دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى- ھۆكۈمەتنى شىركەتتىن ياخشى باشقۇرۇش

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-26 09:40:31

دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانىمۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسىھۆكۈمەتنى شىركەتتىن ياخشى باشقۇرۇشئۈنۈمگە نىسبەتەن، بىز ھەر يىلى پىكىر ئال...



    دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى
    مۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)
    نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسى





    ھۆكۈمەتنى شىركەتتىن ياخشى باشقۇرۇش



     

    ئۈنۈمگە نىسبەتەن، بىز ھەر يىلى پىكىر ئالماشتۇرىمىز، يىغىن ئاچىمىز، مۇھاكىمە ئىلىپ بارىمىز، باشقۇرغۇچىلار بىردەك ئۆزلىرىنى  خىزمەتنى ناھايتى   ياخشى ئىشلەۋاتىمىز دەپ  قارايدۇ.  لىكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك ئۆسكەنلىكىنى، ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك جايلار بار- يوقلىقىنى كۆرۈپ يىتەلمەيدۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟  چۈنكى ئۇلار ھوقوقنى قولغا ئالغان كۈندىن باشلاپ ئۆز قابىلىيىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كىرەكلىكىنى، باشقۇرۇش سەۋىيسىىنى يەنىمۇ ياخشىلاش كىرەكلىكىنى تونۇپ يىتەلمىگەن.



    كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان باشقۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن، ھازىرقى زامانغا خاس زامانىۋى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى قوللىنىش كىرەك. يىڭى ئىقتىسادى ۋەزىيەتتە تەرەققىيات ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق تەڭشىيەلەيدىغان بولۇشى كىرەك. خۇددى بىزنىڭ پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرىۋاتقان «دۇبەي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە خىزمەت پىلانى» غا ئوخشاش. بەلكىم بەزىلەر «ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەققىيات ئۆلچىمىنى ئالدىن تۈزۈپ چىققان بىردىنبىر دۆلەت ئەمەس، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە رىئال  تەرەققىيات نىشانى بەلگىلىگەن بىردىنبىر دۆلەت ئەمەس » دىيىشى مومكىن.  بۇلاردىكى پەرىق زادى نىمە؟ مېنىڭچە، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ- بىزنىڭ «رېئاللىق» قا بەرگەن ئىنىقلىمىمىز. بىزگە نىسبەتەن، «رېئاللىق» نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى « چوقۇم مەۋجۇت بولۇشقا تېگىشلىك رېئاللىق». ئالايلۇق، بىزنىڭ  باشقۇرۇش سەۋىيىمىزنى  يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىلمۇ- خىل تىرىشچانلىقلىرىمىز نىڭ مەخسىدى شۇكى- قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مۇلازىمەت قىلىش ۋە خىزمەت شەكلىنى شەخسى شىركەتلەرنىڭ باشقۇرۇش   سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش.  بۇ يەتكىلى بولىدىغان نىشانمۇ؟ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرگە نىسبەتەنمۇ بۇ بىر ئارزۇ خالاس. لىكىن بۇ بىزگە نىسبەتەن رېئاللىق.


    بىزنىڭ يەنە بىر تېخىمۇ رىئالنى بىر نىشانىمىز بار. ئۇ بەلكىم باشقىلارغا نىسبەتەن خام – خىيال ھىساپلىنىشى مومكىن، ئۇ بولسىمۇ: مۇلازىمەت، ئۈنۈم ۋە ئەمىلى نەتىجە جەھەتتە بىز ھۆكۈمەتنى شەخسى شىركەتلەردىنمۇ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈش.  بىز ھەرگىزمۇ ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرماقچى ئەمەسمىز، دۆلەت ئىگىلىكىنى شەخسى ئىگىلىككە ئايلاندۇرماقچىمۇ  ئەمەسمىز، بەلكى شەخسى ئىگىلىكنى يەنىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ  ئەمەلىي، تىخىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك يىڭى پەللىگە  كۆتۈرمەكچىمىز .


    مەن خىزمەت توغرىسىدا  دائىم باشقىلارغا «خىزمەت- ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە» دىگەن گەپنى تىلغا ئالىمەن.  مېنىڭچە ئۇ دۇنيادا يۈز بىرىۋاتقان ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋاقىت ئۆتمەكتە، دۇنيا تىز سۈرئەتتە ئۇچقاندەك  ئالغا ئىلگىرلىمەكتە، بىز رىقابەتچىمىزگە «سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرۇڭلار، بىز ئاۋال ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋىلىپ، خىزمىتىمىزنى ياخشىلايمىز.» دىيەلمەيمىز. بىز بىر دەقىقىمۇ توختاپ تۇرالمايمىز. قەدىمدە بىر مەسەلدە  مۇنداق بىشارەت بەرگەن. « ئاقرىقىدا، ھەر كۈنى ئەتتىگەندە، بۆكەنلەر ئويغىنىپلا ئۆزلىرىنىڭ شىردىن تىز يۈگۈرمىسە ھالاكەتكە يۈزلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىدىكەن. شۇنداقلا، ھەر كۈنى ئەتتىگەندە شىرلارمۇ ئويغىنىپلا ئۆزلىرى بۆكەندىن تىز يۈگۈرمىسە ئاچلىقتىن ئۆلىدىغانلىقىنى ئەسكە ئالىدىكەن. مەيلى سىز كىم بولۇڭ، ھەر بىر كۈنى ئەتتىگەندە بۇ دۇنياغا يۈزلەنگىنىڭىزدە، باشقىلاردىن تىز يۈگۈرەلىسىڭىز ئاندىن غەلبە قازىنالايسىز.


    ئەجىبا بىزنىڭ باشقا تاللاش يولىمىز بارمۇ؟

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.