بېرمۇدا ئۈچ بۈرجەك رايونىنىڭ سىرى

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-26 18:52:54

دۇنيانىڭ دىققىنتىنى تارتىۋاتقان شىمالى ئاتلانتىك ئوكياندىكى بېرمۇدا رايونىدا كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيان قىزىققىپ كەلگەن سىرلىق بىر ئۈچ بۇرجەك دېڭىز رايونى با...

    بېرمۇدا ئۈچ بۈرجەك رايونىنىڭ سىرى
     
      دۇنيانىڭ دىققىنتىنى تارتىۋاتقان شىمالى ئاتلانتىك ئوكياندىكى بېرمۇدا رايونىدا كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيان قىزىققىپ كەلگەن سىرلىق بىر ئۈچ بۇرجەك دېڭىز رايونى بار،بۇ رايوننى كىشلەر «ئالۋاستى ئۈچبۇرجەك»دەپ ئاتېشىدۇ. يىقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان بۇ جايدا يۈز بەرگەن سىرلىق غايىپ بۇلۇش ۋەقەلىرى تېخىچە ئېچىلمىغان سىر بۇلۇپ كەلدى.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،پۇچتا پاراخوتى، يۈك پاراخوتى، ئۇرۇش پاراخوتى، ،سۇ ئاستى پاراخوتى، شۇنداقلا ئايرۇپىلان بۇ جايدىن ئۆتكەندە، مېنوت،سىكونت ئېچىدە ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ ، خۇددى دېڭىز سۈيىدە ئېرىپ كەتكەندەك دېرەكسىز يۇقىلىدىكەن. ئېنىقسىز سىتاتىستىكىلارغا قارىغاندا ،ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىردىن بۇيان بۇ رايوندا 240قىتىمدىن كۆپ پاراخوت چۈكۈپ كېتىش، ئايرۇپىلان چۈشۈپ كىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ،2000غا يىقىن ئادەم قازا قىلغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان بېرمۇدا« ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك» رايونىدا يۈز بەرگەن غەلىتە ۋەقەلەر خەلىققارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كۆپلىگەن ئالىملارمۇ ئۇنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن تېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ب د ت داڭلىق ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ، بۇرايوننى ئېنچىكە تەكشۈرۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە بۇ سىرلىق رايون تۇغۇرسىدا نۇرغۇن قىياسلار مەيدانغا كەلدى. 


    سارگاسسسو تەلىماتى 

        تەكشۈرۈشتىن بۇ رايوندا كەڭ كەتكەن سارگاسسو دېڭىزى بارلىقى ئېنىقلاندى. بۇنىڭدىن بەزى ئالىملار :سارگاسسسو پاراخوتلارنىڭ پىقىرغۇچىغا يۆگىشۋېلىپ پاراخوتلارنى چۆكتۈرۋەتكەن، دىگەن قاراشنى ئۇتتۇرغا قويدى. 

    دىڭىز تۇرغۇن دولقۇنى تەلىماتى 

         تۇز مىقدارى ئۇخشاش بولمىغان ئىككى خىل دىڭىز ئېقىمى ئۆز-ئار ئۇچراشقاندا ، قاينام شەكىللىنىپ تۇرغۇن دولقۇن ھاسىل قىلىدۇ. بۇخىل دولقۇن پاراخوتلارنى ئۆز جايىدا پىقىراشقا مەجبورلايدۇ ياكى ئېلگىرلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ ۋە ئۇزاققا بارمايلا پاراخوتلارنى سۇغا غەرىق قىلىدۇ. 

    تۈۋەن ئېچكى ئۇيۇشۇش كۈچى تەلىماتى 

         ئامېركىنىڭ داڭلىق ئېلىكتىرون ئېلمى مۇتخەسسى سېمىت نۇرغۇن قىتىم تەجىربە ئېشلەش ئارقىلىق ئاتموسغىرا قاتلىمىدىكى مەلۇم بىر قەۋەتتە بىر خىل تۈۋەن ئېچكى ئۇيۇشۇش كۈچ مەيدانى بولىدىغانلىقىنى ، بۇخىل كۈچنىڭ بەزىدە پەيدا بۇلۇپ ،كومپاس ۋە سىمسىز ئالاقە ئۈسكۈنىسىگە كاشىلا قىلدىغانلىقىنى ، ھەتتا ئادەمنىڭ نېرۋا سېستىمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدىغانلىقىنى بايقىغان . بۇنداق بولغاندا ، پاراخوت ۋە ئايرۇپىلانلار خاتا ھۆكۈم تۈپەيلى تېزلا ئېزىپ قىلىپ چاتاق چىقىدىكەن. 

