دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى- تەسەۋۇر ياراتقان مۆجىزە

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-26 09:23:31

دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانىمۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسىتەسەۋۇر ياراتقان مۆجىزە (2009- يىلنىڭ ئاخىرىدا توساتتىن يۈز بەرگەن قەرىزدارلى...



    دۇبەي شاھزادىسىنىڭ بايانى
    مۇھەممەد. بىن. راشىد. ئەلى مەخدۇم(ئەرەب بىرلەشمە خەلىپېلىكى شاھزادىسى)
    نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسى





    تەسەۋۇر ياراتقان مۆجىزە

       



    (2009- يىلنىڭ ئاخىرىدا توساتتىن يۈز بەرگەن قەرىزدارلىق كىرزىسى، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى بولغان دۇبەينى دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.  بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرى دۇبەي شاھزادىسى، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزېنىدىتى  شۇنداقلا  باش ۋەزىرى ، «قۇملۇقتىكى مەرۋايىت » دەپ ئاتالغان بۇ شەھەرنىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى.  ئۇنىڭ بۇ كىتاۋى تەرجىمىھال خاراكتىرلىك كىتاپ بولۇپ، ئۇ بۇ كىتاپتا ئۆزىنىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈش  پىرىنىسىپىنى سىستىمىلىق ھالدا بايان قىلىپلا قالماستىن ،  دۇبەيدىن ئىبارەت گىياھ ئۈنمەس زىمىننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىش جەريانىنى تەسۋىرلەپ، «دۇبەي مۆجىزىسى» نىڭ ئارقا كۆرىنىشى، غەم – قايغۇلىرىنى  ۋە سىرلىرنى چوڭقۇر ئىچىپ بىرىپ، بىزنى  بۇ ھەقتە قىممەتلىك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.



    قۇم- بارخانلىرى ئارىسىدىكى دۇبەيدە تەسەۋۇر قانداق مۆجىرە ياراتتى؟



    دۇنيادىكى بىرىنجى قاتاردىكى پورىت قۇرۇشقا بەل باغلاش





    بىر كۈنى بىر نەچچە سودىگەر مېنى ئىزدەپ كەپتۇ. ئۇلار ماڭا ، « ئالىيلىرى، بىز خەلىپىگە  مۇھىم بىر تەكلىپ بەرگىلى كەلگەن ئىدۇق. لىكىن   ئىغىز ئىچىشتىن خىجالەت بولۇپ قالدۇق.   خەلىپە ئاتىلىرىنىڭ  سىلىگە بەك ئامراق ئىكەنلىكىدىن خەۋرىمىز بار. ئىغىر كۆرمەي ئاتىلىرىغا يەتكۈزۈپ قويغان بولسىلا، بىزنىڭ ھازىرقى راشىد پورتىمىز ئىشلىتىشكە يىتىشىىدۇ، دۆلىىتمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس، شۇڭا دۇبەيدە خەلىپە ئالىيلىرى ئويلىغاندەك ئۇنداق چوڭ پورىت قۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەم  دۆلەت كۈچىمىز يىتىشمەيدۇ. » - دېدى.

    ئەتىسى ئەتتىگەندە ئەلى تىغىغا چىقتىم. ئاتام ئۇ يەردە بىر تاغ چوققىسىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ، پورىت قۇرىدىغان جاينى كۈزىتىۋاتقان ئىكەن.  مەن پۈتۈن جاسارىتىمنى يىغىپ، سودىگەرلەرنىڭ ئويىلىغانلىرىنى ئاتامغا ئىېيتىتىم. ئاتام بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلماستىن، بىشىنى ساڭگىلىتىپ، قولىدىكى غاڭزىنى ئويناپ ئولتۇردى. ئۇ ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ بولغاندىن كىيىن، ئىككىمىز بىر  ماشىنىغا  ئولتۇرۇپ  دۇبەيگە قايىتپ كەلدۇق. ئۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش، بىر پۇتىنى ماشىنىنىڭ ئىشىكىدىن سوزۇپ سىرىتقا چىقىرىپ، پۇت- قولىنى تۈزلىۋالغاندىن كىيىن ، « بالام، ئاڭلاپ تۇرغىن، مەن بايا ساڭا جاۋاپ بەرمىدىم. چۈنكى مەن بۇ گەپلەرنى ئىنژىنىرلارنىڭ ئاڭلاپ قىلىشىدىن ئەنسىرىدىم. مەن ساڭا شۇنى دەپ قوياي، مەن بۇ پورىتىنى چوقۇم قۇرۇپ چىقىمەن، مەخسەت شۇكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەر شۇنداق پورىتتىن بىرنى قۇرۇپ چىقماقچى بولساڭلار ئۇ چاغدا راستىنلا كۈچۈڭلار يەتمەي قالىدۇ.»- دېدى.  

    ئاتام خەلىپە بولۇشتىن ئىلگىرىكى خەلىپىلەردىن ھىچقايسى بۇنداق پورىت قۇرۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. لىكىن ئاتام  ئويلاپ يىتەلىدى، شۇنداقلا ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدى. ئۇنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرالالىغانلىقىنى بىر- ئىككى ئىغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. مەن ئۇنى « مانا بۇ تەسەۋۇرنىڭ كۈچى » دەيمەن. بەزىلەرنىڭ كۆرەلەيدىغىنى ھاياتنىڭ شۇ كۈندىكى مەنزىرىسى بولسا، بەزىلەر بۇنىڭدىن 10 يىل ، 100 يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ  كىيىنكى  ئىشلارنى  كۆرۈپ يىتەلەيدۇ.

    دۇبەي  رەھبەرلىرىىنىڭ ھەممىسى ئاتىلىق سالاھىيەتتە تۇرۇپ، دۇبەينى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ توغرا تەسەۋۇرىغا  ئىگە بولۇشتى، ئۇلارنىڭ  نىشانى ئوخشاش ئىدى، يەنى، دۆلىتىدىكى قىرىنداشلار، شۇنداقلا دۆلىتىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھاجىرلارنىڭ  كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارغا راھەت تۇرمۇش ۋە  ئەمىنلىك بەخىش ئىتىش ئىدى. لىكىن ئاتامنىڭ تەسەۋۇرى ئۇ ياشاۋاتقان دەۋىردىن ھالقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بىر كۆزى « ئۆتمۈش» نىڭ دەرۋازىسىدىن ھالقىپ ئۆتسە، يەنە بىر كۆزى «كەلگۈسى» نىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، دۇبەيدىكى خەلىقئارا پۇل- مۇئامىلە كاتتا بىناسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ يىراقلارغا نەزەر تاشلىغىنىمدا،  كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان بۇ كاتتا  كۆرۈنۈشنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسى كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ. بۇ  ھەيۋەتلىك مەنزىرە دۇبەي ۋە ئوتتۇرا شەرىقكە دۇنيانى تونۇتتى، شۇنداقلا، دۇنياغا دۇبەي ۋە  ئوتتۇرا شەرىقنى تونۇتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.