خاۋكىڭ ھەققىدە ھېكايە

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-29 23:48:00

خاۋكىڭ ھەققىدە ھېكايە خاۋكىڭ ھەققىدە ھېكايە خاۋكىڭ ئەنگلىيە كامېرىچ ئۇنىۋېرىسىتېتى ئەمەلىي ماتىماتىكا ۋە نەزەرىيىۋى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پروفېسسورى. بۇ، ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى نىيوتون ھ...

    خاۋكىڭ ھەققىدە ھېكايە

       خاۋكىڭ ھەققىدە ھېكايە خاۋكىڭ ئەنگلىيە كامېرىچ ئۇنىۋېرىسىتېتى ئەمەلىي ماتىماتىكا ۋە نەزەرىيىۋى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پروفېسسورى. بۇ، ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى نىيوتون ھايات ۋاقتىدا بەھرىمەن بولغان پەۋقۇلئادە شان ـ شەرەپ ئىدى. بەزىلەر خاۋكىڭنى ئېينىشتېيىندىن كېيىنكى ئەڭ مەشھۇر ئالىم، دېيىشىدۇ. ئۇنىڭ «ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا تارقىتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسىرى «مېۋە پوستى ئىچىدىكى كائىنات» 2002 ـ يىلى دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابلىرى مۇكاپاتى ـ ئاۋېنتىس پەننىي كىتابلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەر ئۇنىڭ ھەركەت ۋە تىلدىن قالغان مېيىپ ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇ 21 يېشىدا مۇسكۇل يىگىلەيدىغان يۇلۇن خوردىسى قاتتىقلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ھەرىكەت ئىقتىدارى ۋە تىل ئىقتىدارىدىن قالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كومپيۇتېرلىق تاۋۇش بىرىكتۈرگۈچ ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلايدىغان بىردىنبىر قورالغا ئايلانغان. ئۇ ھەرىكەتلىنىدىغان ئۈچ بارمىقىنى ئىشلىتىپ، ئالاھىدە ياسالغان مائۇس ئارقىلىق كوپيۇتېر ئېكرانىدا ھەرپ ۋە سۆزلەرنى تاللاپ، ئۆزى دېمەكچى بولغان سۆزلەرنى بېسىپ، ئاندىن ئۇنى كوپيۇتېردا ئاۋازلىق قىلىپ قويغان ئادەتتە، ئۇنىڭ بىرەر جۈملە سۆزنى بېسىشىغا 5 ـ 6 مىنۇت ۋاقىت كەتكەچكە، ئۇنئالغۇ ئارقىلىق بىر سائەت نوتۇق سۆزلەشكە 10 كۈنچە تەييارلىق كۆرگەن. خاۋكىڭ كېسەل ئالدىدا ئۈمىدۋار ۋە يۇمۇرلۇق ھالىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلىغان. ئۇ: مېيىپلىق ماڭا كۆپ توسالغۇ بولمايلا قالماستىن، ئەكىسچە ساپ نەزەرىيىۋى مەسىلىلەر ئۈستىدە جىمجىت پىكىر يۈرگۈزۈشۈمگە ياردەم بولدى، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى جىمجىت پىكىر يۈرگۈزۈش داۋامىدا، ئەقىل ـ پاراسەت ئۇچقۇنلىرىنى ئۈزلۈكسىز چاقناتقان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق