تىلىمىزدىن كەتمەيلى

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-05 18:51:24

تىلىمىزدىن كەتمەيلى(مۇنارجان تەرجىمىسى) مەن ئاشۇ مىجەز-خاراكتېرى تۇراقسىز ھۆكۈمرانلاردىن قورقىمەن ھەم نەپرەتلىنىمەن. ئۇلارنىڭ سىياسىتى تولىمۇ ئۆزگىرىشچان، تۇيۇقسىزلا بارلىق ھوقوق-ئىمتىيازىنى ...

     

    تىلىمىزدىن كەتمەيلى

    (مۇنارجان تەرجىمىسى)

        مەن ئاشۇ مىجەز-خاراكتېرى تۇراقسىز ھۆكۈمرانلاردىن قورقىمەن ھەم نەپرەتلىنىمەن. ئۇلارنىڭ سىياسىتى تولىمۇ ئۆزگىرىشچان، تۇيۇقسىزلا بارلىق ھوقوق-ئىمتىيازىنى ئىشقا سېلىپ، ھەممە ئادەمنى ئەنسىزچىلىككە سېلىپ قويىدۇ؛ تۇرۇپلا ھەممە نەرسىنى ئۆز مەيلىگە قۇيۇۋېتىپ، قانۇن-ئىنتىزاملارنى بوشاشتۇرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خەلقنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ھاكىميەتكە بولغان ئىشەنچىسى يوقىلىدۇ، قىزغىنلىقى سۇسلىشىدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا، دۆلەت چەت ئەلنىڭ تاجاۋۇزىغا دۇچ كەلسە، خەلقنىڭ رايىنى قايتۇرۋەتكەنلىك سەۋەبلىك تېزلا ھالاك بولۇشى مۇمكىن.

    ئۇنىڭدىن باشقا، بىز دۆلەت ئەگەر ئوخشىمىغان پارتىيە-گوروھلارنىڭ توختاۋسىز تالاش-تارتىشى ئىچىدە تۇرسا، مەن ئوخشاشلا ئەندىشە قىلىمەن. بۇ خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسى ئومۇميۈزلۈك يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل نارازىلىقنىڭ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بەدەندىكى سۇيۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقىنىغا ئوخشايدۇ، ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تۇرغان گەپ. ئاقىل ھۆكۈمرانلارغا شۇ نەرسە ئايان، خەلقنىڭ ئازاب ۋە نارازىلىقلىرىنى دەۋېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا مەلۇم دەرىجىدە سۆز ئەركىنلىكى بېرىش كېرەك. بۇ ناھايىتى ئاددىي قائىدە. مىسال ئۈچۈن ئالساق، تېببىي داۋالاش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەگەر بەدەندە يىرىڭ بولۇپ، سىرتقا چىقىپ كېتەلمىسە، بەدەن ئىچىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

    بارلىق ھۆكۈمرانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەركىتى ئۈچۈن بىر ئۈلگە تېپىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلگىرىكى يارامسىز ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىشلىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، ئۇلار ماڭغان خاتا يولدا قايتا ماڭماسلىق كېرەك. ھوقوقدارلار بەزى ئالاھىدە ھوقوقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئالاھىدە ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلانماسلىق كېرەك. بارلىق شان-شەرەپ گۈزەل ئەخلاقتىن كېلىشى كېرەك. ئەگەر ئورۇن قانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسېرى، تەربىيىلىنىش شۇنچە يۇقىرى بولسا، بۇ ئېسىل پەزىلەتنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى بولالايدۇ، لېكىن كۆپ ھاللاردا ھوقۇق-ئىمتىيازغا ئېرىشكەن ھامان، بۇ گۈزەل ئەخلاقلار نەلەرگىدۇ غايىب بولىدۇ.

    ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغدىشى كېرەك. قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا پىرىنسىپ جەھەتتىن يىتەكچىلىك قىلىشى، لېكىن ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك. ئۆزىگە پايدىلىق نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە تېپىشىقا ماھىر بولۇشى، ياخشى نەسىھەت بەرگۈچىلەرنى رەت قىلماسلىق كېرەك. ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈم تۇرۇشى كېرەك. پاراڭلاشقاندا ياكى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۆزىنىڭ ئورنى يۇقىرى ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ياخشى. ئادەملەرگە مۇنداق بىر تەسىرات بېرىش كېرەك:« ئۇ خىزمەتتە ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش مەسئۇلىيەتچان.»

    ھۆكۈمرانلار ئاغزىم بار دەپ سۆزلەۋېرىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. گەپ-سۆزدە ئېھتىياتچان، سالماق بولۇشى كېرەك. ئۆزىگە جايىغا چۈشكەندەك بىلىنگەن، ئەمەلىيەتتە يىنىكلىك قىلىنغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ سېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. مۇنداق سۆزلەرنىڭ تارقىلىشى تېز بولىدۇ. يىغىشتۇرۇۋالماق تەس. ئۇنى كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ يۈرەك سۆزى دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ. يېقىندا مەلۇم بىر جىنايەتچى توغرۇلۇق مۇنداق گەپ قىلغان:« بىز ئۇنى يا تاپالايمىز، يا تاپالمايمىز. ئۇ بىر بولسا ئۆلدى، بىر بولسا ھايات. ئۇ دۆلىتىمىز ئىچىدە بولمىسا، چۇقۇم باشقا يەرلەردە يۇشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ. ئەگەر ئۇنى تاپقىلى بولسا، تېزرەك تاپقىنىمىز ياخشى.» ئۇنىڭ «مارجاندەك تىزىلغان» ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدۇ.

    مۇنداق ھۆكۈمرانلار شۇنى چۈشىنىشى كېرەك، ئويلانمايلا ئېغىزدىن چىقىرىۋەتكەن گەپ ئالغا بېسىش يولىدا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالىدۇ.

    بىر كۈنى، بىر ئادەم مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ قايغۇ ئەلەم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى ئۇنىڭغا تۆكۈپ بېرىپتۇ. ئۇ ئادەم ئاچچىقىغا پايلىماي ئاغىنىسى بىلەن گەپ تەگىشىپ قالغانلىقىدىن ئازابلىنىدىكەن، ئورۇنسىز گەپلەرنى قىلىپ سالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىكەن. شۇڭا، قانداق قىلسا بۇ خاتالىقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەردىن مەسلىھەت سوراپ كەپتىكەن. مۇھەممەد پەيغەمبەر بۇ ئادەمنى كەچتە پۈتۈن بازارنى بىر ئايلىنىپ چىقىشنى، ھەربىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا بىرەر تالدىن پەي تاشلاپ قويۇشنى، ئەتە ئەتىگەن ئۇ پەيلەرنىڭ بىرنى قويماي يىغىپ كېلىپ، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بېرىشنى تاپشۇرۇپتۇ. ئەتىسى ئۇ ئادەم چىرايىنى غەم باسقان ھالدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ئىزدەپ كەپتۇ.

    -مۇھەممەد پەيغەمبەر،-دەپتۇ ئۇ يىغلامسىرىغىنىچە،-مەن تۈنۈگۈن ئاخشام سىنىڭ دىگىنىڭ بويىچە ھەربىر ئۆينىڭ ئالدىغا پەي قويۇپ كەلگەنىدىم. لېكىن، بۈگۈن ئەتىگەن ئۇلارنى يىغىۋالغىلى بېرىپ بىرىنىمۇ تاپالمىدىم.

    -سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىقىپ كەتكەن گەپلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ،-دەپتۇ مۇھەممەد پەيغەمبەر چۈشەندۈرۈپ،-گەپ ئېغىزدىن چىققاندىن كېيىن ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئۇنى قايتا يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ.

    يامان نىيەتتە قىلىنغان تەنقىد ياكى ئادەمنىڭ«دىلىنى رەنجىتىدىغان سۆزلەرنى قىلغاندىن، چىرايلىق سۆزلەرنى قىلسا ئادەمنىڭ كۆڭلى ئازار يىمەسلىكى مۇمكىن؛ لېكىن تېخىمۇ ئاقىلانە ئۇسۇل-گەپ قىلغاندا ھەرۋاقىت ئۆزىگە دىققەت قىلىش. چۈنكى، ئېغىزىمىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز بىر تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدىنمۇ زور قۇدرەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن.

    تىلدىن كەتكەندىن پۇتتىن كەتكەن كۆپ ياخشى. ئوق يادىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەرگەنگە مەنسۇپ بولمايدۇ. سۆز گەپ قىلغۇچىنىڭ ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولماي قالىدۇ.

    بىز بۇ نۇقتىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك.

    ئېلبېرت خۇببارنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ____ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.