، بىر قېتىم ئۇنىڭ ئىشتىنى مەسچىتتىلا سېرىلىپ كېتىپ رەسۋا بولغان» دەپ ئۇنىمايدۇ. . . . ئاپتور ئاخىرىدا بۇ شەھەرگە خۇدا ئاسماندىن پادىشا بولۇشقا پەرىشتىلەرنى چۈشۈرۈپ بېرەلمەيدۇدە،دەپ ئاچچىق كىنايە قىلىدۇ. مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان ئىنسانى مۇكەممەللىك ۋە خىزمەت بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتىنى يورۇتۇپ بېرىشتە دۇنيا ئەدەبىياتىدا بۇنىڭدەك ئوبرازلىق ئەسەر بولمىسا كېرەك. . . . .

    بىر ئادەمنىڭ شەخسى پەزىلىتىدىكى نۇقسانلارنى دېرىزە قىلىپ ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىگە نەزەر سېلىنغانلىقى سەۋەبلىك بۇنداق خۇيدىكى ئاۋام ئارىسىدا مەڭگۈ ئىتىپاقلىق بولمايدۇ،ئۇلارئارىسىدىن،ئاسانلىقچە،خەلق،داھىيسى،چىقمايدۇ،«ناماز بىلەن روزىدىن ئەۋزىلى-ئىتىپاقلىق»دەپ كۆرسەتكەن پەيغەمبىرىمىز ئىتىپاقسىزلىقنىڭ مەنبەسى بولغان نۇقسان ئىزدەش،ئەيىپىنى سۆزلەشنى «ئۇنىڭ گۆشىنى يىيىش بىلەن باراۋەر»دەپ لەنەت ئوقۇيدۇ. ،

    ئاۋامنىڭ،ئۆزدۇئالىرىداتوختىماي،تىلەۋاتقان،كانىيىنىڭ،بېرىچەتوۋلايدىغان،ئىتىپاقلىق،ماھىيەتتەباشلىنىش ئەمەس بەلكى مەلۇم جەرياننىڭ ئاخىرلىشىشىدىن كېلىدىغان نەتىجە، ئىتىپاقلىق نۇرغۇن بەدەللەر ھېساۋىغا قولغا كېلىدۇ، ئەشۇ ئىتىپاقلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ مەنپەئەتدارلىرى ھەر-بىرى ئايرىم –ئايرىم بەدەل تۆلىشى كېرەك،، بەزىدە ئاتا دۈشمىنىنىڭ قولىنى سىقىشقا،يەنە بەزىدە ئۆزى بىلەن پىكىر ئىختىلاپى،ياكى شەخسى زىدىيىتى بار ئادەم بىلەن ئورتاقلىشىشقا، قاچاندۇ بىر چاغلاردا ئۆزىگە ئەخلاقسىزلىق قىلغان ئادەم بىلەن چىرايلىق سالاملىشىشقا،بىر داستىخاندا مۇڭدىشىشقا مەجبۇر بولغاندىلا ۋە خالىغاندىلا ئاندىن ھېلىقى ھەممىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئىتىپاقلىق ۋە بىرلىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

    ئەگەربۇ خىل بەدەل تۆلەيدىغان دېمۇكىراتىك ئۇسۇل ئۈنۈم بەرمىسە،پەقەت ھوقوق مەركەزلەشكەن ھەمدە مۇرەسسەسىز دېكتاتورا يۇرگۈزۈلگەن تۈزۈم ئاستىدىلا،خۇددى ئۈزۈم دانىسىدەك چېچىلغان ئىختىلاپتىكى ئاۋامنى ئۈزۈم ساپىقىغا مەجبۇرى يىغىش مۈمكىن. ئىتىپاقلىق پەقەت يۈكسەك دېمكىراتىيە ياكى مۇرەسسەسىز دىكتاتورا ئاستىدىلا مەۋجۇت بولالايدۇ. مانا بۇلار مۈشكۈل مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن مەلۇم ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئاۋام تەرىپىدىن لەنەتلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئوز غايىسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان قەھرىماننىڭ يوشۇرۇن ئازابى.

    ئۇلۇغۋارغايە،ئازاپ بىلەن قوش-كېزەك بولىدۇ،بۇ ئازاپ ئۆزىنىڭ شېرىن تەمى، پەقەت ئۆز ساھىبىلا چۈشىنەلەيدىغان تاشلاپ كەتكۈسىز مېھرى بىلەن تارىختىن بۇيان ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەملەرگىلا نېسىپ بولىدۇ. بۇ ئازاپنى ھەممىلا ئادەم بىلىدۇيۇ لېكىن ئۇنىڭ شەكلەن قىياپىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ۋە خاتىرجەم ياشاشنى ئىزدەيدۇ. پەقەت مۇشۇ ئازاپقا جۆرە بولۇش ئۈچۈنلا تۇغۇلغان ئەزىمەتلەرلا ئۇنىڭ ئاشىغى بولۇپ،ھاياتىنى ئۇنىڭغا بېغىشلايدۇ.  بۇ شېرىن ئازاپنىڭ ساھىبى بولغان قەھرىمانلار،ئۆزىنىڭ شەرەپلىك تارىخى بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ شانلىق تارىخىنى يارىتىدۇ.


    بىزدە ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن رىئالنى شەخىسنى نورمال ئەخلاق قارىشىمىغا سىغدۇرۇشىمىز مۈمكىن ئەمەس. ئەمما يىراقتا قالغان ئوغۇزخاننىڭ مۇكەممەل ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى ئۈمىدىدە ئاتىسى باشلىق قېرىنداشلىرىنى قىرىپ تاشلىشى ئۇنىڭ كەسكىن پوزىتسىيىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ. دىمەك قانداقلا بولمىسۇن ئوغۇزخاننىڭ پوزىتسىيىسىنى چۈشۈنىشكە قادىر بولدۇق. ھ

    ئىسلام تارىخىدىكى قانخور نامى پۇر كەتكەن ھەججاج ئەينى ۋاقىتتائىسلام خەلىپىلىگى تەۋەسىدىكى ئۆكتىچىلەرگە نېسبەتەن بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭمۇ تېنى شۈركەندۈرگىدەك باستۇرۇشلارنى قوللانغان ئۇ ۋە ئۇنىڭ سەبداش سەركەردىلىرى ئەتراپتىكى ئەللەرگە ئېلىپ بارغان يۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە ئىسلام خەلىپىلىگى مىسلىسىز نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن،مۇسۇلمان تارىخچىلىرى ئۇنى ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ يىرگىنىشلىك، قانخور كىشىلەر قاتارىدا سانىسىمۇ بىراق ئۇنىڭ تۆھپىلىرىگە كۆز يۇمۇشقا ئامالسىزدۇر.

    تارىخچىلار مەدھىيلەپ كۆنۈپ قالغان ئەرەپ نەسلىدىن بولغان ئەخلاقلىق،شائىرانە،مۇلايىم. ،ئەمما قەھرىمانلىق بابىدا يارىماس پادىشالارنىڭ ياراتقان نەتىجلىرى ھەججاجنىڭ تۆھپىلىرى ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. ھەر قانداق تارىخچى ئەگەر ھاججاج كېيىنكى دەۋىرلەردىكى ئۆكتىچىلىك ئەۋج ئالغان سۇلتان ۋە خەلىپىلەر ئىچكى ئۇرۇش قاينىمىدا خەلقنى ھالسىرتىۋاتقان دەۋىرلەردە بولغان بولسا، يېقىنقى زامان ئىسلام تارىخىنىڭ ئۇنچىۋالا ئېچىنىشلىق يېزىلمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. . . دىمەك ھەجاجنىڭ دىكتاتورىسى، ئۆزىنىلا خۇدانىڭ دوستى ساناپ،قارشى تەرەپنى ئاللانىڭ دۈشمىنى ساناشقا خۇشتار تەپرىقپەرەس خەلقنى مەجبۇرى تىنىچلاندۇرۇپ،ئىسلامىيەتنىڭ كېيىنكى گۈللىنىش دەۋرىگە ئاساس سالغان.

     

    چىنشىخۇاڭ مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدىيىنى بىر نۇقتىغا مەجبۇرلاش ئۈچۈن، كىتاپ-نامىلەرنى كۆيدۈرگەن . كوڭزىچى ئۆلىمالارنى تىرىك كۆمگەن. ھەر قايسى بۆلۈنمە بەگلىكلەرگە قارىتا قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. مۇشۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش بەدىلىگە تۇنجى قېتىم تېروتېرىيىسى ھەممىدىن چوڭ چىن سۇلالىسى دۆلىتى قۇرۇلغان.

    ناۋادا ھەر قايسى بەگلىكلەر پەقەت ئۆزىنىلا قانۇنلۇق پادىشا، تەڭرىنىڭ ۋەكىلى ساناپ ئولتارسا، چىنشىخۇاڭسىز بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش مۈمكىنمۇ . ئۇمۇ بۈگۈنكى كۈندە جوڭگودىكى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئالدى بولالامتى؟!

     

    جاللات ستالىننىڭ باشقا ئەل خەلىقلىرىگە سالغان كۈلپەت قىرغىنچىلىقلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقلىرى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولغان ئوروس مەنپەئەتى ئۇنى روسلارنىڭ قەھرىمانىغا ئايلاندۇرغان. ھوقۇق مەركەزلەشكەن پارتىيە، شەخىس نوپۇزىنىڭ قۇدرىتى، تەلۋىلەرچە سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى. . قاتارلىقلار بۇ جاللاتنى ئوروس تارىخىدىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغان شەخس قىلىپ قويدى. دىمەك ئوروسلار ئۈچۈن لېنىنىزىمنىڭ ئىجادكارى بولغان لېنىنغا قارىغاندا بۇ مۇستەبىتنىڭ ئورنى يەنىلا يۇقۇرى . چۈنكى ئىلگىركى تەسىرىدىن كۈنسېرى ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ئوروسلار ئۈچۈن ئىدىلوگىيەنىڭ قىممىتىدىن شەخىسنىڭ قۇدرىتى چوڭ كۆرۈنىدۇ. ماركىسىزىم ۋە لېنىنىزىمغا قارىغاندا ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە ستالىنىزىم ئوروس مەنپەئەتىگە تېخىمۇ يېقىندۇر. شۇڭا روسىيىدىكى ئاخىرقى داھىنىڭ ھەيكىلى ستالىننىڭ بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر.

    دىمەك خەلقنى ئورتاقلىققا ئىگە قىلىدىغان ھەرقانداق ھەركەت ئېۋەندىن خالى ئەمەس. بۇ ئەيىپنىڭ خاتالىق بولۇش بولماسلىقى، ئۇنىڭغا باھا بېرىشكە خۇشتار ئاۋام كۆڭلىنىڭ كەڭ-تارلىقى،ۋە پىداكارلىقىنىڭ دەرىجىسىگە باغلىق. ئۆزىنىڭ جانى-جان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق تاللاشتىمۇ پىداكارلىق قىلمايدىغان ئاۋامدىن ئۆتە بىچارە خەلق بولمىسا كېرەك. پىداكارلىقى بولمىغان ئاۋامغا ئەركىن تاللاش پۇرسىتى بېرىلگەندىمۇ كۆپ سانلىقلار ئۇتۇپ چىقسا، يېڭىلگەن ئاز سانلىق ئۆكتىچىلەر يەنىلا بۇ ئادىل مۇسابىقىدە چىدىماسلىق قىلىدۇ. ۋە بۇزغۇنچىلىققا تەييارلىنىدۇ.

    بۇ ھازىر ئۆزىنىلا ئەۋلىيا سانايدىغان شەرق خەلىقلىرىنىڭ ئاجىز پىسخىكىسى بولۇپ قالدى.


    دۇنيا خەلىقلىرىنى جەلىپ قىلىدىغان ئامرىكا ئەل باشى سايلىمىدا ئەل باشى مۇقۇملاشقاندىن كېيىن يېڭىلگەن پارتىيە ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئۆكتە پىكىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قارشى تەرەپتىن بولغان رەھبەرگە مۇتلەق بوي سۇنىدۇ،مانا بۇنى ئىتىپاقلىق ئۈچۈن قىلىنغان پىداكارلىق ۋە تۆلىگەن بەدەل دەيمىز. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن بىزلەر ئەيىپلەۋاتقان باستۇرۇش ۋە دىكتاتورا ئۇلارغىمۇ تەييار.

    پىداكارلىقى بولمىغان ئاۋامدا سىياسى ئاڭمۇ بولمايدۇ. ئۇلاردا پەقەت تار دۇنيا قاراشتا شەكىللەندۈرگەن ئاددى ئادىمىلىك كۆز قارىشىلا بولىدۇ. ئۇلار قەھرىمانغا باھا بەرگەندە دۇنيا قارىشىدا شەكىللەندۈرگەن ۋۈجۈدىدىكى شەخسىيەتچىلىك بىلەن رامكىلانغان كىچىككىنە دېرىزىسىدىن قاراپ باھا بېرىدۇ، ۋە باھاسىغا مەپتۇن بولۇپ كېتىۋاتقان كارۋانغا قاۋاۋاتقان ئىتتەك قالىۋېرىدۇ.

    قەھرىماننىڭ مىجەزىدىكى غەيرىلىكنى ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى باھالاش شەرتى قىلىۋېلىش دەۋىرنى ئۆز قەھرىمانلىرىدىن ئايرىپ تاشلايدۇ. ۋە مەزكۈر خەلىقنى داھىسىز ياشاش بىلەن جازالايدۇ. مانا بۇ قەھرىمانلىق چوققىسىغا ئىنتىلىۋاتقان، ئىرادىسىنى ئەتراپتىكى رىئاللىقى كۆيدۇرۇۋاتقان نۇرغۇن بولغۇسى قەھرىمانلارنىڭ كۆيگەن ئارزۇسىنىڭ ئاچچىق تۈتىنى.

    بۇ خىلدىكى ئاۋام ئۈچۈن ئۆلگەن ئۆلۈك ۋە سۈت ئېمىۋاتقان بوۋاقلا ھەسەت قوزغىمايدۇ. شۇڭا بۇ خەلىقنىڭ تىرىك قەھرىمانى بولمايدۇ،ئەۋلىيالىرى بولسا ئۆلگەن بولۇپ،ئۇلار كوڭلىنى شات ئېتىش ئۈچۈن بەزىلىرى "ھايات غوجام" دەپ تەرىپلىۋالىدۇ.

     دىمەك مۇكەممەللىك پەقەت ئاللاغىلا خاس.

    بىراۋنى ئالىجاناپلارچە ئەيىپلەۋاتقان يەنە بىر ئادەم ئالى جاناپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا نامەرت كېلىدۇ. بىر جەمىيەتنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئىنساننىڭ تۆھپىلىرىدىن قىل ئىزدەۋاتقان يەنە بىر بىچارە، ھېچكىم بىلەن زىدىيەتلىشىپ بېقىش سورۇنىغا ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ چوقۇمكى قولىدىن ئائىلىۋى ئىشلارلا كېلىدىغان پىتنىخوردۇر. نۇرغۇن ئاۋام باشقىلارنى ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن ئەيىپلەشكە خۇشتار كېلىدۇ. ئەمما ئۆزلىرى ئەيىپلەۋاتقان ئادەم ئۇچرىغان رىئاللىققا ئۇچرىسا ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە نومۇسسىزلىق قىلىدۇ.

     


    خالىد ئىبنى ۋەلىد بىلەن ئەمىر ئىبنى ئاسنىڭ كېلىپ چىقىشى بىر لۈكچەكلەردىن بولسىمۇ، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ۋە خەلىپە ئۆمەر دەۋرىدە ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ باشلىقى قىلىپ ئىشلىتىلگەن، خەلىپە ئۆمەر كېيىنچە ئەمىر ئىبنى ئاسنىڭ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكىدەك تەقۋادار ئەمەسلىگىنى، ھىلىگەرلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، بىر تەرپلىمە كۆز قاراشلارنى قايرىپ قويۇپ ئۇنى دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قورقماي ئىشلەتكەن، ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇنەۋۋەر قوماندانى بولۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.

    خەلىپە ئۆمەرنىڭ بۇنداق مەرتلەرچە ئومومنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تۇتقان پوزىتسىيىسى كېيىنكى خەلىپىلەر دەۋرىدە قوللىنىلغان بولسا(ھەتتا بۈگۈنمۇ ھەچقايسى مۇسۇلمان رەھبىرى بۇنچىلىك مەرتلىك قىلالمايۋاتىدۇ)چوقۇمكى ئىسلامىيەتنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىچكى ئۇرۇشلىرى يۈز بەرمىگەن بولاتتى.


    دىمەك بارلىق ئىنسانىيەتكە خۇلق قاتارىدا ئوموم بولغان قىرسىز ۋە شەكىلسىز ئەخلاق پەقەت ئائىلە ۋە جەمىيەت مۇھىتىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. ئەخلاق جەمىيەتنى ئىدارە قىلىشتا پەقەتلا قانۇنغا ياردەملىشىدۇ. ئەخلاق ئەسلىدىنلا مۇكەممەل بولمىغاچقا مۇكەممەل ئادەممۇ بولمايدۇ. ئەخلاق جەھەتتە مۇتلەق تاكامۇللاشقان ئادەم بولمايدۇ. ئەمما ياراتقان نەتىجىلىرى بىلەن مۇتلەق قەھرىمان بولىدۇ.

     

    15-ئەسىردە ئىستىلاچى مۇھەممەت 11 نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان رىۋايەت-چۆچەكلەردە نامى زىكرى قىلىنىپ تۇرغان خىرىستىئان دىنىنىڭ قورغىنى كونىستانتىنپولنى ئىشغال ئىشغال قىلدى .

    بۇ ۋەقە ئىسلام تارىخىدىلا ئەمەس ياۋروپا تارىخىدىمۇ دەۋر بۆلگۈنچ ۋەقە ھېساپلىنىدۇ. ئىسلام تارىخىدىكى بۇ چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن غازى مۇھەممەت ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش تۇتۇپ تۇرۇشتا ئاۋامنىڭ يۈرەكلىرى سالغۇدەك رەھىمسىز ئۇسۇللارنى قوللانغان ئىدى. بىراق ئۇنىڭ بۇ يېتەرسىزلىكلىرى ئۇنى تۈرك ۋە ئىسلام تارىخىدىكى ئۇلۇغ سەركەردە،قەھرىمان ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچى بولۇپ تونىلىشىغا تەسىر قىلالمىدى。

    ئارىفلىق ۋە مۇكەممەل ئەخلاق ئاۋامنىڭ قۇراشتۇرۇپ چىققان ئالى ئادىمىلىك غايىسىدۇر. تەسەۋۋۇپنىڭ يۈكسەك پەللىسى بولغان ئارىفلىق ماھىيەتتە جەمىيەتتىن ۋە بارلىق مەسئۇلىيەت مەجبۇرىيەتلەردىن ۋاز كېچىپ ئىنسانىيەت بېرىش-كېلىش،توقۇنۇش زىدىيەتلىرىدىن قېچىپ پىنھانە ياشىغاندىلا ۋە ياكى يەسەۋىدەك تىرىك تۇرۇپ گۆرگە كىرىۋالغاندىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان غايىبانە پەللە.

    ئارىفلىق مۇقامىغا يەتكەن كىشىنى غاژىلداپ تۇرغان بازاردا سودا قىلغۇزغاندا ۋە ياكى تۇرمۇشنىڭ قۇيۇنلىرىدا ياشاشقا مەجبۇرلىغاندىلا ئۇنىڭ ئارىفلىق لىباسىنى سالدۇرۋالغىلى بولىدۇ. شۇندىلا ئۇمۇ بىزدەك ئاددى ئادەمگە ئايلىنىدۇ.

