50يىلدىن بۇيان دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-26 16:40:00

Forbes جورنىلى مۇشۇ ھەپتە ئەڭ يېڭى باھالاش ئوبزورى ئېلان قىلىپ -1950يىلدىن بۇيان دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن 10 ئادەمنى باھالاپ چىقتى. گەرچە ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى كىسىنگېر ۋە جوڭگۇ زۇڭل...

        Forbes جورنىلى مۇشۇ ھەپتە ئەڭ يېڭى باھالاش ئوبزورى ئېلان قىلىپ  -1950يىلدىن بۇيان دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن 10 ئادەمنى باھالاپ چىقتى. گەرچە ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى كىسىنگېر ۋە جوڭگۇ زۇڭلىسى جۇئېنلەينىڭ جۇڭگۇ ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغانلىقى زور تۆھپە سانالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار ھەققىدىكى باھالش تەكلىپى بۇ باھالاش تىزىملىكىگەكىرەلمىدى. ئىنتېرنېتنى كەشىپ قىلغان ئەنگىلىيە فىزىكا ئالىمى Tim Berners-Lee بىرىنچى بولۇپ تىزىلدى.
    1950يىلدىن بۇيان دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن 10 ئادەمنىڭ قالدى رەت تەرتىۋى تۆۋەندىكىچە:
        2.DNA رەت تەرتىۋىنى بايقىغان ئامېرىكا ئالىمى، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسى فرانسىس كىرىنگىي، Francis Kringe،فرانكىلىن Franklin   ۋە جامىس ۋاتسون  James Watson.
        3.ئەركىن بازار تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسى مىلتون فىرىدمان Milton Friedman.
        4. سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ئارقىلىق دۇنيادىكى يېڭى ئىقتىسادى تەرتىپنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان مىخائىل گورباچېۋ Mikhail Sergeyevich Gorbachev.
        5. 1958-يىلى مىكرو ئۆزەكنى كەشىپ قىلىپ كېيىنكى ئېلىكتىرون سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان نو بىل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسى جېك كىلبى Jack Kilby ۋە روبېرت رويىسRoyce Robert.
        6. يادرو تەۋرىنىش ئارقىلىق كەسمە يۈزدە سايە چۈشۈرۈشنى(核磁共振成像) بايقىغان ئامېرىكىلىق  پائۇل لېتېربور Paul Lauterbur ۋە ئەنگىلىيىلىك پېتېر مانسىفېلد Peter Mansfield
        7. «پىلانتلار ئۇرۇشى» ناملىق فنتازىيىلىك فىلىمى ئارقىلىق ئالاھىدە كۆرۈنۈشلۈك كىنولارغا ئۇقۇم تاراتقان، كىنوچىلىق ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ يېڭى مۇقەددىمىسى ئاچقان ئامېرىكىلىق جورجى لۇكاس George Lucas.
        8. توپ قاچىلاش ساندۇقىنى ئىجاد قىلىپ دۇنيا ئىمپورت ئىكىسپورت ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن مالكولىم مىكنان Miknen Malcolm .
        9. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىس دورىسىنى كەشپ قىلىپ دۇنيادا كەم بولغاندىمۇ 3يۈز مىليۇن ئادەمنىڭ ئاز تۇغۇلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئامېرىكا ئالىمى گىگورى پنكۇس GregoryPincus،  M.C. Chang ۋە جون لوكJohn Locke.
        10. سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ سۈنئى ھەمرا تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئوكرائىنالىق سېرگىي  كرويانوف يېتەكچىلىك قىلىپ 1957-يىلى راكىتا ئارقىلىق قويۇپ بېرىلگەن سۈنئى ھەمرا دۇنيانىڭ كېيىنكى ئۆلچەپ سىزىش ۋە ئالاقە ئىشلىرىدا مۆلچەرلىگۈسىز رول ئويناپ ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق