بىمەنە ئادەم بولغۇڭىز بارمۇ؟

يوللىغۇچى : biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-24 21:29:54

بىمەنە ئادەم بولغۇڭىز بارمۇ؟بىمەنە ئادەم بولغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە قىلسىڭىز مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.1. توختىماستىن ئۆزىڭىزنى مۇھاكىمە قىلىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ شانلىق تارىخىڭى...



     

    بىمەنە ئادەم بولغۇڭىز بارمۇ؟

     

    بىمەنە ئادەم بولغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە قىلسىڭىز مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.

    1. توختىماستىن ئۆزىڭىزنى مۇھاكىمە قىلىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ شانلىق تارىخىڭىزنى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرىڭىزنى ئاغزى–ئاغزىڭىزغا تەگمەي سۆزلەڭ، باشقىلار گەپ باشلىشىغىلا گېپىنى تارتىۋېلىپ، داۋاملىق ئۆزىڭىزنىڭلا گېپىنى قىلىڭ.

    2.تېلېۋىزور كۆرۈشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇڭ، كىتاب ئوقۇماڭ، سىرتلارغا چىقىپ چېنىقىپمۇ يۈرمەڭ.ئەتىگەندىن–كەچكىچە تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، مۇھەببەت فىلىملىرى ۋە مودا بولۇۋاتقان كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى پىروگىراممىلىرىنى كۆرۈڭ.

    3.قائىدە–يۈسۈن بويىچە قىلىدىغان ھەرقانداق ئىشلار ۋە يېڭى نەرسىلەرگە قارىتا ھەرگىزمۇ تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ سىناپ يۈرمەڭ.

    4.ئۆزىڭىزنىڭ ماكانىڭىزنى مەھكەم ساقلاڭ، باشقا جايلارغا بېرىپ ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەت ۋە تىرىكچىلىك يوللىرىنى ئۆگىنىپ يۈرمەڭ.

    5.ئۆزىڭىزگە نىشان ياكى پىلان بېكىتىپ يۈرمەڭ.نېمە قىلغۇڭىز كەلسە شۇنى قىلىڭ، بىر قەدەم ماڭسىڭىز بىرگە ھېساب، چۈنكى ئۇنى ئورۇنلاش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا– مۇشەققەتلەرنى تارتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

    6.ئالغا باسماي بىر ئىزىڭىزدا تۇرۇۋېرىڭ، ئۆزىڭىز بىلىدىغان دۇنيارىڭىزنى قەتئىي ساقلاڭ، بارلىق يېڭى شەيئى ۋە كۆز قاراشلارنى قەتئىي رەت قىلىڭ.

    7.ئۆزىڭىز خۇشال بولسىڭىزلا بولدى، سالامەتلىكىڭىز بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.ھەرقاچان، ھەرزامان بەھۇزۇر قانغۇچە ئىچىڭ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ ياغ تەركىبىي يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ.

    8. ئىسىل ئىدىيەلەرنىمۇ سۆزلەپ قويۇڭ ئەمما پەقەت ئەمەل قىلماڭ. ئاغزىڭىزغا كەلسىلا راست-يالغاننى ئايرىماي سۆزلەۋېرىڭ.

    مەنبە:«تەرمىلەر» 2011 – يىل 5 – سان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بىمەنە ئادەم _