    1710-يىلى چار پادىشا پېتىر ئۆزىنىڭ ئاساسلىق قوشۇنى بىلەن ئوسمانىي تۈرۈكلىرىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەمدىلا دۇنيا سەھنىسىدە باش كۆتۈرىۋاتقان ئوروسلارنىڭ تەغدىرى قايتا يوقۇلۇش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ. مۇشۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتتا خانىش يېكاتىرانا(كېيىنكى ئايال چار پادىشا يېكاتېرانا) تۈرك سەركەردىسىگە مەخپى ئۇچۇر يوللاپ،ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز كۆرۈشۈش ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ. ۋە ئىشقىۋاز ھەسەنبېكنىڭ يالغۇز قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. يېكاتىرانانىڭ ئاجايىپ نازۇ-كەرەشمىلىرىدىن تولۇق رازى بولۇپ كەتكەن بۇ خائىن قورشاۋدىن ئازراق يوچۇق ئېچىپ بېرىدۇ. ۋە بۇ جىنايىتىگە كېيىن تۈرك سۇلتانى تەرىپىدىن دارغا ئېسىلىدۇ.

    شۇنداق قىلىپ بىز بىلىدىغان كېيىنكى دەۋىرلەردىكى چار روسسىيە ئىمپىريىسىنىڭ يوقۇلۇش تەغدىرى ئۆزگۈرۈپ قالىدۇ. يېكاتىرانانىڭ بۇ ئەخلاقسىزلىقى ئۇنىڭ ئوروس تارىخىدىكى ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزمەيدۇ. بەلكى ئۇنتۇپ كېتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوروسلار ئۈچۈن ياراتقان ئىلگىركى ۋە كېيىنكى بارلىق تۆھپىلىرى مەدھىيلىنىدۇ.

     

    پۇرۇلتارىيەتنىڭ ئۇستازى ماركىسنىڭ ئاشنىسى لېسكىن بىلەن بولغان سەتچىلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ دوستى ئېنگىلىس تۇغۇلغان بالىنى ئۆزى بالا قىلىۋالىدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن ماركىسنىڭ بۇ مەخپى ئەخلاقسىزلىقى باستۇرۋېتىلىدۇ. ئۇ ماركىسىزىمچىلارنىڭ داھىسى بولۇش شەرىپىدىنمۇ مەھرۇم بولمايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ پەلسەپە ساھەسىگە يېڭى بىر ئۇقۇم قوشۇلىدۇ. ماركىسىزىم دۇنياغا كېلىدۇ.

    تارىخىي قەھرىمانلارغا نېسبەتەن ئەڭ ئادىل باھا ئۇلارنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ۋە ئومومى خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىدۇر. ھەرگىزمۇ پىداكارلىغى بولمىغان ئاۋامنىڭ ئائىلىۋى غەملەر بىلەن ئۇپراپ كەتكەن كاللىسى بىلەن چىقىرىلغان ھۆكمى ئۇلارغا بېرىلگەن باھا بولالمايدۇ. چۈنكى تۇرمۇش غەملىرىنى يەپ بولالمايۋاتقان ئاۋام قەھرىماننىڭ ئازابىنى قانداقمۇ چۈشىنەلەيدۇ. . ! 

    «سۇ بويىدا» رومانىدىكى شىپالىق يامغۇر سوڭجىياڭ 108 قاپيۈرەك ئەزىمەتكە باش بولۇپ لىياڭشەن تۇراسىدىن چىقىپ تاكى فاڭلانى يوقاتقانغا قەدەر نۇرغۇن غەلبىلىك كۈرەشلەرنى قىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تەبىئىتىدىكى ئەسلىدىنلا ئوردا تالىپچاقلىرىغا خاس بولغان، جوڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئوردىغا سادىق بولۇش دىگەن ئۇقۇمىنىڭ ئاسارىتىدىن چىقالماي، ئۆزىنىڭ ھايات-ماماتتىكى بۇرادەرلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆز ئارزۇسىغا يېتىدۇ.  ماۋزېدوڭمۇ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئوتتۇرا قاتلام زىيالىيلىرىدىكى ھالقىلىق ۋاقىتتىكى تەسلىمچىلىك دەپ باھا بەرگەن ئىدى. سوڭجىياڭنىڭ ئەدەپلىك مۇلايىم ئاقكۆڭۈل خاراكتىرى بىلەن قىلغان تەسلىمچىلىكىگە قاراپ، بىز تەبىئى ھالدىلا ساۋاتسىز قارا قۇيۇن لىكۈي بولغان بولسا ئۇنداق بولمايتتى دەپ ئويلاپ قالىمىز.

    ھەقىقى قەھرىمان بىلىم ۋە ئەدەپكە قارىغاندا ئۇلۇغۋار غايىگە مايىل كېلىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ غايىسىلا ئۇنى يول باشچى بولۇش قىممىتىگە ئىگە قىلىدۇ. يول باشچىنىڭ تۈپكى بىردىن-بىر ئالاھىدىلىگى غايىگە ئىگە بولۇش. مۇستەقىل ئۇلۇغۋار غايىلا ئۇنى كۈرەش داۋامىدا ئېزىپ كېتىشتىن ساقلىيالايدۇ. ئورنىنى تاپالمىغان ئادەم ئاسانلا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ. ئاۋامغا باشچى بولۇش،دۆلەت باشقۇرۇش ھەممىلا ئادەم قىلالايدىغان كەسپ ئەمەس.


    ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى داڭلىق ئاستۇرونۇم ئۇلۇغبەگ تىراگىدىيىسىنى ئويلىنىپ كۆرۈش تامامەن مۈمكىن. ئەسلىدىنلا ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈنلا تۇغۇلغان بۇ ئالىم، تەخت ۋارىسى بولۇپ قالىدۇ. ئىلىم ۋە تەتقىقاتقا چىن كۆڭلىدىن ھەۋەس-ئىجتىھات قىلىدىغان قەلبى دۆلەت ئىشلىرىدىكى قاتتىق-يۇمشاقلىق،ئەپۇ-زالىملىقنى ماسلاشتۇرۇپ بارالمايدۇ. ئاسماندىكى 1018 يۇلتۇزنىڭ ئورۇن-تەرتىۋىنى پۇختا بىلگەن بىلەن، ئۆزى باشقۇرۋاتقان ھاكىمىيەتنى، ئەركە ئوغۇللىرىنىڭ دۆلەت قانۇنىنى بۇزۇشى سەۋەبىدىن پىتنىچىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىكى سەۋەپ-نەتىجىلەرنى بىلەلمەيدۇ.

    ئۆزگۈرۈشچان ئادەم تەبىئىتىگە تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا تۇتقان مۇئامىلىنى ئىشلىتىدۇ . ئەمىر تېمۈر بولسا نەۋرىسى ئۇلۇغبېگكە قارىغاندا ئىلىم بابىدا تولىمۇ يېتەرسىز بولغان بىلەن، ئۇ مۇتلەق ھۆكۈمران بولۇشقا لايىق ئادەم. ئۇ تۈزگەن قانۇنغا ھەتتا ئۆز پەرزەنتلىرىنىمۇ خىلاپلىق قىلىشقا پېتىنالمايتتى. شۇڭلاشقا بىلىمسىز بولسىمۇ، غايە ۋە ئادالەتنى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان بۇ قەھرىمان دۆلەتنى ئەمىن قىلالىغان.


    نىمىشقا ئېينىشتىيىن، ئايتماتوفلار دۆلەت باشلىقى بولۇش تەكلىۋىنى رەت قىلغان ؟ سەۋەپ دۆلەت ئاتىسى بولۇشقا ئىلىمگە قارىغاندا جاسارەت ۋە پەم-پاراسەت كۆپرەك كېتىدۇ. ئىلىم بولسا ئىزچىل يۈمشاق ھەقىقەت،سىياسەت بولسا بەزىدە تاشتىن قاتتىق يەنە بەزىدە بولسا پاختىدىن يۇمشاق. . . . . . . . .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.