    ۋاقىتتىن ھالقىغان بوشلۇق تەلىماتى 

         ئالىملارنىڭ ئەڭ يىڭى تەلىماتىدىن قارىغاندا ،ۋاقىت ئىنسانلار ئادەتتە بىلىدىغاندەك مەڭگۈ بىر خىل ئۆزگەرمەس سۈرئەت بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئوخشاش بولمىغان سۈرئەت بىلەن ئۆتىدىكەن ،ۋاقىتىنىڭ يەر يۈزىدىكى ئۆتۈش سۈرئىتى ئاتموسغىرا قاتلىمىدىكىدىن ئاستا بۇلۇپ ، پاراخوت ياكى ئايرۇپىلان «ۋاقىت قاينىمى» غا كىرىپ قالسا ، بۇ دۇنيادىن ۋاقىتىلىق ياكى مەڭگۈلۈك ئايرىلدىكەن. ۋاقىت نورمال يۈرۈش ئوربىتىسىدىن ئايرىلىپ قالسا ، شۇ مەزگىل ، شۇ رايوندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق جىسىمنى بىرگە ئېلىپ كىتىدىكەن .جىسىملار ئۈتمۈش ياكى كەلەۈسى دەۋىرگە كېتىدىكەن،ھەتتا «ئالەمسىمان» ۋاقىت بوشلىقىغا كىرىپ قالىدىكەن. 

    پرامىدا ماگنىت مەيدانى تەلىماتى 

         تەتقىقاتچىلار «ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك » رايونى دىڭىز ئاستىدا ئىككى غەلىتە پرامىدا بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ غايەت زور ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىپ ، يۇقرى ئېندوكسىيەلىك ماگنىت كۈچى بىلەن ئايرۇپىلان ۋە پاراخوتلارنى دىڭىز ئاستىغا تارتىپ كىتىدىغانلىقىنى بايقىغان . 

    تاشقى پىلانت ئادەملىرنىڭ دېڭىز ئاستى سىگنال سېستىمىسى تەلىماتى 

         ئالىملارنىڭ بۇ رايوندا قىلغان تەجىربىلىرىدىن بايقىلىشىچە ، بۇجاي ئالەمگە ئۇچۇش ئەسۋابى قۇيۇپ بىرىش ۋە سىمسىز يول باشلاش سىگىنالى تارقىتىشقا تولىمۇ ماس كىلىدىكەن .بۇنىڭدىن پەرەز قىلىشقا بولىدىكى، تاشقى پىلانت ئادەملىرى مەلوم خىل سىگنال تارقىتىش سېستىمىسىنى دىڭىز ئاستىغا جايلاشتۇرۇپ ، ئۇچار كېمىلىرىگە يول باشلاشقا ئېشلەتكەن بولىشى ، بۇخىل سېگنال پاراخوت ۋە ئايرۇپىلانلارنىڭ يول باشلاش سېستىمىسى ۋە ئادەملەرنىڭ غىزولوگىيەلىك ئورگانىزىملىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ ،ھالاكەتكە باشلىغان بۇلىشى مومكىن. 

    دىڭىز ئاستى ئۇچار تەخسە بازىسى تەلىماتى 

         تەتقىقاتچىلار كۆپلىگەن ئالامەتلەردىن بۇ رايوندىكى دىڭىز ئاستىدا بىر ئۇچار تەخسە بازىسى بۇلۇش مومكىنچىلىكىنى پەرەز قىلغان.1965-ئېيولدىن 1977-يىلى ئېيولغىچە نۇرغۇنلىغان ئايرىپىلان ۋە پاراخوتتىكى ئادەملەر ئۇچار تەخسىلەرنىڭ كۆپ قىتىم بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى رايونىدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ دەل ۋەقە كۆپ يۈز بەرگەن مەزگىلگە تۇغرا كەلگەن. 

    «قانونچىلىق گىزىتى» دىن ئېلىندى. 
     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر