مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاچقۇچى

يوللىغۇچى : Gulnar يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-05 08:56:29

مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاچقۇچى كۈچ، پۇل، شۇنىڭدەك دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ياردىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۆزىگە ئىشىنىش تېخىمۇ مۇھىم.ئۇ ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدا ئاجايىپ زور قۇد...

    مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاچقۇچى

       كۈچ، پۇل، شۇنىڭدەك دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ياردىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۆزىگە ئىشىنىش تېخىمۇ مۇھىم.ئۇ ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدا ئاجايىپ زور قۇدرەتكە ئىگە.
       ئادەتتىكى كىشىلەردە بىر خىل ئورتاق كېسەل بار، ئۇ بولسىمۇ مەلۇم بىر جەھەتتە ئالاھىدە ئىقتىدارى بولمىسا، ھەر قانچە تىرىشقىنىم بىلەنمۇ بىكار دەپ قاراپ، داۋاملىق تىرىشىپ بېقىشنى خالىمايدۇ.لېكىن يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ  باركى، ئۇلار دەسلەپتە ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلەنمەيدۇ، ئالاھىدە ئىقتىدارىمۇ يوق، ئەمما يەنە ئاخىرقى ھېساپتا مۇۋاپىقىيەت ئېرىشىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى باشقا كىشىلەردىن ئېشىپ چۈشكەن ھەمدە ئۇلار ئىشەنچىنى تۈۋرۈك قىلىپ تۇرۇپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە ئاخىرىدا مۇۋاپىقىيەت قازانغان.
       كۈچ، پۇل، شۇنىڭدەك دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ياردىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىگە ئىشىنىش تېخىمۇ مۇھىم، ئۇ ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدا ئاجايىپ زور قۇدرەتكە ئىگە.ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئادەم قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدۇ، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ، ئىختىراسىنى تاماملىيالايدۇ.
       ھەممە ئادەم ئۆز كۈچىگە تاينىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ياشىيالايدۇ، ئەمما ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئاز سانلىق كىشىلەرلا مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.ئەلۋەتتە،  باشقىلارغا تاينىۋېلىش، باشقىلارغا ئەگىشىش، ئويلاشتا، پىلانلاشتا ۋە ئىشلەشتە باشقىلارنى ئىشقا سېلىش ئۆزى ئويلىغان، ئۆزى پىلانلىغان ئۆزى ئىشلىگەنگە قارىغاندا كۆپ ئاسان ۋە كۆپ ئختىيارىي بولىدۇ.ئەمما ئادەم باشقىلارغا تاينىۋېلىشقا كۆنۈپ قالسا،  ھەممە نەرسىنى تەييارلاپ بېرىدىغان ئادەم بار دەپ قارىسا، جاپا چېكىپ تىرىشىش روھىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
       بەزىلەر كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىنىڭ بەك جاپا-مۇشەققەتتە قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا مەلۇم دەسمايە-ئاساس قالدۇرۇپ قويماقچى بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ئەمەلىيەتتە بالىلارغا ئاڭسىز ھالدا بالايىئاپەت قالدۇرۇپ قويغانلىق بولىدۇ.بالىلار ئۈچۈن ئېچىپ بەرگەن يول بەلكىم ئۇلارغا ئۇڭۇشسىزلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ياشلارنىڭ چوقۇم ئۆز كۈچىگە تاينىپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرەلەيدىغان  ئىقتىدارى بولىشى كېرەك.ئەپسۇسلىنارلىقى، كۆپ ساندىكى ياشلار باشقىلارغا تاينىۋالىدىغان ئادەتكە كۆنۈپ قالغان، ئۇلار يۆلەنچۈكى بولسىلا ئۆزى مېڭىشنى، مۇستەقىل ياشاشنى خالىمايدۇ.ئۆزىمىزنىڭ زېھنىي كۈچىمىز ۋە جىسمانىي  كۈچىمىزنى تۇلۇق جارى قىلدۇرالايدىغىنى سىرتقى ياردەمگە ئېرىشىش ئەمەس بەلكى ئۆزىگە تاينىش، باشقىلارغا بېقىنىش ئەمەس، بەلكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشتىن ئىبارەت.
       دۇنيادا باشقىلارغا تاينىۋېلىشتىن قۇتۇلغان، ئۆزىگە ئىشىنەلەيدىغان، ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن بولالايدىغان ئادەملا مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ.ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ، شۇنداقلا غەلىبىگە ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇچى  ھېسابلىنىدۇ.
       كاپىتاننىڭ ھەقىقىي ماھارىتىنى قاتتىق بوران-چاپقۇندا كېمە ئۆڭتۈرۈلۈش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن، ھەممەيلەن ئالاقزادىلىككە چۈشكەن پەيتتە بىلگىلى بولىدۇ.ئوخشاشلا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى جان تالىشىش، كۈرەش قىلىش بىر ئادەمنىڭ چېچەنلىكىنى ھەممىدىن بەك نامايەن قىلالايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.