ئېنىقسىز نىشان

يوللىغۇچى : elqem يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-15 22:26:16

ئېنىقسىز نىشانكارولىنا[ئەنگىلىيە] ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى-گۇلنار توختىبىر ياش بىر دانىشمەندىن كىشىلىك ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەھمىيتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپتۇ.دانى...



    ئېنىقسىز نىشان

    كارولىنا[ئەنگىلىيە] 

     ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى-گۇلنار توختى

     

    بىر ياش بىر دانىشمەندىن كىشىلىك ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەھمىيتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپتۇ.

    دانىشمەن ئۇنىڭ سوئالىغا دەرھال جاۋاب بەرمەي،ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

    -يىگىت، ئېيتىڭە، ھاياتىڭىزدا نېمىگە ئېرىشىشنى بەكراق ئويلايسىز؟

    -كەچۇرۇڭ، دىمەكچى بولغىنىڭىز...- دەپتۇ يىگىت گاڭگىرغان ھالدا.

    -سىز ھاياتىڭىزدا نېمىگە ئېرىشىشنى ئويلايسىز؟ مەسىلەن،بەخت، مال-دۇنيا، ئورۇن-مەنسەپ... دېگەندەك.

    -ھىم... مەن سالامەت،خوشال-خورام بولسام ئىكەن دەپ ئويلايمەن.ئەلۋەتتە، يەنە باياشات ياشىسام دىگەن ئويۇممۇ بار،-دەپتۇ يىگىت ئوڭايسىزلانغان ھالدا،-ئەجىبا ھەممە كىشى ئۇنداق ئويلىمامدۇ؟

    -توغرا، بۇ نېمە ئۈچۈن ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭلا خوشال-خۇرام، ساغلام ۋە باياشات ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى.

    -سىز نېمە دىمەكچى؟

    - ئەگەر سىز ھاياتىڭىزدا نېمىنى ئىزدەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمىسىڭىز، ئۇنى قانداق تاپالايسىز؟

    -بىراق مەن بايا ئېيتتىمغۇ، ماڭا سالامەتلىك، خۇشالىق، شۇنداقلا باياشاتلىق كېرەك-دەپتۇ يىگىت كېسىپلا.

    -بىراق بۇ سۆزلىرىڭىز تازا ئېنىق ئەمەس،ئالاھىدە ئەھمىيتىمۇ يوق. ئۇلارنىڭ زادى مەنىسى نىمە؟

    -كەچۈرۈڭ،مەن يەنىلا سىزنىڭ گىپىڭىزنى چۇشىنەلمىدىم،-دەپتۇ يىگىت تاقەتسىزلىك بىلەن.

    -ياخشى! ئەمسە بىز گەپنى ئېنىقراق قىلايلى، مەسىلەن، سىز قانداق بولغاندا ئاندىن باياشاتلىق ھىس قىلىسىز، يەنى زادى قانچىلىك پۇل تاپقاندىن كېيىن ئاندىن باياشات بولىسىز؟

    -ھىم...ئويلاپ باقاي.

       يىگىت ئاخىرى دانىشمەننىڭ گېپىنى چۈشىنىپتۇ. ئۇ ئۇزاق ئويلىنىپ ئاخىرى مۇنداق دەپتۇ:

    -مەن ئاز دېگەندە ھازىرقى مائاشىمنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن كۆپرەك پۇل تاپقاندىلا ئاندىن باياشاتلىق ھېس قىلىمەن.

    - ياخشى، بۇ پەقەت بىر باشلىنىش، يەنىچۇ؟ -دەپتۇ دانىشمەنكۈلۈمسىرىگەن ھالدا.

    -بىر يۈرۈش ئۆيۈم بولسا،قەرزىم بولمىسا، يەنە بىر ماشىنام بولسا دەيمەن.

    -قانداق ئۆي، قايسى ماركىدىكى ماشىنا؟-دەپتۇ دانىشمەن ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ.

    -ئوقمايمەن،-دەپتۇ يىگىت جاۋابەن،-ئۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس،قانداق بولسا بولىۋېرىدۇ.

    -راستمۇ؟-دەپتۇ دانىشمەن،-ئەمىسە تازلىق ئۆيىمۇ بولمىغان، مەينەت، نامراتلار رايونىغا جايلاشقان ئۆي بولسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟

    -ياق،ئەلۋەتتە بولمايدۇ! -دەپتۇ يىگىت.

    -ئەمسە قايسى خىلدىكى ئۆي بولسا بولىدۇ؟

    -مەن گۈللۈكى بولغان، بىز ئېغىز كىتاپخانا، يەنە بىر كىچىك ئاشخانا، بىر چوڭ ھۇجرا يەنە مېھمانخانىسى بار ئىككى قەۋەتلىك ئۆيۈم بولسىكەن دەيمەن.ئۆيۈم ئەڭ ياخشىسى شەھەرنىڭ شەرىق تەرپىدىكى سودا مەركىزىگە جايلاشقان بولسىكەن دەيمەن،چۈنكى مەنمۇ دەل شۇ يەردە سودا بىلەن شۇغۇللىنىمەن.

    -ياخشى! ھازىر سىز بارا-بارا چۇشەندىڭىز،-دەپتۇ دانىشمەن جەزىملەشتۇرگەن ھالدا.

    -سىزچە ھازىرقى مائاشىڭىزنىڭ ئىككى ھەسسىسدىن كۆپ پۇل تاپالىسىڭىزلا ئاندىن بۇ چىقىملارنى كۆتۈرەلەيمەن دەپ ئويلامسىز؟

    -ياق،-دەپتۇ يىگىت كۈلۈپ تۇرۇپ،-مەن ھازىرقىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن كۆپ پۇل تاپساممۇ، يەنىلا بۇنداق قىممەت ئۆينىڭ چىقىمىنى كۆتۈرەلمەيمەن.

    -ھە، مۇنداق دەڭ، ئەمىسە سىز بايا نېمىشقا ھازىرقى مائاشىمنىڭ ئىككى ھەسسىسىدەك پۇل تاپساملا باياشاتلىق ھېس قىلىمەن دەيسىز؟

    -ھىم...ئۇ ۋاقىتتا مەن تېخى بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلاپ كۆرمەپتىمەن،- دەپتۇ تىگىت ئېتىراپ قىلىپ.

    -ئۇنداقتا، سىز ھازىر مەسىلىنىڭ زىددىيەتلىك تەرىپىنى كۆردىڭىزمۇ؟- دەپتۇ دانىشمەن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- نۇرغۇن كىشىلەر باياشات بولسام دەيدۇ، بىراق ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلاۋاقىت چىقىرىپ، ئۇزىنىڭ نىمىگە ئېرىشمەكچى، نېمە ئۈچۈن ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن ئۈزلىكسىز بايلىق يارتىمەن دەيدىكەنسىز، چوقۇم ئالدى بىلەن بۇلارنى ياخشى ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىز كېرەك. ئەمدى بىرىپ ئۆزىڭىز ھەقىقى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىزنى ئىزدەڭ، ھەتتا ئۇنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنىمۇ ئېنىق ئويلاڭ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر جەريان. بۇنىڭدا سىزنىڭ نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىڭىز ۋە نېمىنىڭ كەملىكىنى ئېيتىشىڭىزلا كۇپايە قىلمايدۇ، سىز يەنە ئۇنىڭ سەۋەبىنى ھەم مەقسەتكە قانداق يېتىشنى بىلىشىڭىز كېرەك.مانا مۇشۇلا سىزگە ھەقىقىي ياردەم بېرەلەيدۇ.

     

    مەنبەسى:تەرمىلەر 2010-يىل 5-سان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.