مەن قانداق قىلىپ نوچى بولدۇم(مارتىيانوۋ)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-24 21:57:00

مەن قانداق قىلىپ نوچى بولدۇم مارتىيانوۋ (سوۋېت ئىتتىپاقى) غوپۇر قادىر تەرجىمىسى كەچ سائەت ئون بىردىن ئاشقان ۋاقىت ئىدى. خالتا كوچىدا بىرمۇ ئادەم يوق، پەقەت زۇلمەت قاراڭغۇلۇقلا ھۆكۈم سۈرەتتى. ي...

    مەن قانداق قىلىپ نوچى بولدۇم

     مارتىيانوۋ (سوۋېت ئىتتىپاقى) غوپۇر قادىر تەرجىمىسى

     كەچ سائەت ئون بىردىن ئاشقان ۋاقىت ئىدى. خالتا كوچىدا بىرمۇ ئادەم يوق، پەقەت زۇلمەت قاراڭغۇلۇقلا ھۆكۈم سۈرەتتى. يىراقتىن ئۈچ ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈندى. ـ لۈكچەكلەر بولسا كېرەك، بىز كوچىنىڭ ئاۋۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتەيلى، ـ رىنا شۇنداق دەپ شىۋىرلىغاندىن كېيىن، ماڭا تېخىمۇ يېپىشتى. ـ ھېچگەپ يوق، قورقماڭ، سىز يامغۇر ئەمەس! دېدىم مەن جاۋابەن. بىز ئۇ ئۈچ ئادەمنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇلاردىن بىرى رىناغا سوقۇلۇپ ئۆتۈپ كەتتى. مەن دەررۇلا توختىدىم ـ دە، ئۇنىڭغا ۋاقىرىدىم: ـ ھۇ خۇمپەر، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىماي باقە، قېنى! ھېلىقى ئادەم ھودۇقۇپ كەتتى، ئەمما، بىردىنلا كەينىگە بۇرۇلۇپ ھەمرالىرىغا ئېغىز ئاچتى: ـ ئاغىنىلەر، ماۋۇ گەدەنكەش بىزنى ئەپۇ سوراڭلار دەۋاتىدىغۇ! شۇ گەپتىن كېيىن ئۈچ يىگىت قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى. ـ ماقۇلە، مەن ھازىرلا ئەپۇ سوراي! ـ بىر يىگىت شۇ گەپ بىلەن تەڭ ماڭا ھۈرپىيىپ كېلىشكە باشلىدى. رىنا ئۇلارنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ چىقىراپ كەتتى. ھېلىقى يىگىت ماڭا قارىتىپ بىر مۇشت ئاتتى، مەن ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىپ، ئۇنىڭ زاڭىقىغا كەلتۈرۈپ بىرنى سالدىم. ئۇ تىك موللاق چۈشتى. قالغان ئىككىسىنىڭ بىرى ئېتىلىپ كېلىپ، ئۆز ھەمراسىنى قۇتۇلدۇرماقچى بولدى. ئۇنىمۇ تىك چۈشۈردۈم. ئۈچىنچى ئادەمنىڭ قولىدا قانداقتۇ بىر نەرسە يالت پارقىراپ كەتتى. ـ پىچاق! ـ دەپ چىقىرىۋەتتى رىنا ۋە قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋالدى. مەن لۈكچەكنىڭ قولىدىكى فىنلاندىيە پىچىقىنى بوكسۇرچىلاردەك چەبدەسلىك بىلەن ئۇرۇپ چۈشۈردۈم ھەمدە ئىڭىكىگە بىر مۇشت قويۇپلا ئۇنى ئورنىدىن قوپالماس قىلىپ قويدۇم. ـ قانداق، ساقچى چاقىرايمۇ ياكى دوختۇر ماشىنىسى؟ ـ دېدىم مەن مەغلۇپ بولغان رەقىپلىرىمگە قاراپ. ئۇ ئۈچىسى مۇشت زەربىسىدىن ئىڭراپ ياتاتتى. ـ بوپتۇ، بۇ قېتىم سىلەرنى ئاياپ قوياي، يوقىلىڭلار، ئەمما بۇندىن كېيىن ھۇشۇڭلار بىلەن يۈرۈڭلار! ـ دېدىم مەن كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەمدە رىنانى يېڭىۋاشتىن قولتۇقلاپ يولۇمغا ماڭدىم. ـ ۋادىك، سىز ھەقىقەتەنمۇ نوچىكەنسىز! ـ دېدى ئۇ، ـ قارىسا ۋىجىك ۋە ئاجىز كۆرۈنىسىز... سىزگە نەدىنمۇ كەلگەن كۈچتۇ بۇ؟ ـ بۇ ... كۈندە ئەتىگەندە بەدىنىمنى چېنىقتۇرۇپ تۇرغانلىقىمنىڭ نەتىجىسى... رىنا مېنى يول بويى ماختاپ ماڭدى، تېخى ئايرىلىدىغان چاغدا مۇلايىملىق بىلەن بىرنى سۆيۈپمۇ قويدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن كوچا دوخمۇشىغا قاراپ ماڭدىم، ئۇ يەردە مېنى كۈتۈۋاتقانلار بار ئىدى. ـ ھە، مايمۇن، پۇلۇڭنى چىقار! مەن ئالدىنئالا دېيىشىپ قويغان ئون رۇبلىنى چىقاردىم، ئۇلار نارازى بولۇپ كوتۇلدىغىلى تۇردى: ـ ياق، يەنە بىر بوتۇلكا ھاراق قوش! ـ دېيىشكىنىمىز مۇشۇغۇ... ـ ئەسلى سەن قاتتىق ئۇرمايمەن دېگەنتىڭ، ئەمما زاڭىقىمغا بەك ئۇرۇۋەتتىڭ، كىم بىلىدۇ، ئەتە ئىسپىراپكا ئالىمەنمۇ تېخى. مەن ئۇنىڭ بىلەن سودىلىشىپ ئولتۇرمىدىم. دېمىسىمۇ قولۇم ئۇنىڭغا بەكرەك تېگىپ كەتكەنىدى...

     («سوۋېت ئەدەبىيات ـ سەنئىتى» ژورنىلىنىڭ 1982 ـ يىل 5 ـ سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق