پۇل تېپىشنى ئۆگنىۋېلىڭ

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-12 23:21:00

پۇل تېپىشنى ئۆگنىۋېلىڭپۇل خەجلەشتە بەتخەجلىك قىلمىساممۇ، ھەر ئاي ئاخىرىدا پۇلدىن قىسىلىپ قېلىۋاتىمەن؛ پۇل ئىقتىساد قىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ، پەقەت...

    پۇل تېپىشنى ئۆگنىۋېلىڭ
     پۇل خەجلەشتە بەتخەجلىك قىلمىساممۇ، ھەر ئاي ئاخىرىدا پۇلدىن قىسىلىپ قېلىۋاتىمەن؛ پۇل ئىقتىساد قىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ، پەقەت مائاشىملا ئۆسىمىدى... ئەگەر سىزمۇ مۇشۇنداق تەسىراتتا بولسىڭىز، ئۇنداقتا مالىيە باشقۇرۇشنىڭ يېڭى ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىپ قويۇڭ:
     بىرىنچى دەرس:100 يۈەننى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟ ھەركۈنى بىر ئىستاكىنى 50 يۈەنلىك قەھۋە ئىچىشنى توختاتسىڭىز ياكى تاكسىغا بىر قېتىم كەم ئولتۇرسىڭىز، 30 يىلدىن كېيىن نەچچە مىليۇن يۈەنلىك بولۇپ قالىسىز. شۇنداق ئىكەن، سىز يەنە 100 يۈەننى تۆۋەن چاغلاش خىيالىدا بولامسىز؟
     ئىككىنچى دەرس: بىر يۈەن ئۈچ يۈەنگە تەڭ. بىر يۈەننى ئۈچ يۈەندەك خەجلەڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىز، «بايلىق » ڭىزنى ھەقىقىي ئورۇنغا ئىشلەتكەن بولىسز. پۇلنى باشقۇرۇش ئەكسىچە ئەركىنلىكىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.
     ئۈچىنچى دەرس:  بانكا ئامانىتى كەلگۈسىدىكى بايلىقىڭىز. كىرىمىڭىزنى بىر نەچچە بۆلەككە ئايرىپ، ھەرئايدا « كەلگۈسى فوند »قا قويۇپ قويۇڭ، ئاندىن باشقا كىرىملەرنى تەقسىملەڭ. ئاشقان قىسمىنى يەنە « كەلگۈسى فوند» كارتىسىغا ئامانەت قويۇپ قويۇڭ. ئەگەر سىز دائىم خالىغانچە چىقىم قىلۋېرىدىغان بولسىڭىز، كەلگۈسىدە ئىشلىتىدىغان پۇلىڭىزنىمۇ بىلىپ - بىلىمەيلا خەجلەپ تۈگىتىسىز.
     تۆتىنچى دەرس:  « ئېلىشنى ئويلىغان بىلەن ئېلىش زۆرۈر بولغانلىرى » نى پەرقلەندۈرۈڭ. پاي چېكى ئىلاھى بۇففېت ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پۇلى تۇرۇقلۇق قىممەت باھالىق كاستوم ‏- بۇرۇلكا ئېلىشنى خالىمايتتى. ئېلىشنى ئويلىغان بىلەن ئېلىش زۆرۈر بولغانلىرىنى ئېنىق ئايرىپ، تۈرلۈك ئارزۇلارنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تەرتىپلىك پۇل خەجلەش كېرەك، بۇ پۇلدارلار بىلەن نامراتلارنىڭ مۇھىم پەرقلىرىنىڭ بىرى.
     بەشىنچى دەرس:  پۇل باشقۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. ئارزۇنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويغاندىن كېيىن تەننەرخ بىلەن پايدىنى ھېسابلاپ چىقىڭ، ئاندىن مۇشۇنىڭغا ئاساسەن تەدبىر بەلگىلەڭ. بۇنى بىر - ئىككى قېتىم قىلىش تەس ئەمەس، ھەقىقىي قىيىن بولغىنى ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش. ئېسڭىزدە بولسۇن، پۇل باشقۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش قولىڭىزدا بار بولغان پۇلدىنمۇ مۇھىم.

     

    تەرمىلەر ژورنىلىدىن

     كۆزىدىن ياش ئاققۇزمايدىغان ئاقىلدىن، چىرايغا كۈلكە يۈگۈرمەيدىغان پەيلاسوپتىن، كىچىك بالىلارغا ئېگىلمەي تۇرۇپ گەپ قىلىدىغان ئۇلۇغ زاتتىن يىراق تۇرۇڭ.
     مېكياننىڭ بىر ئىشى تولىمۇ ئاقىلانە ئۇ تۇغۇم تۇغۇپ بولغاندىن كېيى قاقىلدايدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق